باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئابابەكرى ئابدۇقادىر: قاينام (نەسر)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:30:19

‹‹ئابابەكرى ئابدۇقادىر: قاينام (نەسر)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

قاينام

(نەسر)

ئابابەكرى ئابدۇقادىر

1

   ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبىگە مۆھۈردەك يېزىلىسەن. تىللارغا پۈتۈلگىنى ئىسمىڭدۇر، دىللارغا يېزىلغىنى بولسا پەزىلىتىڭ. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر، ئىككىسى چىڭ قۇچاقلاشقان، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن قىزىلگۈللەر تارالغان…

2

   سېيمايىڭ گۈلدەك پورەكلىگەن، ھىدلىرىڭ تاراپ تۇرار. جىلۋەڭ قارا كېچىلەرگە يورۇق ئاپتاپتۇر، يۈرىكىم بەھۇزۇر سايىدار. سايەڭ قىسقارماس، ئۇزارماس ۋە يوقالماستۇر، مەن ئۇنىڭ بەھرىگە ئەبەدىيلىك مېھمان...

3

   ھاياتىڭ ئۆزۈڭدەك راستتۇر، ئۇنى يالغان خەجلەيسەن. سۇخەن تىلىڭ بىلەن قۇرغاق دىلىڭ ئەبەدىيلىك دۈشمەنلەرگە ئايلانغان، زاھىرىڭ پەرى سىياق قۇراشتۇرۇلغان، باتىنىڭ شەيتان بىلەن مەھكەم قۇچاقلاشقان...

4

   ئەقىل قۇشلىرىڭ جەۋلاندىدۇر، ھېسسىي تۇيغۇڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىگە مەھبۇس. بىلىشنى خالايسەن، بىلمەيسەن. گىرىمسەن شولىلاردا قاڭقىپ يۈرگەندە قايتماقنى ئىستەيسەن، ئەمما مۇرادىڭ ھاسىل ئەمەس...

5

   ئۆز تەقدىرىڭگە سوقۇلغۇچىسەن، ئۇنىڭ چىللىغۇچىسى ئۆزۈڭ. كىملەرنىدۇر تىللاپ ھارمايسەن، قۇتۇلۇشنى ئىزدەنمەيسەن. ھەردەم يېزىققا تۆكۈلىسەن، ئېتىراپىڭ كەمدۇر. زاھىرەنگە چوقۇنىسەن، ماھىيەتكە دۈشمەن...

6

   سېنى بىلمەيمەن، ماڭا بىلىنمەيسەن. ئارىمىز يېقىندۇر، ئاۋازىمىز تېپىشالمايدۇ. ئارىمىز يىراقتۇر، سېنى تاپالايمەن. ھېسسىي تەلپۈنىمەن، ئەقلىي خالىمايمەن. قاڭقىشلاردا ئاۋارىمەن، مۇساپەمنىڭ داۋامى يوقتۇر...

7

   سېھىرلىك ھاياتىڭنىڭ دەقىقىلىرىگە لايىق ئىنسانسەن، ئەتراپىڭدىكى رەڭدار چەمبىرەكلەرگە ئىنسانسەن، كەلمىش-كەتمىشلەرگە، ئالمىش-بەرمىشلەرگە، قىلمىش-ئەتمىشلەرگە ئىنسانسەن، بىراق تولىمۇ نادانسەن…

8

   ئاددىي بىر ئادەمسەن، كۆرەلىگۈچىگە رىۋايەتلىك. كۆرەلمىگۈچىگە ئاشكارا. ئەقلىي سۆزلەشلەردە ئىنتايىن ئاقىلسەن، سۆزلەنمىلەردە بەك نادان. قارشى قىرغاقتا سۆيۈملۈكسەن، مەركىزىي نۇقتىدا شېكەردەك قىرتاق...

9

   ئاپئاق بىر نەسرسەن، بىتىنىم يېزىلىسەن، قايتىلانمايسەن. ئوقۇلىسەن، چۈشىنىلمەيسەن. بەدىئىيلىكىڭ يۇقىرىدۇر، لېكىن بىرمۇ ئوقۇرمىنىڭ يوق. نۇرۇڭ ئۆزۈڭنى ئاقارتالمايدۇ. يورۇشقا زارسەن، پەرلىگۈچۈڭ يوق...

10

   يېزىقلىرىڭ يورۇق نۇردۇر، ئۆزۈڭدىن ئەندازلانغان. قىلىقلىرىڭ ئوماقتۇر، تىلىڭ سىياقلانغان. پىنھانىڭ سۆيۈملۈكتۇر، زاھىرىڭ چۈچۈك. ئالمىشىڭ يوقتۇر، بەرمىشىڭ سانسىز. نادانغا تالىقسەن، كۆزلىرىڭ كوردۇر...

11

   دەردتەك قىرتاق تۆكۈلىسەن، نۇردەك پىنھان پارلىمايسەن. بىرلا كۆرۈنىسەن، قايتىلانمايسەن. كۆرۈنۈشۈڭ بەك سۆيۈملۈكتۇر، كۆرۈنمەسلىكىڭ نەپرەتلىك. قاراشلىرىڭ ئۆزگىچىدۇر، قارانمىلىرىڭ زەھەردەك تاتلىق...

12

   بىر ھاياتتا پەقەت بىر قېتىملا كۆرگىلى بولىدىغان رومانتىك سۆيگۈ تىياتىرىسەن، كىرىش بېلىتى ھېچيەردە سېتىلمايدىغان، مىڭ بىر ئامال بىلەن كىرىپ كۆرۈۋېلىشنى ئىستىگەن چاغدا سايەڭنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان...

بۇ نەسر «دولان» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2