باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| ساغلاملىق دۇنياسى | خانىم-قىزلار سەھىپىسى | قانۇندىن ساۋات
ئورنىڭىز:سەھىپىلەر >> قانۇندىن ساۋات >>

ھارام سىڭمەيدۇ، ئوغرى كۈلمەيدۇ

 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2011-11-06 18:26:58
كېچىچە قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، روھىي بېسىم ئاستىدا قالغان ئېھساقجاننى يانفوننىڭ تىترىگەن ئاۋازى ئويغاتتى. ئۇ مېھمانخانا ئۆيدىكى يىغىپ قويۇلغان يوتقان-كۆرپىگە يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، شۇ قەدەر ھارغىن، روھسىز ئىدى. ئۇ يانفونىنى ئېلىۋېدى، بىرسىنىڭ «ئالتۇن دۇكانلىرىغا ئوغرى كىرگەن ئوخشايدۇ. ئىشىك بۇزۇق تۇرىدۇ!» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى-دە، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ سىرتقا ئېتىلدى. يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا دۇكانغا قويۇپ قويغان زور مىقداردىكى ئالتۇن ۋە بىر بۆلەك نەق پۇل كەلدى. ئۇ ئاخشاملا ئاشۇ نەرسىلىرىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. بىراق خوتۇن-بالىلىرى بىزنى سىرتقا ئەچىقىپ ئويناتقىن دەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:00 گىچە شەھەر كوچىلىرىدا ئايلانغان ۋە قايتىشىدا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان ئەنجان رەستىسىدىكى ئالتۇنغا ئىش قوشۇش، زىبۇزىننەت سېتىش دۇكىنىنى يوقلاپ ئۆتكەن ھەمدە خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن دۇكانغا قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە قونماقچى بولغانىدى. بىراق ئۆيگە بارغاندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانىدى...

ئۇ دۇكانغا يېقىنلاپ بېرىپ، بۇزۇلغان بىخەتەر ئىشىك، چېقىلغان قۇلۇپنىڭ ئىلغۇچلىرىنى كۆرۈپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالماي جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى...

يىپ ئۇچى بىر تال ئالتۇن ھالقىمۇ؟

ئېھساقجان دەرھال «110» غا تېلېفون قىلدى. «110»نىڭ ساقچىلىرى كەلگەندىن كېيىن دېلونىڭ مۇرەككەپ، ئوغرىلانغان زاڭ مالنىڭ زىيادە كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇلار ئەھۋالنى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رازۋېتكا چوڭ ئەترىتىگە دېلو مەلۇم قىلدى. رازۋېتكا خادىملىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دۇكاندا بىر تال ئالتۇن ھالقا قالغاندىن باشقا 606 گىرام ساپ ئالتۇن، زىبۇزىننەت، 28 مىڭ 500 يۈەن نەق پۇل قاتارلىقلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېنىقلىدى ھەمدە نەق مەيداندىن يىپ ئۇچى ئىزدەشكە باشلىدى.
ئېھساقجان ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر خېرىداردىن ھەر گىرامىنى 299.5 يۈەندىن 90 مىڭ 684 يۈەنگە بىر بۆلەك ئالتۇن سېتىۋالغان ھەمدى ئۇنى يەنە بىرسىگە ھەر گىرامىنى 300.5 يۈەندىن سېتىپ، ئارىدىن خېلى كۆپ پايدا ئالغان ئىدى. قوشنا دۇكاندىكى كەسىپداشلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانىدى. دېمەك، ئۇلار ئۇنىڭ دۇكىنىدا پۇل ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. نەق مەيداندىكى ماددىي بۇيۇملارنى قاچىلاش ساندۇقچىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئالتۇن ھالقا ئالاھىدە تاشلاپ قويۇلغان، بۇ ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچىدەك قىلاتتى. چۈنكى قوشنا دۇكانلارنىڭ بىرسىدە بىر شاگىرت بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئېھساقجانغا بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى ساتقان ھەمدە بۇ ھالقىنى باشقىلارغا سېتىۋەتمەي ساقلاپ قويسىلا، بۇنى پۇل تاپقاندا سىلىگە پايدا بېرىپ ئېلىپ كېتىمەن دېگەن ھەمدە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ئۇنى يەنە ئەسلىدىكىدىن 20 يۈەن پايدا بېرىپ ئېھساقجاندىن ئېلىپ كەتكەن. يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنى يەنە ئېھساقجانغا ساتقانىدى. مانا بۈگۈن بۇ ھالقىنىڭ بىر دانىسى يىپ ئۇچى ئورنىدا قالغان، بىر دانىسى ئوغرىلانغان. شۇڭا بۇ ئالتۇن ھالقا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ساقچىلارنىڭ قارىشىچە ئوغرىلىق قىلغان ئادەمنىڭ زەرگەرلىكتىن تولۇق خەۋىرى بار، چۈنكى ئوغرىلىق قىلغاندا، ساختا بۇيۇملار، مەسىلەن، مىس، زالتاي، شۇنىڭدەك ئالتۇنغا ئوخشاش قىلىپ ياسالغان زىبۇزىننەت قاتارلىقلاردىن بىرنىمۇ ئوغرىلىمىغان؛ يەنە بىرسى، ئوغرىلىق قىلغان ئادەم ئېھساقجاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ پۇل ۋە ئالتۇننى دەل شۇ كۈنى قويۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن.

كەڭ كۆلەملىك ئېنىقلاش، سوراق قىلىش، قوشنا دۇكانلاردىكى ھەر بىر ئادەم بىلەن نۇقتىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، دېلودا ئىلگىرىلەش بولمىغان ئەھۋالدا دۇكاننىڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتىكى بىر كىشى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى رازۋېدچىكلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 01:00 ئەتراپىدا ئۇ دۇكانغا كەلگەن ھەمدە بىر دانە توكسىكلىت (توكلۇق موتوسىكلىت) نىڭ ئېھساقجاننىڭ دۇكىنى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، دۇكان ئىچىدە بىرسىنىڭ غۇۋا يورۇقتا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئېھساقجان ئۆزى ئىش قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى پايىسى (پەلەمپەي) بىلەن ئۈستىگە چىقىپ كەتكەن. بۇ كىشىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تەمىنلىگەن ئىسپاتى گۇماندارنى جەزىملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ساقچىلار نەزەرىنى قەشقەر شەھىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كۆزلەرگە ئاغدۇردى. ھېلىقى بىر دانە ئالتۇن ھالقا ئەمەلىيەتتە ئوغرىنىڭ نىشانلىق ھالدا يىپ ئۇچىنى بۇراش، قىلمىشىنى يوشۇرۇشتىكى «تاكتىكىسى»، يەنى خۇددى كىنولاردىكىدەك رەڭبازلىقى ئىدى.

