باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| ساغلاملىق دۇنياسى | خانىم-قىزلار سەھىپىسى | قانۇندىن ساۋات
ئورنىڭىز:سەھىپىلەر >> خانىم-قىزلار سەھىپىسى >> خانىم-قىزلار ساغلاملىقى >>

ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 10 قاتىل

 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2013-12-04 19:08:21


ئاياللار ياخشى ئانا، ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن، ياخشى قىز بولۇش ئۈچۈن، يەنە ھازىرقى ياخشى ئاياللار ئۆلچىمىگە يەتمەكچى بولۇش ئۈچۈن يەنى «ئاشخانىغا كىرسە تاماقنى ئاجايىپ ئوخشىتىپ ئېتەلەيدىغان، ھەرخىل سورۇنلاردا ئاجايىپ سالاپىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان» ئاياللاردىن بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال چوقۇم تەن-سالامەتلىكى ياخشى، ساغلام بولىشى كېرەك. يېقىندا ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 10 چوڭ قاتىلنى باھالاپ چىقىپ «ئاياللار چوقۇم قوغدىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئەشەددىي 10 قاتىلى» تېمىسىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەشەددىي 10 «قاتىل» تۆۋەندىكىلەر:


1. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش:
نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ فىگورىسىدىن ئانچە رازى ئەمەس بولۇپ، سېمىزلىكىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ. «تۇغۇت ئىلمى» ژۇرنىلى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، %16 بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ياكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك تىپقا كىرىدىغان ئاياللار ئۆزىنى سېمىز دەپ قارايدىكەن، %90 ئايال بولسا بەدەن شەكلىنى تۈزەش ئوپىراتسىيسى قىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەن. بۇنداق خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتى پىسخىلوگىيەلىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە بەزى ئاياللارنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئورۇقلاپ، يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشتەك ئىش-ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا بەكلا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
2. كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىش:
ئاياللار ئاسانلا كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولۇپ، تېخى ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرىدىكەن. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ روھىي بېسىم سەۋەبلىك ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.


3. تاماق يېيىشتا كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش:
ئەرلەر يېمەكلىك ئارقىلىق ئاكتىپ پوزىتسىيىسىنى ئىلگىرى سۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئاياللار بولسا كۆڭلى يېرىم بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك ۋە يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەر ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىكەن. بەزى ئاياللار كەيپىياتى ناچار بولسا قەتئىي تاماق يىمەيدۇ، بەزى ئاياللار بولسا كەيپىياتى ناچار بولسا ئەسەبىيلەرچە يىمەكلىك يەپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ، بۇمۇ ساغلاملىققا بەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەيپىيات ناچار ۋاقىتتا ياخشىسى تاماق يىمەيدىغان ياكى تاماقنى بەك يەۋىتىدىغان ئادەتنى تاشلاپ ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئىشلار ئارقىلىق دىققىتىنى چاچسىڭىز ياكى ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
4. سومكىسىنىڭ زىيادە ئېغىر بولىشى:
زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاياللار كۆتۈرىدىغان يۈدۈمە سومكا زىيادە چوڭ بولۇپ بارماقتا، بۇ ئاياللارنىڭ فىگورىسىنى بۇزىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق قاتىل. يۈدۈمە سومكا زىيادە ئېغىر بولغاندا مۈرە، دۈمبە ۋە بويۇننىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە دۈمچەك بولۇپ قېلىشتەك فىگورىنىڭ «سۈپەت ئۆزگىرىشى» نى كەلتۈرۈپمۇ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئانچە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنى سومكىغا سېلىۋالىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
5. باغىرداقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولماسلىقى:
%70 تىن ئارتۇق ئاياللار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان باغىرداق تاقايدۇ. بۇنداق چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان باغىرداق تاقىغاندا، دۈمبە، بويۇن ۋە كۆكسى قىسمىنىڭ ئاغرىشى، نەپەس ئېلىشى قىيىن بولۇش، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق، ھەتتاكى ئاسان ئاچچىقلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


6. ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى:
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان قان بېسىم ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولماسلىق ئالامەتلىرى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا ئاسانلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ چىرايى نۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ بىئارام بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن يەنە ئاسانلا يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
7. ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش:
بەزى ئاياللار ئائىلىسىنى زىيادە مۇھىم ئورۇنغا قويىۋىلىپ، ئۆزىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ «ياق» دېيىشنى ئۆگىنىۋىلىشى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئاياللار ئۆزى ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىشى، ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ كۆڭلى خالىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.
8. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش:
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بەدەن شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە بوغۇملارغا چۈشىدىغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ بوغۇم ياللۇغى، دۈمبە قىسمى ئاغرىش ۋە مۇسكۇللارنىڭ سوزۇلۇپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە تېخى پۇت قىسمىنى قايرىۋىلىش خەۋپىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇڭا ئاياللار ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى 3.8 سانتىمېتر ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىشى، ياخشىسى ئاياغ ئىچىگە پېتەك سېلىپ بوغۇمغا چۈشىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىشى كېرەك.


9. ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىمىنى يۇيماي ئۇخلاش: ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىملىرىنى يۇيىۋەتمەي ئۇخلىغاندا، گىرىم بۇيۇملىرى، چاڭ-توزان ۋە ماي قالدۇقلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى ئاسانلا تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋىلىپ، يۈز تېرىسىگە قان تولىۋىلىش، داغ قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ شۇنداقلا كۆز قىسمى ۋە يۈز تېرىسىگە بولغان زىيان زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھورۇنلۇق قىلماي ئەڭ ياخشىسى يۈزىڭىزنى يۇيىۋىتىپ مۇۋاپىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سۈرۈپ يېتىڭ.
10. ھاراق ئىچىش: ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن يېنىك بولغانلىقتىن بەدىنىدىكى سۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا بەدەننىڭ ئىسپىرتنى سۇيۇلدۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقتىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولىدۇ، شۇڭا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللار ئىسپىرتنىڭ زىيىنىغا بەكرەك ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاياللار ھاراق ئاز ئىچىشى، ھاراق ئىچكەندە سۇنى كۆپرەك ئىچىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى مەيلى ئاياللار ياكى ئەرلەر بولسۇن ھاراقنى قەتئىي ئىچمەسلىكى كېرەك.
ھەپتىلىق تەۋسىيە
تاتلىق ئىچىملىك بۆرەككە زىيانلىق
تاتلىق ئىچىملىك ...
ھېسسىياتچان قىز- ئاياللارنىڭ توققۇز خىل ئىپادىسى
ھېسسىياتچان قىز-...
توخۇ يۈرىكى قىزلارغا پايدىلىق
توخۇ يۈرىكى قىزل...
قېيىنئانىلار ياقتۇرىدىغان كېلىنلەر
قېيىنئانىلار يا...
ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
ئاياللارنىڭ يول...
ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
ئەر-ئاياللارنىڭ ...
تاماكىنىڭ يەنە بىر زىيىنى
تاماكىنىڭ يەنە ب...
تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ھېسابلىنىدىغان يېمەكلىكلەر
تەبىئىي ھامىلدا...
ئاياللارنىڭ قان تولۇقلايدىغان مەزگىللىرى
ئاياللارنىڭ قان ...
​بۆرەك مىزاجىنى تەڭشەش ھەققىدە
​بۆرەك مىزاجىنى ...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2