باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئۆگزىدىكى مۇھەببەت، پېشايۋاندىكى ۋەدە (تامام)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-21 13:54:51

‹‹ئۆگزىدىكى مۇھەببەت، پېشايۋاندىكى ۋەدە (تامام)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

 

    دىلشات ئۇ ئىككىيلەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا مېھمانخانىغا كىرىپ كەلدى، باش مۇلازىمەت ئورنىدا ئولتۇرغان ھامىلدار مېھمانخانا خادىمى گۈلفىزەگە قاراپ ئۆز تىلىدا:

   - گۈلى، سەن بەك چىرايلىق جۇمۇ، ئالدىنقى قېتىم سىلەر كەلگەندە مەن يوقكەنمەن، خىزمەتدېشىم ماڭا شۇنداق دېدى. ساڭا كۆپرەك قاراپ بەرسەم ساڭا ئوخشاش چىرايلىق بالا تۇغارمەنمىكى دېگەن، داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭلار جۇمۇ! ئېتىبار بېرىمەن،- دەپ كۈلدى.

   گۈلفىزە نازلىنىپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، يېنىدىكى دادىسى دېمەتلىك بۇ كىشىنى قولتۇقلاپ، لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. دىلشات ئۆزىنىڭ ھېچقانداق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىز بۇ يەرگە ئىز قوغلاپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئويلاپ جىددىيلىشىپ تۇرۇشىغا، دىلفۇزە يۈگرۈپ كىردى، ئۇ قولىدىكى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ:

   - بىزنىڭ زىيارىتىمىز بار ئىدى، بايىقى قىزنى زىيارەت قىلىمىز،- دەپلا ئاكىسىنى تارتىپ ماڭدى. دىلشات سىڭلىسىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە چىقارغان ئەقلىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىيۇ، يەنە بۇ يەرگە كىرىشىنى بىئەپ كۆرگەچكىمۇ، سەل ئاچچىقلىغاندەك:

   - سەن نېمىشقا كىردىڭ؟! سەن كىرىدىغان جاي ئەمەس بۇ! ماڭ چىقىپ كەت!

   - ئاكا، مەن ئۇ ئادەمنى تونۇيدىغاندەك قىلىمەن!

   - نېمە؟ تونۇيمەن دېدىڭما؟ ئۇ ھايۋان كىم؟

   - ئاكا، ئاچچىقىڭنى بېسىۋال، ئۇلارنى توسۇۋالايلى! 

   - سەن بۇ جېدەلگە ئارىلاشما، ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چېقىۋېتىمەن! 

   - ئاكا، ئۆتۈنەي! مەسلىنى چوڭايتمىغىن، گۈلفىزەنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئادەم يات ئادەم ئەمەس! 

     بۇ چاغدا كەينىدىن بىرەيلەننىڭ جىددىي چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دىلشات بىلەن دىلفۇزە ئالدىراش كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەيرانۇ-ھەس قالدى، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەي، غەزەپتىن كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ تۇرغاندا، گۈلفىزە بىلەن ئۇ ئادەم ئاللىبۇرۇن قۇچاقلاشقاندەك يېقىن ھالەتتە بىر ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. 

    - دىلفۇزە!؟ سىزمۇ كەپسىزدە! - ئابدۇۋەلى دىلفۇزەگە، دىلفۇزە ئابدۇۋەلىگە، دىلشات بولسا بۇ ئىككىيلەنگە قاراپ داڭ قېتىپ قالدى. دىلفۇزە ئابدۇۋەلىنى خۇددى تونۇمايدىغاندەك قىياپەتتە، ئاكىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ يانداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇۋەلى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى:

   - نەگە ماڭغىنىڭلارنى بىلىمەن، دىلفۇزە، ئاكىڭىز ئىككىمىزنى يالغۇز قويۇڭ، سىز سىرتتا ساقلاپ تۇرۇڭ!- دېدى دىلفۇزەگە قاراپ سەمىمىيلىك بىلەن. 

   دىلفۇزە ئۈن-تىنسىز بېشىنى بۇراپلا كەينىگە قاراپ ماڭدى. دىلشات بولغان ئىشلارنى ئاڭقىرالماي تۇرۇشىغا، ئابدۇۋەلى قىسقىچە تونۇشلۇق بەردى:

  - دىلشاتكا، سىز گۈلفىزەنىڭ ئاكىسى، سىز ئۇنى باشقۇرالايسىز، خاتا ئىش قىلسا ئۇرالايسىز، تىللىيالايسىز! ئەمما مەنچۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئاتام، مەن نېمىمۇ قىلالايتتىم؟ ھېلىمۇ ئالتە يىلدىن ئاشتى، ئايدا بىر قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىپ ئىزدىدىم، مانا ئەمدى تېپىشىمغا بۇ ئىپلاسلىق ئۈستىگە چۈشتۈم. نومۇستىن ئۆلەي دېدىم دىلشاتكا! دىلفۇزە كۆرۈپ قالمىسۇن، ئاتام ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالمىسۇن!

   - بىلىمەن، چۈشىنىمەن ئۇكام، ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى كېيىن دېيىشەرمىز! ئاۋۋال بۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىلى! جۈرە ماڭ!

      دىلفۇزە گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئازابتىن، نومۇستىن، غەزەپتىن ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىماقتا. ئاكىسى بىلەن ئابدۇۋەلىنىڭ يىگىتلىك غورۇرى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى زادى قانداق بولار؟ 

      ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، دىلشات گۈلفىزەنىڭ بىلىكىدىن تارتقۇچلاپ چىقىپ كەلدى. ئابدۇۋەلى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدە كېلىۋاتاتتى، دىلفۇزە يەنە بىر كىمنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

    ئابدۇۋەلى دىلفۇزەگە قاراشقا پېتىنالمىدى، ياق، توغرىسى نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. 

    ئۈچ قېرىنداش گەپ سۆزسىز ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئابدۇۋەلى مېھمانخانا ئالدىدا ئۈچەيلەننى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۆزى يەنە مېھمانخانىغا يەنى نومۇسسىز ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتكەن. ئۇلار قايسى ئىشلارنى قايسى تەرزدە بىر تەرەپ قىلىپ، قانداق ئۇسۇلدا دېيىشەركىن؟! 

   - ئوغلۇم، ياق، ئوغلۇم دېيىشكە سالاھىيىتىم توشمايدۇ. مېنى ئۇنتۇپ كەت، مەندەك ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ كەت!

   ئابدۇۋەلى بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بەتبەشىرە ۋىجدانسىزنىڭ ھەربىر تىنىقىدىنمۇ سەسكىنىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ غەزەپ-نەپرەتتىن تۈگۈلگەن مۇشتۇمى تامغا شۇنداق كۈچ بىلەن تەگدىكى، تامغا تەگكەن قولىدىن ئوتقاشتەك قىزىل قان تەپچىپ چىقتى. 

   - نومۇس! نومۇس! بىچارە ئاپام شۇنچە يىلدىن بۇيان سىزدەك ئىپلاس ئادەمنى ساقلاپ ئولتۇرغانمىدۇ؟ گۇناھىڭىزنى يۇيۇشنى ئويلىسىڭىز، بارلىق مەينەتچىلىكنى تازىلاپ ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ! ئاپامدەك ئاق كۆڭۈل ئايال ھەرگىز سىزنى قوغلاپ چىقارمايدۇ! قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ! 

    شۇنداق، ئوغۇل ئۆز ئاتىسىغا بۇنداق ئەھۋالدا نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟! 

   دىلشات ئۆزىنىڭ توي قىلغاندا ئولتۇرىدىغانغا تەييارلاپ قويغان ئۆيىگە ئىككى سىڭلىسىنى باشلاپ كىردى، ئۇ دىلفۇزەگە قاراپ:

    - ئەتە دەرىسىڭ باردۇ ھەقىچان؟! سەن ئۆيگە قايتىپ ئارام ئال، ئانامغا تىنما!

     دىلفۇزە تېخىچە ئېسىگە كېلەلمىگەندەك، كۆز چانىقىدىكى ياشمۇ تېخى قۇرىمىغانىدى. ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قوشماق قېرىندىشى گۈلفىزەگە مەنىلىك قاراپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى.

     - ماڭا قارا گۈلفۇز! - دىلشات ئۆزىنى خېلى تۇتىۋېلىپ سىڭلىسىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سەندىن نېمىشقا بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭ، ئەقەلەي-شەقەلەي دېگەندەك ئاقماس سوئاللارنى سورىمايمەن! پەقەت بۇندىن كېيىن قانداق تۇرمۇشتا ياشايدىغانلىقىڭ توغرىسىدا ۋەدە ئالماقچىمەن! كىچىكىڭدىن جاھىل، گېپىڭدە تۇرىدىغان ئىدىڭ! ھازىر سېنىڭ خاتا يولدىن قايتىپ، دۇرۇس يولدا مېڭىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن، ئەمدى جاھىللىق بىلەن شۇ يولدىن ئازماي ماڭالىساڭ سەن مەڭگۈ مېنىڭ سىڭلىم! ئەگەردە ياق، ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن كېچەلمەيمەن دېسەڭ... قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل!

    - مېنى كەچۈرگىن ئاكا! مەن ئېزىپتىمەن!- گۈلفىزە يۈزىنى ئېتىۋېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. 

    

   دىلفۇزەنىڭ مۇشۇ تاپتا ئانىسىغا، ئاكىسىغا، ئابدۇۋەلىگە يەنى ئادالەتخان ئاپىسىغا ئىچى ئاغرىپ يۈرەك-باغرى ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى. يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر چۈش بولۇشىنى، ئوقيادەك كىرپىكلىرىنى لەپپىدە بىر ئېچىشىغىلا ھەممىسىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى شۇ قەدەر ئۈمىد قىلاتتىكى، شۇنداق خىيال قىلغانسېرى، رېئاللىق شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق بىلىندى. مەكتەپكە قايتىپ ياتاققا ئەمدىلا كىرگەن پەخرىيە كارىۋاتتا پۇتىنى ساڭگىلىتىپ قويۇپ، خىيالغا چۆككەن دىلفۇزەگە قاراپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قولىنى ئۇيان-بۇيان پۇلاڭلىتىپ باقتى. دىلفۇزە كۆرمىگەندەك پىسەنتمۇ قىلماي ئولتۇردى. پەخرىيە ئاستا يېقىن كېلىپ، دىلفۇزەنىڭ تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ:

    - دىلفۇزە، نېمىش بولدى؟ بىرەر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدا؟ يىغلاپسىزغۇ؟

    دىلفۇزە يەنىلا لام-جىم دېمەي ئولتۇردى. پەخرىيە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

   - ئەسلى ھەممىگە مەن ئەيبكار، ئابدۇۋەلى ئىككىمىز ئارىسىدىكى ئىشتا كەچۈرۈم سورايمەن!

    - مۇھەببەتتە توغرا خاتا دېگەن ئۇقۇم يوق! ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس، مەن سىزدىن ئاغرىنمايمەن! ئاللىبۇرۇن سىلەرگە بەخت تىلەپ بولغانمەن، چۈشەندۈرمەڭ بولدى!- دىلفۇزە كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئايىقىنى كىيمەكچى بولغاندا، پەخرىيە ئالدىراپ ئۇنىڭ ئالدىنى توستى:

   - توختاڭ، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ! توغرا، مۇھەببەتتە توغرا-خاتا دېگەن ئۇقۇم يوق! ئەمما مەن بۇ مۇھەببەت چەمبىرىكىڭلاردا ئەمەس، شۇڭا مەن خاتا قىلدىم!

   - چۈشەندۈرۈشىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق! ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ ئاڭلىغۇم يوق! 

   ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىۋاتقان دىلفۇزەنىڭ كەينىدىن پەخرىيە يۈگۈرۈپ چىقىپ، كارىدوردىلا ۋارقىرىدى:

   - مەن يالغان گەپ تارقاتقان، بىز يۈرمىگەن. ئۇ سىزنىلا ياخشى كۆرىدۇ! خاپا بولماڭ دىلفۇزە! 

   ئۇ بىر قەۋەت پەستە تۇرۇپ، ھەممىنى ئېنىق ئاڭلىدى. پەلەمپەينىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا قەدەملىرى قېتىپ، يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېدى. ئەمدى تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر تۇرمۇش سىنىقى بۇ ئىككى ياشقا يۈزلەنگەنىدى. دىلفۇزە ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ، كونا جايغا يەنى خوڭخۇ كۆلى بويىغا كېلىپ توختىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى كۆلدىكى سۇغا بىرلىشىپ نەلەرگىدۇر ئېقىپ كېتىۋاتاتتى، ھەرقانچە ئۆكسىسىمۇ يەنىلا يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئەڭ ئاچچىق ئازاب ھېچ بىر يوقىغاندەك قىلمايتتى. يۈز قەدەم نېرىدا تۇرغان ئابدۇۋەلىمۇ يىغلاي يىغلاي دەپ يىغىسىنى زورىغا تۇتىۋالغان كىچىك بالىدەك لېۋىنى چىشلەپ ئۈمچىيىپ كۆلگە قاراپ ئۇھسىنماقتا. ئۇ دىلفۇزەگە قارىغانسېرى يۈرىكى پۇچۇلىنىپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئاچچىق رېئاللىققا قانداق يۈزلىنىشنى، ئەسلىدىكى شېرىن تۇرمۇشىنى قانداق قىلىپ ئىزىغا سېلىۋېلىشنى ئويلايتتى.

    

    پەخرىيە پۇرسەت تېپىپ ئابدۇۋەلىدىنمۇ كەچۈرۈم سورىدى، دىلفۇزە گەپ قىلمىسىمۇ زورلاپ ئۆزى گەپ قىلىپ گۇناھىنى تىلىدى. ھەر كۈنى گۆرۈستان جىمجىتلىقىغا چۆمگەن كېچىدە، يوتقانغا چىڭ پۈركىنىۋېلىپ، ئىچ ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلايدىغان دىلفۇزەگە قاراپ، ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆزى بۇ بىر جۈپنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، ئازابقا قويغان بىردىنبىر گۇناھكار ئادەم ئىدى. 

    بارا-بارا ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشكەندەك، دىلفۇزەمۇ ئابدۇۋەلىدىن ئۆزىنى بەك قاچۇرۇپ كەتمەيدىغان، ئەمما ھەربىر كۆرۈشكەندە قەتئىي ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا سۆز ئاچمايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداقتۇر بىر توساق تام بار بولۇپ، بۇ ھەر ئىككىسىگە ئايان. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ كەچلىك پائالىيىتىدىن يانغاندا، قىزلار تايتاسلاپ كىرىپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلىرىنى ئېتىپ، كارىۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى. بۇ چاغدا ئابدۇۋەلىنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان تېلېفونى پەخرىيەنى چۆچۈتىۋەتتى:

   - پەخرىيە، ياردەم قىل! دىلفۇزەنى كۆل بويىغا چىقىشقا كۆندۈرگىن! مۇھىم ئىش بار!

   - ۋوي نېمىش ئىدى ئۇنداق؟ ھازىرلىما؟

   - ھەئە، ئون مىنۇتقىچە چىقساڭلا بولاتتى! چوقۇم چىقسۇن ھە!

   - ھە، ماقۇل مەن دەپ باقاي، ئۇنىمىسا مەندىن كۆرمە!

   پەخرىيە دىلفۇزەنى ماقۇل كەلتۈرەلمەي، مىڭ تەسلىكتە سۆرىگەندەك قىلىپ كۆل بويىغا باشلاپ كەلدى. بۇ چاغدا كەينىدىن ئابدۇۋەلىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

    - دىلفۇزە، سىزنى ياخشى كۆرىمەن! ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟

    ئابدۇۋەلى قولىدا بىر دەستە ئەتتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ، دىلفۇزەگە قاراپ تۇراتتى. ئەتراپتا بىرمۇنچە بالىلار ئولىشىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىدا ئىككىدىن شام بولۇپ، يۈرەك شەكلىدە تىزىپ تۇتقانىدى. دىلفۇزە دەماللىققا ئىنكاس قايتۇرالماي، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. بۇ چاغدا پەخرىيە دىلفۇزەنىڭ جەينىكىدىن نوقۇلاپ:

   - نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟! جاۋاب بېرىڭ دىلفۇزە!

   ئابدۇۋەلى ئانىسىغا تەلمۈرگەن قوزىچاقتەك تەلمۈرۈپ تۇراتتى، دىلفۇزە خىجىللىقتىنمۇ ياكى تەسىرلىنىپ زىيادە ھاياجانلانغىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر يۈزىنى ئېتىپ تۇرۇپ، بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتتى. بۇ ئەلۋەتتە ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئىدى. ھەمدە شۇنداقلا ئىككى يىل مابەينىدە بولۇپ ئۆتكەن بارلىق سىناقلاردىن قىلچە تەۋرەنمىگەن ساپ ئەقىدىلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسى ئىدى.

    شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ساتتاراخۇن ۋىجدان ئازابىدىن ئىچ-ئىچىدىن پۇچۇلىنىپ، بۇرۇنقى قان قويۇق، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكى سەۋەبلىك، قان تومۇرى توسۇلۇپ بىراقلا يىقىلىپ چۈشتى. شۇ ياتقانچە ئۈچ ئاي گەپتىنمۇ قېلىپ، بىچارە ئاقكۆڭۈل ئايالى ئادالەتخانغا يەنە يۈك بولغانىدى. ئۇ چىن كۆڭلىدىن كەچۈرۈم سوراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، كۆزى ئوچۇق ھالدا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا چۇشلۇق جازاسىنى تارتقىلى كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا بولغان ئىش تۆت ياشنىڭ ئىچىدىلا قېلىپ، ئۇندىن سىرت ھېچكىمگە تىنمىدى. گۈلفىزەنى بولسا ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇق تەقدىرى بىلەن بىر توي قىلىپ ئاجراشقان يۇۋاشراق يىگىتكە ياتلىق قىلىپ، دىلشاتنىڭمۇ گۈلقەمبەر خانىمنىڭمۇ زىممىسىدىكى يۈك ئېلىنىپ، ئۇف دېگەندەك بولدى.

    ئۈرۈمچىنىڭ زىمىستان قىشلىرى گۈزەل لىباسلار بىلەن ئورالغان كېپىنەك كەبى باھارغا ئۇلىنىپ، يېڭى يېڭى ۋەقەلىكلەر تۇرمۇش سەھنىسىگە كەلتۈرۈلدى. ئابدۇۋەلى بىلەن دىلفۇزەنىڭ بىرلىكتە تۈركىيەدە ئاسپرانتلىق ئوقۇشقا سۇنغان ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا توي ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى. دىلفۇزە ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئابرۇيپەرەس ئانىسىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

    - جېنىم ئانا، گۈلفىزەنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك قىلغاندىكىن بولدى، مەن ئۇنچە چوڭ توي قىلىشنى خالاپ كەتمەيمەن. بىز ھازىر يىگىت تەرەپتىن بەك جىق تەلەپ قىلغىنىمىز بىلەن، ئۇلارغىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. ئىككىمىز تويدىن كېيىن چەتئەلدە ئوقۇيدىغان تۇرساق، بىزگە كېيىن تېخىمۇ پۇل كېرەك بولىدۇ ئانا! ماقۇل دېگىن، توينى چىرايلىق ئاددىيغىنا ئۆتكۈزەيلى! مەن رازى، سەنمۇ رازى بولغىن ئانا!

   شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تويى ئىنتايىن ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. چىرايلىق ئاياغلاشقان توي مۇراسىمىدىن كېيىن، بىر جۈپ ئايال قۇدا ئادالەتخان بىلەن گۈلقەمبەر خانىم يېڭى توي قىلغان كۈيئوغۇل-كېلىنگە بەختلەر تىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. دىلشات رېستۇراندىن چىقىپ بىر توپ قىزلار ئارىسىدىن ئايرىلىپ قېپقالغان گۈزەل قىزغا قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى:

    - بۇ ئىككىسىلا مېنى ياندىۋەتتى، ئەمدى نۆۋەت بىزگە كېلىپمۇ قالغاندۇ، شېكەرىم؟! 

    - بەك تاتلىق گەپ قىلىسىز جۇمۇ، بىر دانەم...- پەخرىيە ناز بىلەن كېلىپ، دىلشاتنى قولتۇقلىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئۈندىداردا تونۇشۇپ ئارىلىشىۋاتقىنىغىمۇ بىر يىلدىن ئاشقانىدى. پەخرىيەنىڭ كۆڭۈل ئېلىشقا ئۇستىلىقى ھەم تولىمۇ نازۇ-كەرەشمىلىك ئەركىلىيەلەيدىغان مىجەزى رومانتىكلىقنى ياقتۇرىدىغان دىلشاتنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى.

 

   بىر يىلدىن كېيىن....

 مانا ئەمدى ھەممە ياش ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، چەتئەلدە ياشايدىغىنى چەتئەلدە، ۋەتەندە ياشايدىغىنى ۋەتەندە، ئوقۇيدىغىنى مەكتەپتە، بالىلىق بولغىنى ئۆيىدە بەختنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە. 

   - دىلفۇزۇم، تېز كېلىڭە، ئۆيدىكىلەر سىزنى سوراۋاتىدۇ،- ئابدۇۋەلى كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپۇپ، دىلفۇزەنى ئولتۇرغۇزدى. ئېكراندىن گۈلقەمبەر خانىم تىڭشىغۇچنى تاقاپ ئولتۇراتتى، ئۇ كۆز يېشى قىلغاچ بىرمۇنچە سۆزلىدى، كېيىن گۈلفىزە تۆت ياشلىق قىزىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ، سىڭلىسى بىلەن دىدارلاشتى. كەينىدىن دىلشات بىلەن قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغان پەخرىيە كومپيۇتېرنىڭ تىڭشىغۇچىنى تالىشىپ بىردەم قىززىقچىلىق قىلىشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپتىكىلەر بىر-بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەشتى. (تامام)

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2