بىر جۈپ «كۆلەڭگۈ» نىڭ ھىيلىگەرلىكى

رازۋېتچىكلار ئېلېكتىرونلۇق كۆزلەردىن 2011-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈن تەڭ ۋە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تاڭ سەھەر مەزگىلىدە شەھەر كوچىلىرىدا قاتنىغان ئاپتوموبىل ۋە توكسىكلىتلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. دېگەندەك 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 01:23 دە، توكسىكلىت مىنگەن ئىككى كىشىنىڭ سەمەن يولى تەرەپتىن كېلىپ، دېلو يۈز بەرگەن تەرەپكە ماڭغانلىقى، سائەت 3:24 تە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ دېلو يۈز بەرگەن ئەنجان رەستىسىدىكى زەرگەرلەر كوچىسى تەرەپتىن چىقىپ، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تۆرە يارباغ تەرەپكە يۈرۈپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ شۇ قەدەر غەلىتە، يوچۇن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەتراپ قاراڭغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۇماندارلار بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلماي يول يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، چىراي-تۇرقىنى ئېنىق پەرق قىلغىلى بولمايتتى. رازۋېدچىكلار ۋە تېخنىك خادىملار بۇ ئىككى يوچۇن ئادەمنىڭ نەيرەڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدى ھەمدە شەھەرنىڭ ھەرقايسى قاتناش تۈگۈنلىرى، ئولتۇراق رايون، سودا-سېتىق ئورۇنلىرىدىكى بارلىق ئېلېكتىرونلۇق كۆزلەرنىڭ شۇ كۈندىكى سىنئالغۇ لېنتىسىنى تەكرار كۆرۈپ، ئىنچىكە كۆزەتتى. بۇ ئىككى يوچۇن ئادەم ئېلېكتىرونلۇق كۆزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تۆرە يارباغدىكى بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا كىرىپ كېتىپ، سائەت 3:30 دا، بۇلاقبېشى كوچىسىدىن چىقىپ، تۈمەن يولىدا پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قولىدىكى سېرىق كورۇپكا ۋە بىر بۆلەك نەرسە ئېنىق كۆرۈندى. ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا بارغاندىن كېيىن، شەرقىي كۆل بىلەن غەربىي كۆل ئايرىمىسىغا جايلاشقان ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكى تەرەپكە ماڭدى. ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە، گۇماندارلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە تۇبېركوليۇز دوختۇرخانىسى تەرەپكە ماڭدى ھەمدە «110» ساقچىغا مەلۇم قىلىش قوماندانلىق ئورنىغا يېقىن بارغاندا، توكسىكلىتنىڭ توكى تۈگىگەنلىكتىن، يېتىلەپ ماڭدى. شۇ چاغدا گۇماندارلارنىڭ مېڭىش ھالىتى ۋە بوي ئېگىزلىكى مۆلچەرلەندى ھەمدە بىرسىنىڭ بوي ئىگىزلىكىنىڭ 1.75 مېتىر، يەنە بىرسىنىڭ 1.70 مېتىر ئەتراپىدىكى ياشلار ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇلار شەرقىي كۆل ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، توكسىكلىتنى بىر بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ، بىنانىڭ پەشتىقىغا چىقىپ ئولتۇردى ھەمدە قوللىرىدىكى كورۇپكا ۋە بوپىنى يايدى، بىردىنلا ئۇلارنىڭ چىرايىدا شادلىق جىلۋىلەندى..

ئۇلار ئەمدى نېمە ئىشلارنى قىلار؟ ئۇ ئىككىسى ئۇزاق پاراڭ قىلىشقاندىن كېيىن، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، تاڭ ئاتقاندا ئۆيىگە قايتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، كوچىغا چىقىپ بىر تاكسىنى توسۇپ، ئۇدۇل كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا يۈرۈپ كەتتى. كۆلەڭگە يوقالدى، بىراق تاكسى ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇرى ئېكراندا ئېنىق ساقلىنىپ قالغانىدى. تاڭ سەھەر سائەت 5:20 دە ھېلىقى تاكسى ئاپتوموبىلى قەشقەر شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك 3-شى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. گۇماندارلار زاڭ مالنى كۆتۈرگەن ھالدا تاكسىدىن چۈشتى. كېيىن ئۇلار سابىق قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئالدىغا باردى. مانا ئەمدى گۇماندارلارنىڭ چىراي-شەكلى بىر قەدەر روشەن كۆرۈندى. قولىدىكى ھېلىقى كورۇپكا سېرىق رەڭلىك بولۇپ، ناھايىتى روشەن جۇلالاندى. ساقچىلار ئۇ كورۇپكىنىڭ ھېلىقى پەشتاختا ئىچىنى ئاختۇرۇپ كۆرگەن كورۇپكا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى ھەمدە ئېھساقجاندىن ئاشۇنداق كورۇپكىنىڭ يوقالغان-يوقالمىغانلىقىنى سورىدى، ئېھساقجان ئۇ كورۇپكىنىڭ ئۆزى نەرسە-كېرەك سېلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كورۇپكا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوغرىلىق دېلوسىدىكى جاۋابكارلار ئىكەنلىكى مۇقىملاشتى. مەيلى قانداقلا قىلسۇن، ئىككى گۇماندارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كۆزلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش «تاكتىكىسى» كارغا كەلمىگەنىدى.

«بىزنى خاتا تۇتتۇڭلار»
  كۈتمىگەن يەردىن ئىككى گۇماندار غايىپ بولۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تېپىش بەكمۇ قېيىنغا توختىدى. تاكسى شوپۇرى بۇ دېلودىكى ئاساسلىق گۇۋاھچى ئىدى، ئۇنىڭغا كۆپ تەرەپلىمە خىزمەت ئىشلەندى، ئۇ تەكرار-تەكرار ئەسلەش ئارقىلىق كېينكى قېتىم ئۇلارنى مەلۇم جايدىن قەشقەر شەھىرى قىزىل دەريا يولىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويغانلىقىنى دېدى. ئېنىقلاشتىن گۇماندارلاردىن بىرسىنىڭ مۇشۇ يەردىن ياتاق تىزىملىتىپ قويۇپ، تېخى يېتىپ باقمىغانلىقى بايقالدى. كىملىك ئادرېسى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى ئى xx نى سەمەن يولى رايونىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ باردى، بىراق ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى، نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا رازۋېدچىكلار ئۇنىڭ ئۆيىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ كۆزەتتى ھەمدە 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كۈندۈز سائەت 11:00 دە گۇماندار ئى xx نى قولغا چۈشۈردى. ئۇنىڭ شېرىكى ئا xx مۇ شۇ كۈنى كەچتە مەلۇم مېھمانخانىدىكى ياتاقتا قولغا چۈشتى. ھالبۇكى، بۇ ئىككى گۇماندار ئالتۇن ۋە پۇل ئوغرىلاشتەك جىنايىتىگە زادىلا ئىقرار بولمىدى. بەلكى «بىزنى خاتا تۇتتۇڭلار» دەپ تۇرۇۋالدى. پاكىت ۋە ئىسپاتلارنى ئېتىراپ قىلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، رازۋېدچىكلار ئۇلارنى بىرنەچچە شوپۇرغا ياندىن تونۇتتى. شوپۇرلار بىردەك ئۇلارنى تونۇپ «دەل ئاشۇلار شۇ، شەك يوق» دەپ دەلىللىدى. قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەش، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، تېلېكامېرا كۆرۈنۈشى، بارماق ئىزى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئۇلار ئاخىرى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى.

شۇنچە كۆپ ئالتۇن نەگە كەتتى؟

بۇ ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىشسىز بولۇپ، بىرسى 21 ياش، يەنە بىرى 20 ياش بولۇشىغا قارىماي، ئوغرىلىقنى خېلى ۋاقىت پىلانلاپ، قانداق قىلىش، نېمە ئوغرىلاشنى تەكرار پۈتۈشكەن. ئى xx زەرگەر بولۇپ، ئېھساقجانغا قوشنا دۇكانلاردا بىر مەھەل شاگىرت بولغان، كېيىنكى كۈنلەردە زەرگەرلىكنى تاشلاپ، نەدە كۈنى ئۆتسە شۇ يەردە يۈرگەن، ئا xx نىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرى بولسىمۇ، ھۈنەر قىلماي، بىكار يۈرۈپ يامان يولغا كىرىپ قالغان. بۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ئېھساقجاننىڭ دۇكىنىغا ئوغرىلىققا كىرىشنى پىلانلاپ، بىر نەچچە قېتىم تېگىش قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن قولچىراغ ۋە ئامبۇر، تۆمۈر كېسىدىغان قايچا، پەلەي قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالدىن تەييار قىلغان، شۇ مەزگىلدە ئېھساقجاننىڭ كونىشەھەر رايونىدىكى ئۆيى چېقىلىپ، تاربوغۇزدىكى قېيىنئاتا–قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتاتتى، ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئوغرىلىق قىلىش پۇرسىتىنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەن ھەمدە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يېرىم كېچىدە ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈن دۇكانغا بارغان، بىراق دۇكاندا ئېھساقجان ياتقانلىقتىن، خام خىيالى بەربات بولۇپ كەتكەن. 2-قېتىممۇ شۇنداق بولغان، 3-قېتىملىق ئوغرىلىقى ئۇلارغا پۈتمەس-تۈگىمەس پۇرسەت ۋە «بايلىق» ئاتا قىلغان. شۇ كۈنى ئۇلار دۇكاننىڭ بىخەتەر ئىشىكىنىڭ تۆمۈر ئۈزۈكىنى كېسىپ ئىشىكنى ئۈستىگە سەل كۆتۈرۈپ، ئاستىدىن ئۆمىلەپ كىرگەن. ئى xx ئالتۇن ۋە پۇللارنى بىر-بىرلەپ تېپىپ، ئالتۇننىڭ ساپ-ساختىلىرىنى ئايرىپ، ھېلىقى كىچىك سېرىق كورۇپكىغا سالغان، ئا xx قولچىراغنى يېقىپ ئۆي ئىچىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئى xx ھېلىقى بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى تونۇغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، يىپ ئۇچىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ قويۇش مەقسىتىدە، ھالقىنىڭ بىرىنى مەقسەتلىك ھالدا ئىش ئۈستىلىدىكى كىچىك تەخسىگە ئېلىپ كۆزگە كۆرۈنگىدەك يەرگە قويۇپ، باشقا زاڭ ماللارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكىچە ئۇلار يۈرىكى پوك-پوك يۈرگەن، ھەتتاكى ئۇلار نەق پۇلدىن ئاز بىر قىسمىنى خەجلەپ، قالغان نەرسىلەرنى تىقىپ قويۇپ، بۇ ئىش جىمىققاندا بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن 606 گىرام ساپ ئالتۇننى 2-ئولتۇراق رايوندىكى ئى xx نىڭ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، تۇيدۇرمايلا ئۇلار ياتىدىغان يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان.

ھالبۇكى، ئېھساقجاننىڭ دېلو مەلۇماتىدىكى سان بىلەن گۇماندارلارنىڭ ئىقرارىدا پەرق بار ئىدى. بولۇپمۇ، نەق پۇلنىڭ سانىدا پەرق چوڭ ئىدى، گۇماندارلار قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنىپ، تەكرار سوراق قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئالغان پۇلىمىز 28 مىڭ 500 يۈەن دېسە، زىيانلانغۇچى 40 مىڭ 200 يۈەن ئىدى، دېدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى يوچۇق چىقارماي ئىزاھلىدى. رازۋېدچىكلار تەكرار تەكشۈرۈش ۋە باھالىتىش، ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئالتۇن، زىبۇ-زىننەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى 166 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتتى، ئوغرىلانغان نەق پۇلدىن 5000 يۈەننى گۇماندار ئا xx ئادەم ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈش دېلوسىدىكى زىياننى تۆلەشكە بېرىۋەتكەن. ئى xx قىمارغا بېرىلىپ كېتىپ، بوغۇلۇپ قالغان قەرزگە بىر قىسىم پۇلنى بېرىۋەتكەن، 11000 يۈەننى بولسا، تېخى بىر تەرەپ قىلمىغان. 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە زىيانلانغۇچى 606 گىرام ساپ ئالتۇن، زىبۇزىننەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. زىيانلانغۇچى ئېھساقجان ھەر بىر بۇيۇمنى بىرمۇبىر تونۇپ شۇ قەدەر خۇشال بولدى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ ئەستايىدىللىقى، خەلقنى سۆيۈشتەك ياخشى خىزمەت ئىستىلىدىن چوڭقۇر سۆيۈندى.

ھەپتىلىق تەۋسىيە
تاتلىق ئىچىملىك بۆرەككە زىيانلىق
تاتلىق ئىچىملىك ...
ھېسسىياتچان قىز- ئاياللارنىڭ توققۇز خىل ئىپادىسى
ھېسسىياتچان قىز-...
توخۇ يۈرىكى قىزلارغا پايدىلىق
توخۇ يۈرىكى قىزل...
قېيىنئانىلار ياقتۇرىدىغان كېلىنلەر
قېيىنئانىلار يا...
ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
ئاياللارنىڭ يول...
ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
ئەر-ئاياللارنىڭ ...
تاماكىنىڭ يەنە بىر زىيىنى
تاماكىنىڭ يەنە ب...
تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ھېسابلىنىدىغان يېمەكلىكلەر
تەبىئىي ھامىلدا...
ئاياللارنىڭ قان تولۇقلايدىغان مەزگىللىرى
ئاياللارنىڭ قان ...
​بۆرەك مىزاجىنى تەڭشەش ھەققىدە
​بۆرەك مىزاجىنى ...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2