ئەي ئادەملەر
(شېئىرلار توپلىمى)
مۇساجان يۇنۇس
«ئەي ئادەملەر» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى 7-ئايدا «مىللەتلەر نەشرىياتى» (بېيجىڭ) تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
مۇساجان يۇنۇس 1960-يىلى مەكىت ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە مەكىت ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1978-يىلى 3- ئايدىن 1983- يىلى 3-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇغان. 1983-يىلى 3-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە مەكىت ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. 1998- يىلى 11-ئايدىن 2003-يىلى 6-ئايغىچە مەكىت ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 2003-يىلى 6- ئايدىن ھازىرغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
مۇساجان يۇنۇس تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىپ مەشق ئەسەرلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1980-يىلى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىزدا چىقىدىغان«شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»، «تارىم»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تەڭرىتاغ»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «كروران» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسەرلىرى (كۆپ قىسىم شېئىر) ئېلان قىلىنغان. بىر بۆلەك شېئىرلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. «ھاياتمۇ بىر سىمفونىيە» ناملىق پوۋېستى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «كارۋان» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان. «سەرسان» ناملىق پوۋېستى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مۇساجان يۇنۇسنىڭ «تاپالمىدىم ئۆزۈمنى تىنتىپ» نامىق شېئىرى 1993-يىلى «تەڭرىتاغ» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئەدەنىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
«قەلبىمدىكى چېقىنلار» ناملىق داستانى 1993-يىلى «ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «قىزلار» ناملىق شېئىرى 1996-يىلى «قەشقەر گېزىتى» تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. «دادام كۈتكەن تىلەكلەر» ناملىق شېئىرى 2000-يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «غايە، ئېتىقاد، ئەخلاق» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇساجان يۇنۇسنىڭ «مەن ئىنسانمۇ، ئەمەسمۇ؟»، «ئۆلۈپ كەتمەي بىزنى بېقىڭە»، «قېنى مېنىڭ سۇمبۇل چاچ ئانام»، «ئوغلۇمغا»، «كۆكلەيسەن»، «يول تاپتىم»، «نادانلىق»، «ئىنسان» قاتارلىق شېئىرلىرى جامائەت ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئوتتۇز يېشىم» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىگە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى ئوبزورلار يېزىلغان. «ئادەملەر» ناملىق شېئىرى خەلق تەرىپىدىن كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ «ئادەملەر»، «ئاداش»، «خار بولمايدۇ»، «تاۋلىنار» قاتارلىق بىر بۆلەك شېئىرلىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان.
مۇساجان يۇنۇس 2002-، 2003-، 2004-، 2005-، 2006-يىللىرى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتورى بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتلانغان. مۇساجان يۇنۇسنىڭ تەرجىمھالى «دۇنيادىكى جۇڭگولۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر»، «جۇڭگو مەدەنىيەت سېپىدىكى داڭلىق شەخسلەر»، «جۇڭگودىكى داڭلىق يازغۇچىلار» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن.
مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە بىرىنچىدىن، ئۆزىنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن ئىزدەپ، مەن كىم؟ مەن قېنى؟ مەن نەدە؟ دەپ چۇقان سالىدۇ ۋە چۇقانلىرى ئارقىلىق ئىنسان بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدى؟ ئىنسان ھاياتى زادى قانچىلىك؟ ئىنسان قانداق ياشىسا مەنىلىك ياشىغان بولىدۇ؟ ھاياتنىڭ قىممىتى زادى قەيەردە؟ ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى قانداق قەدىرلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا ئوبرازلىق جاۋاپ بەردى. ئىككىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە گۈزەل ئىنسان تەبىئىتى، ئىسىل ئىنسان پەزىلەتلىرىنى، بىباھا ئادىمىيلىك خىسلەتلەرنى زوق-شوق بىلەن مەدھىيلەپ، ئادەملەرنى ئەمگەكچان، ئىشچان، راستچىل، سەمىمىي، ۋاپادار، ئادالەتپەرۋەر، ئىنسابلىق، كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس نىيەتلىك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەرنى غەزەپ بىلەن قامچىلاش ئارقىلىق ئەدەملەرنى ئىككى يۈزلىمىلىك، ساختىپەزلىك، ۋاپاسىزلىق، يالغانچىلىق، كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك، قارا كۆڭۈللۈك، مۇناپىقلىق، تۇزكورلۇق، غاپىللىق، ھورۇنلۇق، تەييارتاپلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئىشرەتخورلۇق، مەيخورلۇق قاتارلىق رەزىللىكلەردىن ئاگاھلاندۇردى. ئۈچىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ھاياتقا، گۈزەل تەبىئەتكە بولغان ئوتلۇق ئىشقىنى سەبىيلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىزھار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشتىياقىنى، تەبىئەتكە بولغان مۇشتاقلىقىنى نامايان قىلدى. تۆتىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئانىلارغا، ئاياللارغا بولغان مۇقەددەس ھۆرمەت، مېھىر-مۇھەببەت، تەشەككۈر، رەھمىتىنى تەبىئىي، تەسىرلىك ئىپادىلەپ، ئۇلارنى ئۇلۇغلىدى. بەشىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ –مۇھەببەتنىڭ خاسىيىتىنى ئاشىقانە لىرىك ھېسسىيات ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئادەملەرنى جاسارەتلىك، شىجائەتلىك بولۇشقا، ھەرقانداق خېيىمخەتەر ئالدىدا مەردانە تۇرۇشقا، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەشكە ئۈندىدى، ھەمدە ئادەملەرنى ئۆز ماھايىتى بويىچە ياشاشقا، تەدبىرلىك، غايىلىك، ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىردى.
مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مۇەئەييەنلەشتۈرۈش مۈمكىن. بىرىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە تۇرمۇستىكى ماھىيەتلىك دېتاللارنى تاللىۋېلىپ، ئۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلىدى. ئىككىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان قايناق ھېسسىياتىنى تەبىئىىي سىڭدۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە تولىمۇ تېتىملىق بىلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن تىل خەلقنىڭ جانلىق تىلى بولۇپ، ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىلغان ئوخشىتىشلار، سۈپەتلەشلەر، جانلاندۇرۇشلار، كىنايىلەر، دەل جايىغا چۈشكەن ماقال-تەمسىللەر، ئۆز ئورنىنى تاپقان ئىدىئوملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان. تۆتىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرى پىكىرنىڭ ئىزچىللىقى، لوگىكىلىق تەپەككۈرنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. بەشىنچىدىن، مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىدە ئىپادە قىلىنغان ساپ ۋە ھەقىقى بولغان مەردانە ھېسسىيات كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. قىسقىسى مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىدە كۈچلۈك پەلسەپىۋى ھېكمەت جۇلالىنىپ، ھايات ھەقىقىتى نۇر چېچېپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى چىن يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان ساپ قان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىيالايدۇ.
كىرىش سۆز
شېئىرغا قاچان ئاشىق بولغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەقلىمگە كەلسەم دۇنيا ماڭا شېئىر بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى. كىچىكىمدىن باشلاپلا مەندە ھەممە نەرسىدە ھېسسىيات، سېزىم، سەزگۈ بار دەيدىغان ئاڭ شەكىللەنگەن ئىدى. شۇڭلاشقا مەن بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر نەرسە بىلەن ئۈن-تىنسىز سۆزلىشىشكە ئادەتلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مەن تا ھازىرغىچە مەن ئۇچراتقان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆزگىچە تەپەككۈر بىلەن كۈزىتىمەن ۋە ئۇ نەرسىلەر بىلەن قانغۇچە سىردىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇدۇم ئىختىيارسىز لەرزىگە كېلىپ، يۈرىكىم ساماۋى رېتىمدە دۈپۈلدەيدۇ-دە، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئۆز ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەيمەن. ھېسسىياتىم ئىپادە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاجايىپ بىر شېرىن لەززەت ئىچىدە ھوزۇرلىنىمەن.
ئەقلىمگە كەلسەم دۇنيانىڭ ئۆزى بىر شېئىر ئىكەن. مەن بۇ شېئىرنى ئاشىقانە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇدۇم ۋە ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرىنى ھاياجانلىق ھېسسىياتىم بىلەن ئۆز قېنىمغا ئايلاندۇرۇپ قايتا تەكرارلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ شېئىرىم مەيدانغا كەلدى. گەرچە شېئىرنى شېئىردەك يازالمىغان بولساممۇ، شېئىرىي دۇنيانىڭ ماڭا قىلغان تەسىرىدىن ھاياجانلىنالىغانلىقىم، ئۇنىڭ بىلەن ئازغىنە بولسىمۇ تومۇرداش بولالىغانلىقىم، ئۇنىڭغا ئەكس سادا قايتۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن شاھانە شادلىققا چۆمۈلدۈم.
مەن ھاياتىمدا شېئىر بىلەن تەڭ كۈلدۈم، شېئىر بىلەن تەڭ يىغلىدىم. نۇرغۇنلىغان چىدۇغۇسىز ئازابلارنى شېئىر يېزىپ يۈرۈپ يەڭدىم. نۇرغۇنلىغان ئېغىرچىلىقلارنى شېئىر يېزىپ يۈرۈپ يەڭگىللەتتىم. نۇرغۇنلىغان دوستلارنى شېئىر يېزىپ يۈرۈپ تاپتىم. مەن شېئىرغا ئاشىق بولغانلىقىم ئۈچۈن، مېنىڭ ھاياتىم ئاجايىپ مەنىلەر بىلەن تولدى، مەن شېئىرغا ئاشىق بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۆز-ئۆزەمگە ئىشەندىم، ئۆز-ئۆزەمنى سۆيدۈم، شۇنداقلا بۇ گۈزەل دۇنيانى ۋە ئۇلۇغ ئىنسانلارنى سۆيۈشنى بىلدىم.
مەن 48 يىللىق ھايات مۇساپەمنى شېئىر بىلەن چىرمىشىپ يۈرۈپ باستىم. مەن ئۆزەمنىڭ شېئىر سەۋداسى بولۇپ قالغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئويلاپ قالىمەنكى، ئەگەر ماڭا شېئىر جىنى چاپلاشمىغان بولسا، ھاياتىم قانداق ئۆتەتتىكىن تاڭ. مەن شېئىرنى مۇقەددەس ئىخلاس بىلەن ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا چوقۇنىمەن. ھازىرغىچە شېئىر دەپ يازغانلىرىم باشقىلارنىڭ ئاچقان ۋە ئۇسسىغان يېرىگە بارالىسا، مەن شۇنىڭغا رازى.
شۇنداق، دۇنيانىڭ ئۆزى بىر شېئىردۇر. دۇنيادىكى ھەربىر مەۋجۇدات ئۇنىڭ ھەرپ، بوغۇم، تۇراق، ۋەزىن، مىسرالىرىدۇر. دۇنيا ئەسلىدىنلا بىر شېئر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك جەلپكار، شۇنچىلىك ساپ ۋە سەبىي.
مەن بۇ ئۆمرۈمنى شېئىرنىڭ ئىشق-پىراقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل. ئەگەر شېئىرلىرىم مېنىڭ ئۆمرۈمدىن ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرەلىسە، مەن بۇ دۇنياغا كېلىپ كەتكەنلىكىمدىن قانائەت تاپقان بولاتتىم.
ناخشا توۋلاپ ئۆتتى مەجنۇن رەستىدىن
ناخشا توۋلاپ ئۆتتى مەجنۇن رەستىدىن،
شاھ كۈلكىسى ئوينار ئۇنىڭ يۈزىدە.
پەرۋاسىزلىق چىقىپ تۇرار بەستىدىن،
مەغرۇرلۇقنىڭ جىلۋىسى بار كۆزىدە.
دۇنيامۇ يوق، ئاللامۇ يوق ئېڭىدا،
ئۇ ھاياتنىڭ غوۋغاسىدىن بىخەۋەر.
مەھبۇبىسى ھەمراھى يوق يېنىدا،
ئۇ يېگانە، لېكىن غامسىز شۇ قەدەر.
ئۇ بىلمەيدۇ ساختىلىقنى – مىكىرنى،
ئۇ بىلمەيدۇ ھۆرمەت، تەھسىن، سالامنى.
ئۇ قىلمايدۇ دىلغا ئاسىي زىكىرنى،
ئۆزۈمدەكلا دەيدۇ ئەھلى-تامامنى.
يوق ئۇنىڭدا خىجىلچىلىق، يېتىرقاش،
يوق ئۇنىڭدا شېرىن خىيال، پۇشايمان.
يوق ئۇنىڭدا دوقاللاردا تېڭىرقاش،
يوق ئۇنىڭدا چېگىش پىكىر يا گۇمان.
ئۆلۈم نىمە ئويلىمايدۇ ئۇ پەقەت،
ئۆز-ئۆزىنى ئالالمايدۇ ئېسىگە.
مەۋھۇملۇقتا خوشال ئۆتەر ئۇ قەۋەت،
نادامىتى قالغان تۈگەل نېسىگە.
ناخشا توۋلاپ ئۆتتى مەجنۇن رەستىدىن،
پەرۋاسىزلىق، مەغرۇرلۇق بار چېھرىدە.
بىدار ئەمەس ئۇمۇ قۇياش ۋەسلىدىن،
ئەزىز تۇپراق باقار ئۇنى مېھرىدە.
ئەلگە قاپاق تۈرمىگىن
ئەلنى ئىلاھ دەپ بىلگىن، ئەلنى خۇدا چاغلىغىن،
ئەل ئالدىدا كېرىلمە قوينۇڭ زەرگە تولسىمۇ.
ئەقىدەڭنى، رىشتىڭنى ئەلگە مەھكەم باغلىغىن،
قىر كۆرسەتمە ئەلگە سەن، ئالەم سېنىڭ بولسىمۇ.
داۋانلارغا ياماشساڭ مەدەت بەرگەن ئەل ساڭا،
سەپەرلەرگە ئەل سېنى ئاق يول تىلەپ ئۇزاتقان.
