ئۇيات كىمدە بولسا، ئەخلاق- پەزىلەت شۇنىڭدا بولىدۇ
ۋارىسجان ئەھمەد
بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى:«ئۇيات كىمدە بولسا، سىلىق خۇيلۇق ئۆل، ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سۇنمايدۇ قول»، « ئۇيات بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى، بارچە ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇرغۇچى» دېگەن تولىمۇ قىممەتلىك ئەقلىي يەكۈننى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇيات، شەرم-ھايا، پەردىشەپ بۈگۈنكى كۈندە ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىكنى، پەزىلەتنى، قەلب گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش، ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشقا باھا بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالدى.
ئەنئەنىمىزدە كىچىكلەر چوڭلاردىن ئەيمىنىش، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار گەپ-سۆزدە تولىمۇ سىپايە ۋە ئىلمىي، مەدەنىي بولۇش؛ چوڭلارمۇ گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەتتە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشتەك ئادەت داۋاملاشقان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇن قىلغان ئۇيات كىشىنى سىلىق خۇيلۇق قىلىدىغان، ناچار ئىشلارغا يوللاتمايدىغان، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەت، دېگەن تەۋسىيىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەلنى، دۆلەتنى ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئەھمىيىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى، «ھايالىق كىشى-باھالىق كىشى» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ئىنساندا ھايا، ئار-نومۇس، پەردىشەپ، پەزىلەتلا بولىدىكەن. ئۇنىڭ ھەرقانداق جايدا ۋە ئورۇندا قەدىر-قىممىتى بولىدۇ. ئىنساندا ھايا، نومۇس بولمايدىكەن، ئۇنىڭ بىلىمى ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، ئىناۋىتىنى ئۆزى تۆكىدۇ، قەدىر قىممىتى بولمايدۇ، چۈنكى ھايا، نومۇسنى بىلمىگەن ئادەمدە ئەخلاق-پەزىلەت خارابلاشقان بولىدۇ، نومۇسنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇيات كىمدە بولسا، ئەخلاق-پەزىلەت شۇنىڭدا بولىدۇ.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى