خې چىدى تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، خۇمارلاشقان كۆزى بىلەن ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدىن يېنىدىكى پاھىشە ئايالغا قارىدى. ئۇ ئايال كىيىملىرىنى كىيىۋاتقان بولۇپ، غۇۋا چىراق نۇرىدا ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
__ ئالدىراپلا چىقىپ كەتتىڭىزغۇ تۇمۇچۇغۇم؟-- خې چىدى ھىجىيىپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئايالنى چاقىردى.
__ كېيىن يەنە كېلىپ تۇرۇڭ جۇمۇ – دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
خې چىدى تاماكىنى ئىچىگە چىڭ تارتىپ ئەمدىلا باياتىن بولغان ئىشلارنى ئويلاي دىيىشىگە «جاڭڭىدە» ئاۋاز بىلەن بىر بىرىدىن بەستلىك كىشىدىن تۆتى كىرىپ كەلدى.
__ سەنلەر كىمۇ!؟
__ بىز سەندىن ھەق ئالغىلى كىردۇق.
__ ھەق؟ بايا 200يۈەننى بېرىپ بولغانتىمغۇ؟
__ ياق، ياق ئۇ دېگەن باشقا. سەن ھازىر ياتاق پۇلى بىلەن چەت ئەلدىن ئەكىرگەن ئىككى بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەتكىنىڭ ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن تۆلىشىڭ كېرەك.بولمىسا...
قىلتاققا چۈشۈش
بۇلتۇر 14-ئىيول كەچ سائەت 11يېرىملار بولغاندا، خې چىدى كۆڭۈل ئاچماقچى بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي كوچىسىدىكى «دۇكان»لارغا كىرىپ «قىزلارنىڭ باھاسى»نى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەتتى، ئۇ مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش سورىنىغا كىرىپ، پوكەيدە تۇرغان 20 ياشلار چاممىسىدىكى «كۈتكۈچى» بالا فىڭ جياخېغا ئۆزىنىڭ مەخسىتىنى ئېيتقىنىدا، فېڭ جياخې كۈلۈپ قويۇپ كەچ ئۆتكۈزسە، 200 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بىر ئالبومنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تاللاشنى بويرىدى. خې چىدى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 17ياشلىق «كۈتكۈچى»بالا جياڭنې ئۇنى باشلاپ بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. بىردەمدىلا بىر گۈزەل ئۇنىڭ يېنىغا كىردى...
خې چىدى كىرىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي فىڭ جياخېنىڭ تېلېفونى سايرىدى. تېلېفون قىلغان 444 لەقەملىك بىرى:
__ بۈگۈن خېرىدارىڭلار بارمۇ؟
__ ھەئە، بايا تېخى بىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇم، كېلەمسىلەر؟
__ ساڭا سەل تۇرۇپ تېلىغون بېرەي.
ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن فېڭ جياخېنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئۇ تېلىفوننى ئېلىپلا:
__ زادى كېلەمسىلەر كەلمەمسىلەر؟
__ بىز كېلىپ قالدۇق، ئالدىغا چىق.
444 ئۈچ ئادەم باشلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار فېڭ جياخې نىڭ يول باشلىشى بىلەن خې چىدى ياتقان ياتاققا قاراپ ماڭدى. نې جياڭ بۇنداق ئىشنى تۇنجى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، قىزىقىپ تەڭ باردى. ئۇلار ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن ئىچىدىكى ھېلىقى پاھىشە ئىشىكتىن چىقىپ بۇلارغا قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدى. 444:
__ بولدى، سىلەر مۇشۇ يەردە پوست تۇرۇڭلار،-دېدى ئىككى كۈتكىچىگە. كەلگەنلەرنىڭ ئارىدىن بىرى 444 نىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى...
قولغا چۈشۈش
2010- يىلى 15-ئىيول يېرىم كېچە بىر بولغاندا، خې چىدى دەلدەڭشىپ يۈگۈرۈپ ساقچى ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلىپ، پۇلاڭچىلارغا پۇلىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقىنىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئىشلىتىپ، ئۇرۇپ، يېنىدىكى 2000 يۈەن پۇل، 100ئامېرىكا دوللىرى ۋە بانكا كارتىسىنى ئېلىۋالغانلىقىنى ھەمدە كارتىدىن يەنە 4000 يۈەن پۇل ئېلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. فېڭ جياخې بىلەن نيې جاڭ بۇلتۇر15-ئىيول قانون بويىچە توختىتىپ قويۇلدى ۋە 23-مارت قولغا ئېلىندى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋاپكار فېڭ جياخې بىلەن نيې جاڭ 444 نىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورىنىدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىۋازلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، خې چىدىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 444 غا ئۇختۇرۇش قىلغان ھەمدە ئىشىك ئالدىدا پوست تۇرۇپ بەرگەن، بۇ قىلمىشىدىن قاقتى-سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكارلارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى ياخشى بولغانلىقتىن يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. جاۋاپكار نيې جاڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ھەمدە تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بولغاچقا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قاراپ، بۇ يىل 26-ئىيول «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»غا ئاساسلىنىپ، جاۋاپكار فېڭ جياخېغا مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى، جاۋاپكار نيې جاڭغا مۇددەتلىك 1 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلسۇن دېگەن ھۆكۈم چىقىرىلدى.
(ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن مەريەم ئەمەت، پىراكتىكانت مۇخبىر كامىلە ئوسمان تەييارلىغان )