گاھ يوقىتىپ خۇدۇڭنى، سەن غەپلەتتە ياتقاندا،
تۈرتۈپ، تۈرتۈپ ئەل سېنى سۈت ئۇيقۇدىن ئويغاتقان.
ئاتا قىلغان ئەل ساڭا ئېسىل ئۇنۋان ئاتاقنى،
ئەل كۆتۈرگەچ كۈنسېرى ئاشقان ئىززەت-ھۆرمىتىڭ.
ئەل ئالدىڭغا تاشلىغان نەچچە ئاچچىق ساۋاقنى،
نۇر بەرگەچكە ئەل ساڭا جۇلالىغان سۈلكىتىڭ.
ئەل قاتنىشىپ قىزىغان بەزمە، مەشرەپ، تويلىرىڭ،
ھەمدەم بولغان ئەل ساڭا يىغلاپ چىقساڭ مازارغا.
ئەل قوللىغاچ كېڭەيگەن، راۋان بولغان يوللىرىڭ،
سىناپ، تاۋلاپ ئەل سېنى قوشقان سەپكە، قاتارغا.
يوقلاپ تۇرغان ئەل سېنى بىمار بولۇپ يىقىلساڭ،
پالاكەتكە يولۇقساڭ ئەل سىلىغان بېشىڭنى.
گاھى بىلمەي مۆدۈرۈپ ئازگاللارغا تىقىلساڭ،
ئىشەنچ بېرىپ ئەل يەنە توختاتقان كۆز يېشىڭنى.
ئەلگە قاپاق تۈرمىگىن، ئەلگە پەشۋا ئاتمىغىن،
ئەلنىڭ ئىللىق نىگاھى سېنىڭ شانۇ شەۋكىتىڭ.
ئەلگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئەل ئالدىدا قاتمىغىن،
ئەلنى رازى ئەيلىسۇن قىلغان سۆزۈڭ، ھەرىكىتىڭ.
ئۆچسەڭ ئەلنىڭ كۆڭلىدىن ئامەتلىرىڭ تۈگەيدۇ،
ئەل دىلىنى چەگكىنىڭ پالاكەتنىڭ بەلگىسى.
ئەل بېشىغا دەسسىسەڭ بەختىڭ گۆرگە جۆنەيدۇ،
ئەلگە قىلغان مەنمەنلىك ھۆرمىتىڭنىڭ قەبرىسى.
تاپار نۇسرەت باھادىرلار
بولار يەم بۆرىگە جەزمەن چېچىلغانلار،
ئۆلەر لەنەت ئوقى بىرلە سېتىلغانلار.
كۆرەڭلەپ كەتسىمۇ پاتماي جاھانغا ھېچ،
قۇسار قان ئاخىرى بىر كۈن بېقىلغانلار.
دۇچار ئەيلەر سەپەرداشنى پالاكەتكە،
يېرىم يولدا تۇيۇقسىزلا قېتىلغانلار.
ئەمەس چىن دوست قارا تۈندە كۆرۈنمەستىن،
ھايالسىزلا يورۇق كۈندە تېپىلغانلار.
قىساس گۈلخانىدا ئايلانغۇسى كۈلگە،
دىلى كۆز ياش قىيانىدىن ئېچىلغانلار.
تاپار نۇسرەت، كۈلەر يايراپ ھامان بىر كۈن،
مۇشەققەت باغرىغا مىخ بوپ قېقىلغانلار.
ئەبەدكە يادلىنار ئەلنىڭ يۈرەكىدە،
ئاۋامنى دەپ لەھەتلەرگە سېپىلغانلار.
چاچار ئالەمگە قۇت-ئامەت، مېىر-شەپقەت،
يورۇقلۇق ۋەسلىدە شام بوپ يېقىلغانلار.
رەھمەت ئاتا
رەھمەت ئاتا، رەھمەت سىزگە تەشەككۈر،
ئەجىر مېھنەت دەرياسىدا ئاقتىڭىز.
مۇشەقەتتە ئۆتسىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر،
بىزنى ھالال پاكىز ناندا باقتىڭىز.
قىسقاندىمۇ مۇھتاجلىقنىڭ ئامبۇرى،
تىكمىدىڭىز كۆزىڭىزنى ھارامغا.
تىلىنسىمۇ ئازابلاردا باغرىڭىز،
سىز دېدىڭىز پاكلىق شىپاھ يارىغا.
ئۇيالماستىن تىك باقتىڭىز كۆزلەرگە،
كىملەرگىدۇر يۈرمىدىڭىز ئەركىلەپ.
قىلالمىدى سىزنى ھەركىم زۇۋانسىز،
ئۆتمىدىڭىز بىر كىملەرنى پەپىلەپ.
