
كۆزىڭىز چارچىغاندا، كۆزىڭىزنى بىر نەچچە قېتىم چىڭ چىمچىقلىتىڭ، ئاندىن كۆز قارىچۇقىڭىزنى تەرتىپ بىلەن سولغا، ئوڭغا قاراپ ئايلاندۇرۇڭ. مۇشۇ ھەرىكەتنى 10 قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن يىراققا بىر مىنۇت تىكىلىپ قاراپ بېرىڭ، مۇشۇنداق بولغاندا كۆزىڭىزنىڭ مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەك بولغىنى شۇكى، ئەگەر يۇقىرى دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەس بولسىڭىز كۆز ئالمىسىڭىزنى ئايلاندۇرۇش سۈرئىتىڭىز ئاستا بولۇشى كېرەك. كۆزنى چىمچىقلىتىش ياش سۇيۇقلۇقىنى قايتىدىن كۆز ئالمىسىڭىزنىڭ سىرتقى يۈزىگە تەكشى تارقىتىدىغان بولۇپ، نەملەشتۈرۈش، پاكىزلاش رولىنى ئوينايدۇ. كۆزنى چىمچىقلاتقان پەيىتنىڭ ئۆزىدە قىسقا ۋاقىتلىق يورۇقلۇقنى ئۈزگىلى بولىدىغان بولۇپ، كۆزىڭىز قىسقا ۋاقىتلىق ئارام ئالالايدۇ.
