ئاينۇر سەيدىنھاجى (ئۆز مۇخبىرىمىز)
ئىلاۋە: ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان، چۈنكى ئاتىلار ئېيتقاندەك، ھەممە ئادەم ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرسە، ئوقۇتقۇچى باشقىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرىدۇ. شۇنداق، ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ كەسىپ، چۈنكى ئۇ شۇنچىلىك جاپالىق، ئەمما ئوقۇتقۇچى ئەبەدىي مىننەتسىز...
بۈگۈن بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار 31- قېتىملىق بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا بىز جەمئىيەتكە بالا تەربىيەسىدە مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەمما ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالدۇق.
- تەھرىردىن.
ئاتىلار بىزگە «ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىن ئۇلۇغ بىل» دەيدىغان ھېكمەت قالغان، چۈنكى ئوقۇتقۇچى قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئەجىر - مېھنىتى بىلەن ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى. ھەر كىشىنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ھاياتىدا قانداق بىر ئۇستازغا ئۇچرىشىغا باغلىق بولىدۇ، شۇڭا ھەممىمىز ھاياتىمىزدا مەلۇم بىر ئۇستازىمىزنىڭ مەلۇم بىر سۆزىنى قىبلىنامە قىلىپ ياشايمىز. ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇلغىنى بىر سىنىپقا يىغىپ قويۇلغان تىڭشىغۇچىلار بولماستىن، بەلكى بىر ئائىلىنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىلىرىدۇر. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتايىن مۈشكۈل، ئەمما شەرەپلىك خىزمەت، ئوقۇتقۇچى جاپاكەش ۋە بۈيۈك ئىنسان!
ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئوقۇغۇچى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پارچە بوز يەرگە ئوخشايدۇ، بۇ يەرنىڭ تېگى ئالتۇن، تۇپرىقى مۇنبەت. ئەگەر مەسئۇلىيەتچان بىر ئوقۇتقۇچى بۇ تۇپراقنى ئەجىر دۇرلىرى بىلەن سۇغىرىپ، مېھنەت خاسىيىتى بىلەن كۆكەرتىپ ئەستايىدىل پەرۋىش قىلسا، كۆچەتلەر دەرەخكە ئايلىنىپ سەرخىل مېۋە بېرىدۇ. ھەر قانچە مۇنبەت يەرمۇ دېھقان ئۇرۇق سالماي، ئەجىر قىلماي، پەرۋىش قىلماي تۇرۇپ ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەجىرسىز تۇپراقتا ئۈنۈپ چىقىدىغىنى ياۋا ئوت - چۆپ، تىكەن ۋە چاتقاللاردىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئەگەر ئىشچان، جاپا - مۇشەققەتتىن قاچمايدىغان دېھقاننىڭ ئەجرى سۇنمىسىلا ئۈنۈمسىز شورلۇق، قۇملۇق يەرلەرمۇ ئاستا - ئاستا مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىدۇ. دېمەك، بالىلاردىن ئىبارەت بۇ ئېچىلمىغان تۇپراقنىڭ مۇنبەت يەرگە ئايلىنىش - ئايلىنالماسلىقى ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىنىڭ، ئاندىن ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەجرىگە باغلىق.
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا مەن ئۆزىنى مائارىپىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە بېغىشلىغان، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئادا قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب سادالىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابىدە مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا: ‹تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچۇڭ بىلىم جەھەتتە قانداق يۈكسەكلىككە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەخلاق جەھەتتە ياخشى تەربىيەلەنمىسە، ئۇ بىر خەتەرلىك ئىنسانغا ئايلىنىدۇ› دېگەنىدى. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغان چېغىمدىلا، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. مەن بىر سىنىپ مەسئۇلى، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ سالامەتلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن، چۈنكى ‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل› دېگەندەك، ساغلام تەن بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، بىلىم ئېلىش تېخىمۇ شۇنداق. سىنىپىمدا 64 ئۈمىد يۇلتۇزۇم بار، ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز بەخت، ئۇلاردىن بىرەرى كەم، ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇندۇق بوش قالسا، بۇ ماڭا نىسبەتەن زور ئازاب؛ ئىككىنچىدىن، مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدا بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى، ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپ تۇرۇشىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى پەقەت بىلىملا بىزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ، بىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلىيالايدۇ، يۈكسەك پەللىدە شەرەپ نۇرىغا چۆمدۈرەلەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە زور شان - شەرەپلەرنى قۇچۇشىدىن كۆرە، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان، ئەتراپىدىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە خەير - ئېھسان كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ئائىلە مۇھىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىملىك، ساپالىق كىشىلەر بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىدىغانلىقىمىزدا شەك يوق، ئەمما ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ بىز بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ‹بالامنى مەكتەپكە بەردىم، مەكتەپ تەربىيەلەيدۇ› دېمەستىن، ئائىلىدىمۇ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرسە؛ پەرزەنتلىرىنىڭ قورساق تويغۇزۇش، كىيىم كىيىش ئېھتىياجلىرىغىلا ئەمەس، مەنىۋىيىتىگىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولاتتى».
شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنەزەر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىمەن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتەكلىشىمىزگە، توغرا يول كۆرسىتىشىمىزگە، ئىللىق مۇئامىلىمىزگە موھتاج. ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش يالغۇز بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئاتا - ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلىشىمىزگە، ئائىلىدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، سىردىشىشىغا، چۈشىنىشىگە موھتاج. ئاتا - ئانىلارغا شۇنداق تەكلىپ بەرگۈم بار، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تەكرار قىلىشىغا ھەمدەم بولسا، ئۇلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پەرزەنتلىرىدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشقا ماھىر بولسا توغرا قىلغان بولاتتى. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا قاندۇرۇپ قالماستىن، روھىي جەھەتتىنمۇ يار - يۆلەك بولۇشى، ئۇلارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىشى زۆرۈر. ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى سۆيۈش بىزنىڭمۇ بۇرچىمىز، بىزمۇ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمىز، لېكىن مەكتەپ تەربىيەسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى، ئىدىيەسى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدۇ».
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۈۋىھەجەر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان مەزگىل پەرزەنتلىرىمىز ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىل، بۇ مەزگىلدە بالىلار ئۆزىنىڭ ئابىستراكىت ئەقلىي تەپەككۇر ۋە بۇرۇنقى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، ئۆزلۈكى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. ئەمدىلا تۇرمۇش قىممەت قارىشى ۋە ھۆكۈمىنى پەرق ئېتىۋاتقان، خاراكتېر خاسلىقىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىغان پەرزەنتلىرىمىزگە نىسبەتەن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرى، ئائىلىدە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇلار توغرا يېتەكلەشكە موھتاج».
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلى مۇنداق دېدى: «ئون نەچچە يىل ئوقۇش داۋامىدا ھەر خىل ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچراتتۇق، بىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ھەم بىزگە ئەڭ ياخشى تەسىر بەرگەن ئوقۇتقۇچىمىزغا ئوخشاش ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش شۇكى، بىز شۇ قەدەر ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىز سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، نەچچە كۈن بولمايلا دەرسكە كەپتۇ. ئۇنىڭ سارغايغان، ھارغىن چىرايىغا قاراپ، بەلكىم چارچىغاندۇ، دەپ ئويلاپتۇق. ئۇ دەرسنى شۇنداق ياخشى ئۆتتىيۇ، لېكىن چىرايىدا بىئاراملىق بار ئىدى. كېيىن بىلسەك، ئەسلىدە ئۇ دەرس قېپقالمىسۇن، كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەي دەپ، ساقايمايلا كەلگەنىكەن. مانا بۇنى ئەڭ زور مەسئۇلىيەت، ئەڭ چوڭ بېغىشلاش، دەيمىز! مەن ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە شەرتلەر توغرىسىدا ئويلاندىم. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ھەر قانداق بىر ئىشتا ئۆز سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىسا، ئۆزى ئېيتقانغا ئۆزى مۇتلەق ئەمەل قىلسا؛ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۆزىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ، ئادىل ھەم ھەممىگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان بولسا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ».
شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلمىرە مۇنداق دېدى: «قەلبىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا مېھرىبان، سەۋرچان ئوقۇتقۇچىدۇر. ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىغا بىلىم بېرىپلا قالماي، يەنە قانداق ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تارىخ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى ياخشى، بىلىمى مول بولغاچقا، بىز تارىخ دەرسىنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق؛ باشقا بىر پەن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مىجەزى چۇس، سەۋرسىز، ئاچچىقى يامان بولغاچقا، ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن قاچاتتۇق، شۇ دەرسمۇ بىزگە بەك قىيىن تۇيۇلاتتى. شۇڭا مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مىجەزى ۋە بىلىمى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇش جەھەتتە بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى بىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئۈلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ.
شەھەرلىك 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەدىنە مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز چېھرىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان، سۆز - ھەرىكىتى قايىللىقىمىزنى قوزغايدىغان ئوقۇتقۇچى. ئۇنىڭ ھەربىر سائەتلىك دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمىز ۋە ئەستايىدىل ئۆگىنىمىز، چۈنكى ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە. ئالايلۇق، بىزنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى، يۇمۇرىستىك سۆزلىرى، دەرسخانىدا پىكىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىشى، بىزنى ئىزدىنىشكە يېتەكلىشىدىن بىز تولىمۇ رازى. ئوقۇتقۇچىمىز ئىنتايىن تەلەپچان بولغاچقا، بىزگە دائىم: :‹تىل - ئەدەبىيات دەرسى باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىشتىكى قورال، شۇڭا ئۇنى ياخشى ئۆگىنىڭلار!› دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، بىزنى كىتاب ئوقۇپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ماقالە يېزىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى يازىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى ناھايىتى ياخشى، سىنىپىمىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا. ئۇ ئوقۇتقۇچۇم ئاددىي - ساددىلىقى، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭمۇ ھازىردىن تارتىپ ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش ياراملىق ھەم قابىلىيەتلىك خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئارزۇيۇم بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇشۇ پۇرسەتتە ئوقۇتقۇچۇمغا: ‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز›!».
ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن ئالاھىدە كەسىپ! مائارىپنىڭ مەقسىتى جۈپ - جۈپ قارا كۆزلەرنى تەربىيەلەپ چىقىش بولغاچقا، ئوقۇتۇشتا قوللىنىلغان بىر ئېغىز سەمىمىي سۆزنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى «كىچىك ئالەم» نى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، مۆلچەرلىگۈسىز ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى؛ ئويلاشماستىنلا دېيىلگەن بىر ئېغىز قوپال سۆزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ۋەيران قىلىپ، پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. جۈملىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ شۇنداق، پەرزەنتىنىڭ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقىنىمۇ كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا مەدەت بېرەلىگەن ئاتا - ئانا كەلگۈسىدە بىرەر كەشپىياتچىنى يارىتالىشى مۇمكىن. دېمەك، ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلاردىن پەرزەنتنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئائىلىدە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلسا، ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇلىيەت بىلەن كۆيۈنۈپ، ئادەم تەربىيەلەشنى چىقىش قىلسا، ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسا، بۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى، ياراتقان نەتىجىسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە!
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى