جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى لىۇۋجۇدىن كەلگەن خەۋىرى ، گۇاڭشى ئاپتونوم رايونى ليۇۋجۇ شەھىرى لۇسەي ناھىيىلىك ساقچى دائىرىلىرى 4- چېسلا خەۋەر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شۇجايدىكى ساقچىلارنىڭ ئۈچ كىچە-كۈندۈز يوشۇرۇنۇپ بېقىش ئارقىلىق ، يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەردىكى ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكىلى 11 يىل بۇلغان جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ * * نى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ .
تونۇشتۇرۇشىچە ، 2000- يىلى چاغاننىڭ تۆتىنچى كۈنى ، لىيۇۋجۇ شەھىرى لۇسەي ناھىيىسى خۇاڭمىيەن يېزىسى گەيجاڭ كەنتىدىكى ۋې لاۋتەي قىزى ئاشۆنىڭ بەدىنىنىڭ نەچچە يېرىگە پىچاق سانجىلىپ ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، كۈيئوغلىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىنى دەپ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان . ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى ئالغاندىن كىيىن دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ،ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئاشۆنىڭ ئېرى ۋاڭ * * ئەڭ چوڭ گۇمانلىق كىشى بولۇپ ، ۋەقە سادىر بۇلغۇندىن كىيىن بالىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ، ساقچىلار نەچچە يول ئېغىزىدا توسۇق قۇرغان ھەمدە تاققا چىقىپ زور كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن ۋاڭ * * نى تاپالمىغان .
11 يىلدىن بۇيان ، لۇسەي ساقچى دائىرىلىرى ۋاڭ * * نى قوغلاپ تۇتۇشتىن ئىزچىل ۋاز كەچمىگەن بولۇپ ، ئىلگىرى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى تەشكىللەپ گۇيجۇ ، يۈننەن ، شېنجۇۋ قاتارلىق ۋاڭ ** بېرىشى مۇمكىن بۇلغان جايلارغا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ لېكىن نەتىجىسىز بولۇپ چىققان ئىكەن . 2011- يىلى 10- ئايدا ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن تەڭ رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق ، ساقچى دائىرىلىرى ۋاڭ * * گۇيجۇدىكى يۇرتىغا يوشۇرۇن كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولىدۇ . لۇسەي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شۇ ھامان ساقچىلارنى ۋاڭ * * نى تۇتۇشقا ئەۋەتىدۇ . ۋېڭ * * نىڭ مۇقىم ئولتۇراق جايى بولمىغانلىقتىن ، بىر قىسىم قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا پارچە ئىشلارنى تېپىپ قىلىۋاتقان ئىكەن ، خەلق ساقچىلىرى ۋاڭ * * نىڭ رەسىمىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ ، گۈيياڭ شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ .
ۋېڭ * * نىڭ تاپشۇرۇشىچە ، 1994- يىلى ، ۋاڭ * * بىلەن ئاشۆ توي قىلىپ ۋاڭ * * نىڭ يۇرتى گۇيجۇ ئۆلكىسى زىيۈن ناھىيىسىگە كېلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ ھەمدە ئىككى قىزى تۇغۇلىدۇ . 200- يىلى باھار بايرىمىدا ، ئىككىيلەن لۇسەي ناھىيىسى خۇاڭمىيەن يېزىسى گەيجىياڭ كەنتىدىكى ئاشۆنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ كېلىپ ، تۇرۇشتىكى ئادەتتىكى ئىشلار سەۋەبىدىن زىددىيەت تۈگمەيدۇ ، ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ، ئىككىيلەن يەنە گەپ تالىشىپ قالغاندا ، ۋاڭ * * ئاچچىقىدا قىڭراقنى ئېلىپ ئايالىغا قارىتىپ چاپىدۇ ، بىر نەچچىنى ئۇرۇپ بولۇپ ، ئايالىنىڭ تىنىقى توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ ، تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ئېلىپ كېچىلەپ قېچىپ كېتىپ ، ئالدىنقى ئىككى كۈندە تاغدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ ، كىيىن ئوغلىنى ئېلىپ تۆمۈر يولىنى بويلاپ ، تىلەمچىلىك قىلىپ مېڭىپ 10 كۈن دېگەندە ئاندىن ئاران يۇرتىغا كېلىپ ، ئوغلىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ ئۆزى بولسا يەنە سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلايدۇ .
قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا ، ۋاڭ * * زاۋۇتتا ئىشچى بولۇشقا ، پويىزغا ئولتۇرۇشقا پېتىنالمايتتى ، يۇرتىغا قايتىشقا تېخىمۇ پېتىنالمايتتى . قېچىپ يۈرگەن 11 يىلدا ئاساسلىقى تىلەمچىلىك قىلىپ جېنىنى باققان ، كۈندۈزى تىلەمچىلىك قىلغان ، كەچتە كۆۋرۈكنىڭ ئاستى ياكى بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا تاڭ ئاتقۇزغان .ئارىلىقتا ۋاڭ * * بىر نەچچە قېتىم يۇرتىغا يوشۇرۇن تېلېفون قىلغان بولۇپ ، ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى ئۆزنى مەلۇم قىلىشقا ئۈندىگەن ، لېكىن ۋاڭ * * تەلەي سىناپ ، مەن مۇشۇنداق مۇقىم يۈرۈۋەرسەم ھېچ كىم مېنى تونۇمايدۇ ، ساقچىلارمۇ تۇتالمايدۇ دەپ قاراپ ئۆزنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغان.
ھازىر ۋاڭ * * يالاپ لۇسەي ناھىيىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان .