ئاسىيە19-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى «بۇزەينەپ ھاشىم» شىپاخانىسىدا تۇنجى پەرزەنت يۈزى كۆردى، ئانا-بالا پەقەت بەش مىنۇتلا دىدارلىشالدى، ئىككى سائەتتىن كېيىن قىز بوۋاقنىڭ نەپىسى توختىدى. ئۇنداقتا بۇۋاقنىڭ قازا قىلىشىغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟
- تۇغۇلغاندا بىر ئوبدان ئىدى، قانداقسىگە ئۆلۈپ قالىدۇ؟ - دېدى ئاسىيە قايغۇرغان ھالدا.
ئاسىيە 20-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى كېسەلخانىسىدا خەتەردىن قۇتۇلدى. ئۇ قولىنى يېنىدا بوش تۇرغان بۇۋاقلار كارىۋىتىغا ئېلىپ، يەنە ئاستا تارتىۋېلىپ، گەپ قىلمايلا كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى. 30 ياشقا كىرگەن ئاسىيەنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەلۇم بىر كوچىدا بولۇپ، تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. 19-سېنتەبىر سائەت 31 لەردە ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، ئېرى بىلەن ئۆيىگە ئارىلىقى 100 مېتىر كەلمەيدىغان «بۇزەينەپ ھاشىم» شىپاخانىسىغا كەلدى.
ئاسىيە مۇنداق دېدى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا قىلغۇزغانىدىم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال ئىدى. بۇزەينەپ ھاشىم شىپاخانىسى ئۆيىمىزگە يېقىن ئىدى، يەنە كېلىپ ئېلاندىن ئۇنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ، بۇ شىپاخانىدا تۇغۇشنى قارار قىلغانىدىم.
ئۇ شۇ كۈندىكى ئىشلارنى ئەسلەپ: سائەت 17دە مېنى تۇغۇتخانىغا ئېلىپ كىردى، شۇ چاغدا تۇغۇتخانىغا تۆت سېسترا بىلەن بىر دوختۇر كىردى. سائەت 19 يېرىمدا ئېغىرلىقى 3.75 كىلوگراملىق بىر قىز تۇغدۇم، دوختۇر ماڭا بالىنى كۆرسەتتى، بالا يىغلىمىدى، كۆزى يۇمۇق بولسىمۇ، لېكىن قولى مىدىراۋاتاتتى، - دېدى.
ئاسىيە تۇنجى بالىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن كۆڭلى ئىنتايىن خۇشال بولدى، بالىسى ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا تارتىشقا تەييار ئىدى. سائەت 21 گە يېقىن دوختۇرلار تۇيۇقسىز ئاسىيەگە بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاجىزلىقىنى، باش سۈيى ئىچىۋالغانلىقىنى، شىپاخانىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولمىغاچقا، داۋالىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا دەرھال چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سائەت 21 يېرىمدا ئاسىيەنىڭ ئېرى بالىنى ئېلىپ، شىپاخانىنىڭ بىر سېستراسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ، بالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
- دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، جىددىيلەشكەنلىكىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، كېيىن چوڭلارغا شىپاخانىغا بېرىشنى ئېيتىپ تېلېفون بەردىم، ئاندىن بالىنى ئېلىپ شىپاخانىغا قايتىپ كەلدىم، - دېدى ئاسىيەنىڭ ئېرى.
- مەن شىپاخانىغا بارغاندا ئاسىيە كارىۋاتتا يېتىپتۇ، كىرلىك پۈتۈنلەي قان بولۇپ كېتىپتۇ، بالا دېرىزىنىڭ تاكچىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇلۇپتۇ، بىز دوختۇردىن ئەھۋال ئىگىلەيلى، دېسەك، سېسترالار دوختۇرنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، - دېدى ئاسىيەنىڭ ئاكىسى نۇرلان.
نۇرلان شىپاخانىغا 1350 يۈەن داۋالاش ھەققى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاسىيەنى ئېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى. شىپاخانىدىكى سېسترالارنىڭ يازغان ھۆججىتىدىكى تامغىدا «بۇزەينەپ ھاشىم شىپاخانىسى» دېگەن خەتلەر بار ئىدى. سائەت 22 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە دوختۇرلار ئاسىيەنىڭ بالىياتقۇ بوينىنى تىكىش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەي، دوختۇرلارغا بالىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئېيتتى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بېكىتىلدى.
مۇخبىر 20-سېنتەبىر سائەت توققۇز يېرىمدا «بۇزەينەپ ھاشىم» شىپاخانىسىغا باردى، تۆمۈر ئىشىك تاقاق تۇراتتى، مۇخبىر ۋىۋىسكىدىكى تېلېفون نومۇرى بويىچە تېلېفون بەرسە، تېلېفون ئېتىك بولۇپ چىقتى. ئاسىيەنىڭ بالىسى ئۆرپ-ئادەت بويىچە 20-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يەرلىككە قويۇلدى. 20-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى تېببىي ئىشلار باشقارمىسى بىلەن تەڭرىتاغ رايونى باخۇلياڭ ساقچىخانىسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى.
تەڭرىتاغ رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ شىپاخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىدە تۇغۇت قوبۇل قىلىش تۈرى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشى دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشقا ياتىدىكەن. تەڭرىتاغ رايونى باخۇلياڭ ساقچىخانىسى بۇ ۋەقەنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىپاخانىنىڭ سېسترالىرىنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسى يوقكەن. ھازىر بۇ دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.