مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندا مەلۇم جىنايەتچىلەر شايكىسىنىڭ تېپىۋېلىنغان كىملىك ئارقىلىق بانكىلاردا ھېسابات ئېچىپ، بانكا ئامانەت كارتىسىنى ئالدامچىلار گۇرۇھىنىڭ پۇل يۇيۇشىغا بەرگەنلىكىنى، بۇ جىنايەتچىلەر تورىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغانلىقىنى؛ پەقەت شېنجېندىلا تۇتۇلغان جىنايەتچىنىڭ يېنىدىنلا 67 مىڭ كىملىك، 4000دىن كۆپرەك بانكا كارتىسى تېپىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا سىن كۆرۈنۈشى، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جياڭشى، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا لۇڭ فامىلىلىك باشلامچىلىقىدىكى باشقىلارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق بانكا كارتىسى بېجىرىدىغان جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى تارمار قىلىشىغا ئاساس بولدى. جىنايەتچىلەر ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:«بىز پەقەت كىملىك يىغىش، يىغقان كىملىك بىلەن بانكا كارتىسى بېجىرىشكە مەسئۇل؛ بېجىرگەن بانكا كارتىسى سېتىلغاندىن كېيىن، قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىزگە ئايان ئەمەس».
جىنايەتچىلەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى ھالقىسى بولغان بانكا كارتىسىنى ئاچقۇزغۇچى ھەربىر كارتىنى ئاچقۇزسا، 10 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە «پۇل تاپالايدىغانلىقى»نى ئىقرار قىلدى. خۇنەندە باشقىلارنىڭ كىملىكى بىلەن بانكا كارتىسى ئاچقۇزۇۋاتقاندا تۇتۇلغان 20 ياشلىق قىز ئاخۇڭ مۇنداق دېدى:«مەن شېنجىندا خېلى ئۇزاق ئىشلەپمۇ كۆپ پۇل تاپالمىدىم، شۇنداقلا كاللامدىن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈش خىيالىنى زادىلا چىقىرالمىدىم، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ‹تۇتۇلۇپ قالساڭ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 كۈنلا ياتىسەن›دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ، بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. دېمىسىمۇ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانساق، ھەربىر كارتا ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 50 يۈەن ھەق ئالاتتۇق، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كارتا بېجىرەلىسەك، بىر ئايدا 6000 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتۇق، زاۋۇتتا ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ بۇنچىلىك پۇل تاپالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى...».
رازۋېدكىچىكلار مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى: توردا «گۇاڭجۇ بانكا كارتىسى بېجىرىش مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تور بېكىتى بار ئىدى، بۇ بېكەت بىلەن تېلېفون ياكى QQ ئارقىلىق ئالاقىلەشكىلى بولاتتى، ئۇلار يەنە «مەملىكەت مىقياسىدا بىرلىككە كەلگەن مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى» دېگەن نامدا يانفون نومۇرىنىمۇ ئېلان قىلغانىدى، ھەتتا نۇرغۇن بانكا بىلەن ‹ھەمكارلىق› مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ھەرقانداق بانكا كارتىسىنى بېجىرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى. ساقچىلار ناھايىتى تېزلا بۇ تور بېكىتىنىڭ ساختىلىقىنى، بانكىلارنىڭ بۇ تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، بۇ تور بېكەت مەسئۇلىيىتىنىڭ شۈ چىڭشۇاڭ ئىسىملىك بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.
شۈ چىڭشۇاڭ شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە بەش ئادەمنى ياللاپ، ئۇلار ئارقىلىق مەخسۇس بانكا كارتىسى بېجىرگەن ھەم ساتقانلىقىنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ كەسىپكە 2010-يىلىلا كىرىشكەنىدىم. باشقىلاردىن تېپىۋېلىنغان ياكى ئوغرىلانغان كىملىكلەرنى سېتىۋېلىپ بانكا كارتىسى بېجىردىم، ئاندىن ئۇنىڭ ھەربىرىنى 70 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە باھادا ساتتىم، مەندىن بانكا كارتىسى سېتىۋالغانلارنىڭ ئۇنى ئالدامچىلىق ياكى پۇل يۇيۇش ئىشىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم».