10-ئاينىڭ 24-كۈنى، روھىي ساغلاملىق قانۇنى لايىھەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، لايىھەدە بىمارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا دېئاگنۇز قويۇشقا يول قويماسلىق، بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىشتا ئىختىيارىيلىق پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش ھەم ئىككى قېتىم قايتا تەكشۈرۈش، ئىككى قېتىم باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەجبۇرىي بالنىتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاشنىڭ شەرتى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ مەجبۇرىي بالنىتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاش تەدبىرى تۈپەيلىدىن دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، لايىھەدە «ئاپىرىش، دېياگنۇز قويۇش، داۋالاش»تىن ئىبارەت ئۈچ ھالقا ۋە قايتا تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە باھالاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. (جاڭ ياڭ، بەيلۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى