ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بىز بىلىمىز، ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئاشكارىلىغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئادەم 20نەچچە ياش ۋاقتىدا يۇقىرى ساپالىق كىشىلەرنى دوست تۇتسا، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخمۇ بەختلىك بولالايدىكەن.
ماقالىدە مۇنداق مەزمۇن بار: مۇتەخەسسىسلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا 20نەچچە ياشلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 222نى زىيارەت قىلغان، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كىشىلەرنى قايتا زىيارەت قىلغان، بۇ 10يىلدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلار دوست تۇتۇش ئىشلىرىدىن كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرغان، ئارىدىن 20يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر 50نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ كىشىلەرنى يەنە زىيارەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ ھېسسىي تەسىراتىنى ئىگىلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشكەن: 20نەچچە ياشلاردا قاتناشقان ۋە مۇستەھكەملەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى زور بولىدىكەن. چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت توردىكى ئورنىنى تونۇشىغا ئاساس بولىدىكەن. دېمىسىمۇ ئادەم بۇ ياش باسقۇچىدا ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلىك ياشاش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلار بۇ خىل پەرقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇبۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئادەم ياشلىق دەۋرىدە دوستلىرىنى كۆپەيتسە، ئوتتۇرا ياش دەۋرىدىكى پسىخىك ساغلاملىقى تېخىمۇ ياخشى ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.