باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئانا، سىز ياققان نانلارنى بەكمۇ سېغىندىم

مەنبە :       يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 11:54:23

‹‹ئانا، سىز ياققان نانلارنى بەكمۇ سېغىندىم›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئانا، سىز ياققان نانلارنى بەكمۇ سېغىندىم

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم

كىچىكىمدە ئۆيىمىز كەپىلىك ئۆيلەر بولغاچقا، ھويلىمىزدا تونۇر بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەپتىدە بىر قېتىم نان يېقىپ يەيتۇق. دادام، ئاناملار بىزنى ئەتراپلىق چوڭ بولسۇن دەپ دائىم ئائىلە ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇراتتى. نان ياقماقچى بولسا دادام، ئانام خېمىرنى تەييار قىلسا، مەن ئۆينىڭ كىچىكى بولغاندىكىن تونۇرنىڭ كۈلىنى ئالاتتىم. ھەدە، ئاكىللىرىم ئوتۇن تەييارلاپ تونۇرغا ئوت سالاتتى. ئۆيىمىزدە خۇددى باشقا ئۆيلەردىكىگە ئوخشاش سۇپۇرا بار ئىدى. خېمىرتۇرۇچنى ئاشۇنىڭ ئىچىدە ساقلايتتۇق. تەبىئىي خېمىرتۇرۇچ بىلەن، ئەلگەك بىلەن تاسقالغان ئۇنغا ئاز تولا قوناق ئۇنى دېگەنلەرنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىسپورتچىلاردەك تېتىك ھەم چاققان كەلگەن دادام يېڭىنى جەينىكىگىچە تۈرۈۋېتىپ، خېمىر يۇغۇراتتى، بەزىدە بۇ ئىشلارنى ئانام قىلاتتى. ئانام «خېمىرنى ئوبدانراق پىشۇرايلى» دەپ تەكرار-تەكرار ئەيلەيتتى. بۇنىڭغا ئاچىلىرىممۇ قاراپ تۇرمايتتى. ئانام ناننىڭ تەمى تېخىمۇ تاتلىق، يېيىشلىك بولسۇن دەپ كۆزلىرىنىڭ ئېچىشىپ ياش ئېقىپ كەتكىنىگە قارىماي باش پىيازنى ئۇۋاق چاناپ، ئۇنىڭغا چۈچۈگەن ياغ قويۇپ زۇۋۇلا قىلىپ ئاچقان نانلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى سۈركەيتتى. شۇنىڭ بىلەن پىشىپ چىققان نانلار باشقىچە تاتلىق بولاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا گەرچە ئانام بىز بالىلارنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىز مەكتەپتىن كەلگۈچە ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ تەييار قىلسىمۇ، لېكىن بىز تاماقتىن كېيىنمۇ ئانچە-مۇنچە نان يەپ قوياتتۇق. ئانام بىر قېتىمدا كەينى-كەينىدىن ئىككى تونۇر نان ياقسىمۇ، بىزنىڭ ئۆيگە نان توشىمايتتى. ئانام ياققان ئۇ نانلار نېمىدىگەن تەملىك-ھە! ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز دەرىجىدە دەڭا تېخى. قولى ئەپلىك دادام كىچىك ۋاقتىدىلا چوڭ دادامدىن تونۇر سېلىشنى ئۆگىنىۋالغانىكەن. دادام دائىم: «تونۇرنىڭ شورى ياخشى بولسا، قېلىپ ياخشى ياسالسا، ياخشى تونۇر بولىدۇ. بۇنداق تونۇرنىڭ نېنىمۇ تىلغا تېتىغۇدەك نان بولىدۇ» دەيتتى. ھەم ھويلىمىزدىكى تونۇرنى بىز بالىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ پات-پات يېڭىلاپ سالاتتى. بىز پەرزەنتلەر ئۆيىمىز بىنا ئۆيگە كۆچكۈچە ئانام ياققان ناننى يەپ يۈردۇق. كېيىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە بازارلاردا «ئۆي»دە ياققان نانلار سېتىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش شۇ نانلارغا يۈرۈش قىلىپ كەتتۇق. ئارىدىن ئۇن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.

شەھەردىكى كۆپ قىسىم ئانىلار ئۆيدە نان يېقىشتىن ئازادە بولۇپ كەتتى. ئەمما مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ھازىر مۇشۇ كۈنلەردە ئانام ياققان ئاشۇ نانلارنى، ئاشۇ تەبىئىي تەملەرنى ئىچى-ئىچىمدىن زارىقىپ سېغىندىم.

بازاردىكى نانلار سىزگە تېتىمدۇ دەمسىز؟ كۆز يۇممايمەن، بىر قىسىم نانلار گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئانام ياققان نانلارغا يەتمىسىمۇ، بۇ نانلارنى ھەر ھالدا تەبىئىي نانلار دېيىشكە بولىدۇ. خېلى يىللاردىن بۇيان بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان شەھەر ئەتراپىدىكى ۋە يېزىلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيلىرىدە نان يېقىپ بازاردا پۇل قىلماقتا.

كۈچلۈك شەھەرلىشىش پۇرىقى ئىچىدە ياشاۋاتقان نەچچە كۈندە بىر نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازار ئايلىنىمىز. قارايدىغان بولسىڭىز، بىر-بىرىدىن چوڭ، كۆركەم نانلار رەتلىك تىزىلغان، نان ئىگىلىرى دائىملىق ئادىتى بويىچە خۇددى دېيىشىۋالغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا: «مىللىي خېمىر تۇرۇچنىڭ، شور تونۇردا ياققان، مىللىيچە نان...» دەپ توۋلىشاتتى. ئۇلار يەرلىك خېمىرتۇرۇچ، شور تونۇرنىڭ يەرلىك نېنى دېسىچۇ دەيتىم ھەر قېتىم ئىچىمدە، بەزىدە شۇ بويىچە «تۈزەتكۈزۈپ» مۇ قوياتتىم. مەن ھەر قېتىم بازاردىكى نانلارنىڭ سەركىسىنى تاللاپ سېتىۋالىمەن. تەمى ھەر ھالدا يامان ئەمەس. مەن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ نانلىرىنى ماختىغاندا ئىشلەتكەن گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەجەبا يەرلىك خېمىرتۇرۇچ ئىشلىتىپ شور تونۇردا ياققان نانلىرى ئانام ياققان نانلارنىڭ تەمىگە يەتمەيدىكىنا؟ بۇ كۈچلۈك بازار رىقابىتىدە، ئۆزلىرىنىڭ نانلىرىنى بالدۇرراق سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سودا تاكتىكىسىمۇ-يە؟

ئۇلار ياغاچ قازاننىڭ پەقەت بىرلا قېتىم قاينايدىغانلىقىدەك ئۇلۇغ ھېكمەتنى بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ تەبىئىي نانلارنى يېگۈسى يوقمىدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ئايرىم، خېرىدارلارغا ئايرىم ياقامدىغاندۇ؟

بىز ھەر ۋاقىت قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىيلىكىگە موھتاج. بولۇپمۇ يېمەك- ئىچمەك تىجارىتىدە تېخىمۇ شۇنداق

 

شورنى پۇلغا سېتىۋالساق ياكى باشقىلارغا ھەق بېرىپ ئەكەلدۈرۈپ تونۇر سالساق ئانىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنۋى ئۇسۇلى بويىچە يەرلىك خېمىرتۇرۇچ تەييارلىساق، خېمىرغا ئوبدان ئىشلەپ بىز بالا ۋاقىتلاردىكىدەك ئېسىل نانلارنى ياقساق، بۇمۇ ئەزىز تەنلىرىمىز ئۈچۈن قۇۋۋەت ھەم ھۇزۇر ئەمەسمۇ؟

قايسى بىر يىلى يازدا، ئايالىم: «بىزمۇ خەقلەرگە ئوخشاش يۇمشاقراق نان يەيلى، گىردە نان ئەكەلگەن بولسىڭىز»، دەپ بۇيرۇدى، شۇنىڭ بىلەن سەھەردىلا ئۆيىمىزگە يېقىن ئەتراپتىكى بىر ناۋايخانىغا كەلدىم. ئوخشىغان گىردىلەر ئىككى، ئۈچ رەت قىلىپ قاتار تىزىلغان ئىدى.

ــ سەھەردىلا بۇنچە كۆپ نانلارنى يېقىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ـــ سوردىم ناۋايدىن مەن گىردىلەرنى تاللىغاچ.

ـــ ھەئە، ـــ دېدى ناۋاي ئۇستام مېنىڭ قۇلۇمدىن پۇلنى ئالغاچ. مەن ئۇلارنىڭ پارچە پۇلى يوق بولغاچقا ئازراق ھايال بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.

ھەي، نېمە دېسەم بولىدۇ. شۇ كەسپىي كېسەلمىكىن دەيمەن. روجەكتىن ناۋايخانا ئىچىگە ئىنچىكە سەپسېلىشقا باشلىدىم. كۆزۈمگە يالتىراق تۆمۈردىن ياسالغان بىر ئەسۋاب چېلىقتى. مەن دەرھال: «كىرسەم بولامدۇ؟» دەپ ئۇلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ناۋايخانىغا كىردىم، بۇ يالتىراق تۆمۈردە ياسالغان خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى ئىكەن، بۇ ئەسۋابقا ئۇننى تۆكۈپ، سۇ، تۇزنى تەڭشەپ توكقا چاتسا بىردەمدىلا خېمىرغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىكەن.

ـــ بۇ قولايلىق ئەسۋابنى قاچان سېتىۋالدىڭلار، ـــ دېدىم مەن قىزىقىپ ناۋاي ئۇستامدىن.

ـــ بۇنىڭغا ھەيران قالماڭ. خېلى يىللار بولدى، مەيلى بىزدەك كەسپىي ناۋايلار بولايلى، ياكى «غەيرىي ناۋايلار» بولسۇن (نان يېقىپ ساتىدىغان، ئەمما كەسپىي ناۋاي ئەمەسلەرنى دېمەكچى) ھەممىسى خېمىر يۇغۇرۇشتا بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىدۇ. مەن ناۋاي ئۇستامنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم.

توۋا، مەن تا بۇ كەمگىچە ئەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى ناۋاي ئۇستاملارنى يەڭلىرىنى جەينىكىگىچە تۈرۈپ، خېمىرنى چىۋەر قوللىرىغا تايىنىپ تەييارلايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. بۇمۇ ناۋايلىقتىكى تەرەققىيات بولسا كېرەك. خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىنىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. ئۇستام بۇ خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىنى پاكىزراق تۇتساڭلار بولمامدۇ دېدىم. مەن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىدىكى قېتىپ قالغان خېمىر قالدۇقلىرىغا قاراپ.

ـــ ھازىر شاگىرىت تاپماق تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرىمىز، ھېرىپ ھالىمىز قالمايۋاتسا، بۇ نەرسىنى كۈندە تازىلايدىغانغا چولا تېگەمدۇ دەيسىز؟ ـــ دېدى ناۋاي ئۇستام.

مەن ئەمدى جىق گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى پەملەپ، سۇلياۋ خالتىغا سېلىنغان گىردە ناننى ئېلىپ دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلدىم.

«ھەي ئۈمىدۋار بول. ناۋايلارنىڭ ھەممىسىلا بۇنداق بولۇپ كەتمىدى، بىزدە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەينەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان بىر-بىرىدىن ئېسىل ناۋايلار بار»، دەپ مېنى بەزلىدى خىياللىرىم ...

مەن بەزى-بەزىدە نان توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىمەن. نان ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھەمراھىمىز ھەم يېقىن دوستىمىز. ھازىر تېخى تۈنۈگۈنلا يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقىلى كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرمۇ ناندىن ئايرىلماس بولۇپ كەتتى.

نان ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىققان، مەخسۇس ماركا ياراتقان، پاتېنتقا ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىز ناننىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

سىز، بىز، ھەممىمىز نانغا تەشنا. نانلىرىمىزنىڭ شۆھرىتى ئاشسا ئاشسۇنكى ھەرگىزمۇ شەنىگە، ئوبرازىغا داغ تەگمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى، بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز. نانلىرىمىزغا سۈنئىيلىك ياراشمايدۇ، شەكىل، سۈپەت جەھەتتە ئىلگىرىلەش قىلىۋاتقان نانلىرىمىز ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلسۇن.

ھەربىر قەلب نانغا تەشنا. مەن نان مەدەنىيىتى ياراتقان بولغانلىقىم ئۈچۈن يۈرىكىم نانغا تېخىمۇ تەشنا. مۇشۇ دەملەردە بىر بۇردا نان يېگۈم كەلدى. ئانا، سىز ياققان نانلارنى بەكمۇ سېغىندىم.

بۇ ئەسەر (جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى) دىن ئېلىندى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2