باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

تۇنجى قار - ئاۋازلىق نەسىر

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-11-02 16:21:48

‹‹تۇنجى قار - ئاۋازلىق نەسىر›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


تۇنجى قار - ئاۋازلىق نەسىر 
مىكروفۇن ئالدىدا - گۈلئارە سادىر
قەلەم تەۋرەتكۈچى - ئىلھامجان مۇھەممەد (جۇنۇن)



سالام ساڭا پاكلىقنىڭ شاھىدى بولغان ئاپپاق قار ، ئۇيقىچان كۆزلىرىمنى ئىچىپلا دەرىزە سىرتىدىن سىنىڭ مىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىڭنى كۆردۈم ، سەندىن بىر ئۇچۇم ئىلىپ چوغدەك يۈرۈكۈمگە يىقىۋالغۇم كەلدى ، بىراق سىنى يوقۇتۇپ قۇيۇشتىن قورقاتتىم ، چۈنكى سەن پاك مۇھەببەتنىڭ سىمۇۋۇلى ، سۇغۇقلىرىڭدا گىرەلەشكەن شۇ بىرجۈپ مۇھەببەتلىك قوللارنى سۈيۈپ ئۆتكىنىڭدە ، مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىڭ بەلكىم ، ئاشىقلارنىڭ قولىدىن قاڭقىپ چىقىپ شۇ گۈزەل مەشۇقلىرىنىڭ يۈزىنى سۆيگىنىڭدە ، مۇھەببەتنىڭ نەقەر تاتلىقلىقىنى ھىس قىلدىڭ بەلكىم ، بىراق يەنە بىراۋلارنىڭ ساڭا قاراپ قىلغان نىداھلىرىدىن ، سەندە مۇڭغا چۆكۈپ يالغۇز مىڭىشلىرىدىن ، ھەتتاكى ئىسسىق تامچە ياشلىرىنى تۆكۈپ بىرلىرىنى سىغىنىشلىرىدىن مۇھەببەتنىڭ ئىنتايىن ئازاپلىق قۇرقۇنۇشلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ تۇنۇپ يەتتىڭ بەلكىم ، سەن ئالدىنقى يىلى تۈنجى مىھمان بولوپ كەلگىنىڭدە سىنى بىريىگىت بىلەن خۇشاللىق ئىچىدە كۈتىۋالغان گۈزەل بىرقىزنىڭ بۇ يىلى باشقا بىر يىگىت بىلەن سىنى كۈتىۋالغانلىقىدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭ ؟ ئادەملەردىكى ئالا كۆڭۈللۇكنىمۇ ياكى مۇھەببەتنىڭ يوقالغانلىقىنىمۇ ؟ ھەريان ئۇچىۋاتىسەنغۇ قار ، بىرسىنى ئىزدەۋاتامسەن ؟  كوچا دۇقمۇشىدا سىنى ئۆزىگە يىپىنچا قىلىپ  بىرنەرسىلەرنى ساتىدىغان ، شۇ يۇقسۇلچىلىقتىمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان ، سەندەك ئاپپاق ساقىلى بار ، ئاچچىق سۇغۇقلىرىڭدا سەندىن رەنجىشتە يوق ساڭا كۆڭۈل سىرلىرىنى ئىيتىپ بىرىدىغان ھىلىقى خىزىر سۈپەت بوۋاينى ئىزداۋاتىسەنغۇ دەيمەن ھە ؟ ئەپسۇس ئۇ بوۋاي يوق ، ئۇنى باھار ئىلىپ كەتتى ، ئۇنى باھار گۈزەل جەننەتكە ئىلىپ كەتتى ،مەندىن چىرايلىق قار بوۋايلارنى ياسايدىغان شۇ ئەركە بالىلار قىنى دەۋاتامسەن ؟ ئۇلارنى بۇ رەھىمسىز جاھان تىرىكچىلىكنىڭ ھەرخىل يوللىرىغا باشلىۋەتتى ، ئۇلار سىنى دەسسەپ مىڭىۋاتقان ئاشۇ ئاياقلارنى مايلايدۇ ، ئۈستىڭگە قالايمىقان تاشلىنىۋاتقان ئاشۇ قەغەزلەرنى ساتىدۇ ، ئۇلارنىڭ قاربوۋاي ياسايدىغانغا ۋاقتى يوق ،  ئۇنداق بولسا مىنى چىقىپ قار ئىتىشىپ ئۇينا دەۋاتامسەن ؟ كىم بىلەن ؟ مەن بىر يىگانە تەنمەن ئەي قار ... شۇچاغلاردا جاندىن ئەزىز كۆرگەن قار مەلىكەڭ بىلەن دەمسەن ؟ ياق ، ئۇمۇ بەلكىم ھازىر باشقىلار بىلەن سىنىڭ پەيزىڭنى سۈرىۋاتقاندۇ ، ئۇنداق بولسا سەن نىمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭ دەمسەن ؟ چۈنكى مەن قۇرقىمەن ، مۇھەببەتتىن قۇرقىمەن ،يالغۇزلۇقتىن ئەمەس ، مەن ئۇنى سۆيۈپ قالدىم ، كىمنى دەمسەن؟ ئەلۋەتتە يالغۇزلۇقنى ، مەن ئۇنىڭدا سەن بىلەن پاراڭلىشالايمەن ، دەرەخلەر بىلەن گۈللەربىلەن ھەممە ھەممە بىلەن پاراڭلىشالايمەن . ئۇنداق بولسا تىشىغا چىقىپ مەن بىلەن مۇڭداش دەۋاتامسەن  ؟  ئەمىسە بولسا مەن مۇڭلۇق مۇزىكامنى ئىلىۋالاي ، چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇم ئۇ ماڭا دائىم تەسەللى بىرىدۇ، بۈگۈنمۇ ئىككەيلەننىڭ پارىڭىغا ئۇ ھەمراھ بولسۇن ، مىنى ساقلاپ تۇر قار ،مەن ھازىرلا چىقىمەن ، توختاپ قالمىغىن ھە !!!
 - ئىلھامجان مۇھەممەد نويابىر 21  - شەھىرى ئۈرۈمچى .

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2