ھالال ناندا بېقىلغاچقا بىز ئاتا،
ئەل كۆزىگە ئىسسىققىنە كۆرۈندۇق.
پاكلىق قېنى جۇش ئۇرغاچقا تومۇردا،
ئۇز ھاياتتىن مەنە تېپىپ سۆيۈندۇق.
ئەللەر شۇڭا باقتى بىزگە ھەۋەستە،
تەكتىدىنلا زاتى پاكىز نەسىل دەپ.
پەخىرلەندۇق سىزدىن ئاتا ئالەمچە،
بەردى بىزگە مەڭگۈ نۇرلۇق پەسىل دەپ.
رەھمەت سىزگە پەزىلىتى ئۇز ئاتا،
بىزنى ھالال پاكىز ناندا باقتىڭىز.
ھاقارەتكە قالمىسۇن دەپ ئەۋلادىم،
ئەجىر بىلەن بىزنى كۆككە ئاتتىڭىز.
ئامان دەڭلار
ئامان دەڭلار سوراپ قالسا، مېنى ياد ئەيلىگەنلەرگە،
ھامان ھۇشيار يۈرەر دەڭلار، پېقىرنى پەيلىگەنلەرگە.
ئۆزۈمگە سايلىدىم سۇلتان، ئەقىل، ۋىجدان، جاسارەتنى،
ئۇنىڭ پاكتۇر دىلى دەڭلار، نومۇسنى چەيلىگەنلەرگە.
سۈرەرمەن شاھ ھوزۇرىنى، قىلىپ مېھنەت يېسەم زاغرا،
ھارامدىن ئۇ يىراق دەڭلار، يىرىڭدا لەيلىگەنلەرگە.
دېدىم «ئاق»نى چوقۇم بۇ «ئاق» قاراڭغۇنى دېدىم زۇلمەت،
بىگىز دەڭلار مېنى ئۆتكۈر، ھەقىقەت سۆيمىگەنلەرگە.
دىلىم بەئەينى بىر ئوكيان، گۆھەر، دۇردانىغا تولغان،
غەنىي دەڭلار مېنى چەكسىز، غۇرۇرىنى خەجلىگەنلەرگە.
مېنىڭ شەيدالىقىم راستتۇر، پىراققا، ئوتقا، ئاتەشكە،
ئاڭا ئاشنا تولا دەڭلار يېنىمدىن چەتنىگەنلەرگە.
ۋىسال دەپ دائىما تىنماي، مۇشەققەت قەددىنى ئەگدىم،
جاپا ئۇنىڭ يارى دەڭلار، رىيازەت چەكمىگەنلەرگە.
ئەمەسمەن تاج ئۈچۈن مەجنۇن، ئەمەل سوداسىدا مەن يوق،
ئۇنىڭ قەددى چىنار دەڭلار ئۆزىنى چوڭ دېگەنلەرگە.
يولۇم تاردۇر، يولۇمدا ھەم توسۇق، توزاق، خەتەر ياردۇر،
مۇسا كەلمەيدۇ بوش دەڭلار سېپىل، خەندەك، تىكەنلەرگە.
قانغانلىرىم يوقتۇر
سېنىڭ ئايدەك جامالىڭغا بېقىپ قانغانلىرىم يوقتۇر،
سېنىڭ باغرىڭغا باغرىمنى يېقىپ قانغانلىرىم يوقتۇر.
ۋاپادارلىق شارابىنى يۈرەك جامىمغا لىق قۇيدۇڭ،
ساداقەتنىڭ قىيانىدا ئېقىپ قانغانلىرىم يوقتۇر.
ئېتىقاد باغلاپ، مېنى ئىخلاس بىلەن سۆيدۈڭ،
سېنىڭ قەلبىڭگە نۇر، ئاپتاپ چېچىپ قانغانلىرىم يوقتۇر.
مېھىر-ئىشقىڭ مېنى ئالەم ئارا سۇلتانۇ شاھ قىلدى،
ئاسايىشنىڭ كۆكىدە پەر قېقىپ قانغانلىرىم يوقتۇر.
چېچىپ يالقۇن سېنىڭ قەلبىڭ، مېنى تەپتىگە رام قىلدى،
لاۋا، يالقۇنغا جىسمىمنى ئېتىپ قانغانلىرىم يوقتۇر.
ئەجەب
قىلمىدىڭ دىلبەر ماڭا قۇتلۇق بىشارەتنى ئەجەب،
سۇنمىدىڭ بىچارىگە خالىس ئىنايەتنى ئەجەب.
دائىما باقتىم يولۇڭغا ئۇ كېلەر دەپ بىر كۈنى،
شورلۇقۇڭغا يوللىدىڭ شۈكۈر، ئىبادەتنى ئەجەب.
ئىزدىدىم مەن ئىزلىرىڭنى رەمچى دىۋانە بولۇپ،
بەرمىدىڭ ۋەسلىڭگە يەت دەپ، بىر ئىجازەتنى ئەجەب.
ئاھ ئۇرۇپ ئاللاغا نالە ئەيلىدىم مەن كۈنۇ تۈن،
ئاڭلىماي يۈردۈڭ پېقىر قىلغان تىلاۋەتنى ئەجەب.
مەن غېرىبلىق دەردىنى تارتتىم چېكىدىن ئاشقۇچە،
سەن راۋا كۆردۈڭ ماڭا چەكسىز رايازەتنى ئەجەب.
مىسلىسىز زۇلمەت ئىچىدە سارغىيىپ بولدۇم سامان،
جىلۋىگە كەلتۈرمىدىڭ سۇلغۇن قىياپەتنى ئەجەب.
خار-زارلىق ئىلكىدە ئۆرتەندى بۇ مىسكىن دىلىم،
سەن ماڭا كۆرسەتمىدىڭ تەۋپىق، ھىدايەتنى ئەجەب.
بەر ماڭا
بەر سېخىيلارچە ئىلاھىم ئوت يۈرەكلىكنى ماڭا،
بەر جاپا-مۈشكۈللەردە قاتتىق سۆڭەكلىكنى ماڭا.
ئۈندىگىن قەلبىمنى ئۇزلۇق، ياخشىلىققا ھەرقاچان،
زادى سۈڭگۈتمە نىيەتتە جۇت-تۈتەكلىكنى ماڭا.
ئەيلىگىن مېھىر-ۋاپا، شەپقەتنى جىسمىمدا قىيان،
قىل سەدىقە تا ئەبەدلىك كەڭ ئېتەكلىكنى ماڭا.
قىر ھەسەتنىڭ داغلىرىنى باتىنىمدىن پاكىزە،
قىلمىغىن ئىنئام پەقەتلا ئىچ كۆيۈكلۈكنى ماڭا.
چاچ دىلىمغا چىن ئەقىدە، ئېتىقادتىن ساپ ئۇرۇق،
ئەتمە ئادەملىكتە تەقدىم، پەس-پۈچەكلىكنى ماڭا.
تاۋلىغىن تاشلاپ مېنى مېھنەت ئەجىر دەرياسىغا،
كۆرمىگىن ھەرگىز راۋا، دانسىز ئۆسمەكلىكنى ماڭا.
قىل مېنى ئارزۇ-ئۈمىد، جۈرئەت، شىجائەتكە غەنىي،
ئال دېمە جەڭگاھ ئارا گوڭگا ئۆچەكلىكنى ماڭا.
ئەلگە قىل ھەمدەم ئەبەدلىك ئەل بىلەن يىغلاپ كۈلەي،
بۇتىرىكلىكتە يولاتما بى كېرەكلىكنى ماڭا.
كۆنۈپ ئۆتتۈم مۈشكۈل خەتەرگە
كۆنۈپ كەتتىم ئازابلارغىمۇ،
جۇدۇنلارنىڭ باغرىدا يۈرۈپ.
ئۈلپەتلەشتىم مۈشكۈللەر بىلەن،
لاۋۇلدىغان يالقۇندا كۆيۈپ.
پىلسىراتتىن ئۆتتۈم تىترىمەي،
خەتەرلەرگە باقتىم گېدىيىپ.
تىلسىملاردىن يېمىدىم ۋايىم،
قويۇنلارغا قويدۇم ھىجىيىپ.
تالاپەتتىن چەكمىدىم پىغان،
چىڭ ئېسىلدىم ئۈمىد قولىغا.
يىغلىساممۇ يەنە دەس تۇردۇم،
ماڭدىم دادىل ئىقبال يولىغا.
چىڭ پاتساممۇ ئاپەت لېيىغا،
يېلىنمىدىم نامەردكە زىنھار.
يەتكەندىمۇسۆڭەككە پىچاق،
غۇرۇرۇمنى قىلمىدىم بىمار.
يۈرىكىمنى چايان چاقسىمۇ،
بىركىملەرگە يۈرمىدىم زارلاپ.
ئۆز-ئۆزۈمگە بولۇپ مەن لوقمان،
تاشلارنىمۇ قۇم قىلىپ چايناپ.
دېدىم، مۇسا ئۆتۈپ كېتىدۇ،
بۇ كۈنلەرمۇ چىداملىق بولساڭ.
قارا مەغرۇر ئالدىڭغا ھامان،
كۈتۈپ تۇرار سېنى نۇرلۇق تاڭ.
ئۆتۈپ كەتتى نى ئېغىر كۈنلەر،
جاسارىتىم بولمىدى خاراب.
زۇلمەت بىلەن ئېلىشقانسېرى،
ۋۇجۇدۇمغا كەتتى ئوت تاراپ.
ئىرادەمدىن ئەيمەندى تاغلار،
يوللار ماڭا باغرىنى ئاچتى.
تۈرگۈنلۈكتە تاپتىم بەختىمنى،
نۇسرەت قىزى ماڭا لەۋ ياقتى.
مەن ئىشەندىم جۇش ئۇرۇپ ئاققان،
تومۇردىكى ئىسسىق قېنىمغا.
مەن تېۋىندىم ئېتىقاد بىلەن،
ھالال ئىشلەپ تاپقان نېنىمغا.
ئاجايىپكەن ھايات دېڭىزى،
يالمايدىكەن تىترىگەنلەرنى.
ئۇتۇق بىلەن تارتۇقلايدىكەن،
چىڭ ئىرادە تىكلىگەنلەرنى.
سىنايدۇ
سىناق تولا ئالدىڭدا، سېنى جاھان سىنايدۇ،
تاسقاپ نەچچە ئەلگەكتە رەڭدار جاھان سىنايدۇ.
نۇرلۇق تاڭنىڭ كەينىدىن كېلەر جۇتلۇق تۈنلەرمۇ،
ئەگىپ يۈرۈپ ئۈستۈڭدە بۇلۇت، مانان سىنايدۇ.
سەپەرلەردە ھەمراھدۇر ساڭا تىلسىم خەتەرلەر،
ئىرادەڭنى يولۇڭدا ئېگىز داۋان سىنايدۇ.
مۇتلەق ئەمەس كۈلگىنىڭ، كۈلەلمەيسەن دائىما،
شادلىقىڭنىڭ ئۆمرىنى چېقىپ چايان سىنايدۇ.
باغدا يۈرۈپ مەست بولما، ئېزگۈ كۈيلەر ئەۋجىدە،
سېنى كۈتۈپ دالدىدا بۆرە-قاۋان سىنايدۇ.
چۆمۈچۈڭگە چىققۇسى قازىنىڭغا سالغىنىڭ،
مېھنىتىڭنى، ئەجرىڭنى دان ھەم سامان سىنايدۇ.
بەكمۇ مۈشكۈل ھەقىقىي سۆيۈش ھەمدە سۆيۈلمەك،
تاشلاپ ئېغىر سوئاللار كۆيگەن جانان سىنايدۇ.
كۆكلىگەيسەن ئاۋامنىڭ يىغىسىنى يىغلىساڭ،
قىلساڭ ئەلگە مەنمەنلىك دەۋرەپ قىيان سىنايدۇ.
ئاتلاپ كىچىك ئېرىقتىن، كەزدىم دەريا دېمىگىن،
ھىممىتىڭنى، تۆھپەڭنى ئەھلى ئىنسان سىنايدۇ.
ئەمەل تۇتقان دوستۇمغا
ئەمەل تۇتۇپ تاياقتەك قېتىۋالما ئادىشىم،
پاتقىقىغا كىبىرنىڭ پېتىۋالما ئادىشىم.
ساڭا بەكمۇ يارىشار سوغوققانلىق، كەمتەرلىك،
مەن كاتتا دەپ زىيادە ئېشىۋالما ئادىشىم.
ئەل بېشىدا كۆتۈرەر پەزىلىتىڭ بولسا ئۇز،
چىرىتكۈچى دورا يەپ سېسىۋالما ئادىشىم.
خالىس چاكار، نىجاتكار دەپ چۈشەنگىن ئۆزۈڭنى،
ئەل باغرىدا قۇرت بوپ يېتىۋالما ئادىشىم.
ئەل قەلبىنى سۆزلىگىن، ئەل بەختىنى كۆزلىگىن،
جان بېقىشنىڭ ئېپىنى تېپىۋالما ئادىشىم.
ئادىللىققا، پاكلىققا باغلىغىن چىڭ ئەقىدە،
پايدا، نەپكە، ئاقچىغا بېقىۋالما ئادىشىم.
مېھرى ئوتلۇق ئاتىدەك سىلا مەزلۇم بېشىنى،
مۆمىنلەرنى چاياندەك چېقىۋالما ئادىشىم.
ھەمدەم بولغىن ئەل-يۇرتنىڭ شادلىقىغا، زارىغا،
جۇدۇنلاردا دالدىغا قېچىۋالما ئادىشىم.
بولۇپ دانا تەدبىرلىك ئەلنى باشلا بېھىشكە،
يېڭى يولدا كونا كەش سېپىۋالما ئادىشىم.
گۇمران ئەتكىن شەيتانلار، رەڭۋازلارنىڭ پەيلىنى،
رەزىللىكنى ۋىجدانغا سېتىۋالما ئادىشىم.
بىر بۇرادەرگە
قىلمىدىڭ شۈكۈر ئۆيۈڭدە بارىغا،
كۆز قىسىپ يۈردۈڭ بىراۋنىڭ يارىغا.
بىلمىدىڭ شەرم-ھايا، ئەخلاقنى ھېچ،
قامچىلاپ مىندىڭ ھەۋەس تۇلپارىغا.
كۆزلىرىڭگە ئوت كۆرۈندى باشقىسى،
كەلمىدى رەھمىڭ نىگارنىڭ زارىغا.
كۈتتى پەرزەنتىڭ سېنىڭدىن پاك مېھىر،
كۆپ ئوزۇق بەردىڭ ئۇلار پەريادىغا.
ئوۋچىلىقتا سەن چىۋەرلەشتىڭ ئەجەپ،
ئايلىنىپ قالدىڭ ساياق چولپانىغا.
شەرمىسازلىققا بېرىلدىڭ تەلۋىدەك،
قاترىدىڭ ئىشرەتپەرەسلىك غارىغا.
لاۋزىلاشتىڭ خەلقىئالەم ئالدىدا،
ئوخشىدىڭ ئەسكى چاپاننىڭ مازىغا.
باغرى زۇلمەت يولدا يۈردۈڭ مەست-ئەلەس،
باقمىدىڭ ئەلنىڭ ساڭا ئەلپازىغا.
ھەي ئۆزۈڭنى بىلمىدىڭ ئەمدى ئاداش،
قالمىقىڭ بەرھەق پۇشايمان ئاھىغا.
سارغايغان چىرايىمغا قان يۈگۈردى
بىمەھەل باسقان چاغدا مېنى غەپلەت،
ئۆزۈمنى كاچاتلىدىم پۇشايماندا.
يۈرەكنى زېدە قىلدى سانسىز قۇرت،
قالدىممەن چۆل-جەزىرە، باياۋاندا.
بۇنى ئاز دېدى بەلكىم تەقدىر يەنە،
سۈڭگۈتتى ساق تېنىمگە كېسەللىكنى.
چىڭ گىرە سالدىم ھەسرەت دىلبىرىگە،
تەييارلاپ مەن ئۆزۈمگە كېپەنلىكنى.
تۇشمۇتۇش چىلبۆرىدەك نەرە تارتىپ،
تاشلاندى ماڭا مەرەز پالاكەتلەر.
تەلمۈردۈم بىركىملەردىن تىلەپ شەپقەت،
ئارمىنىم كۆرۈۋەردى تالاپەتلەر.
ئىڭرىغان نىداھىمنى ئاڭلاپ رەقىپ،
ھەر ياقتىن چاۋاك ئۇردى، قىلدى خەندان.
قۇياشمۇ ئۆز چېھرىنى كۆرسەتمىدى،
ئۈستۈمنى باستى زۇلمەت، مۇدھىش تۇمان.
جاناننىڭ رۇخسارىدىن قاچتى جىلۋە،
كۆرۈندى كۆزۈمگە ئۇ يات سىياقتا.
قېرىنداش جىگەرلىرىم پەرۋانىدەك،
ئايلاندى ئەتراپىمدا دەرد-پىراقتا.
ناتىۋان ئاجىزلىقتىن بولدۇم بىزار،
سىلكىندىم بار كۈچۈمنى يىغىپ تۇرۇپ.
شىجائەت، جاسارەتنى قىلدىم نىگار،
مىسكىنلىك، زەئىپلىككە پەشۋا ئۇرۇپ.
سارغايغان چىرايىمغا قان يۈگۈردى،
نادامەت، ھەسرەت بىلەن چېلىشقانچە.
جىسمىمغا ماغدۇر كېلىپ كۈچ يىغىلدى،
بىۋاپا تەقدىر بىلەن ئېلىشقانچە.
ئىرادەم قىيانىغا سەجدە قىلدى،
كۈلكەمگە قاتىل بولغان پالاكەتلەر.
غەيۇرلۇق مەلھىمىدە شىپاھ تاپتى،
يۈرەكتە شەلۋەرىگەن جاراھەتلەر.
قۇياشقا كۈلۈپ باقتىم ھەر سەھەردە،
مۇڭداشتىم ئۇزاق-ئۇزاق دەريا بىلەن.
تۈنلەرنىڭ قۇچىقىدا بەزمە قۇردۇم،
ئامىتىم راۋاج تاپتى ساغلام، تېمەن.
جەسۇرلۇق بەردى ماڭا يورۇقلۇقنى،
تۆرەلدىم بۇ جاھانغا يەنە بىر رەت.
ئۆزۈمنى قەدىرلىدىم ئۆزۈم تولۇق،
كەچمىشلەر ئاتا قىلدى ماڭا ئىبرەت.