كۈز غازاڭلىرى
(نەسر)
ئەزىز ئىمىر يانغىن
كۈزنىڭ بىشارىتىنى بېرىپ يىراقتىن ھۇۋلاپ كەلگەن شاماللار ۋۇجۇدۇمدا قىرتاق ھېسلارنى ئـويغاتتى. سۇسىز قاغجىراپ ۋاقىتسىز تۆكۈلۈشكە باشلىغان كۈز غازاڭلىرى ئاياق ئاستىمدا يېنىك پىچىرلاپ ياتىدۇ. ئۇنىڭغا چەكسىز مۇڭ، ھەسرەت مۇجەسسەملەنگەن. مېنىڭ ساڭا بولغان ھېسلىرىممۇ ئاشۇ غازاڭلارغا ئوخشاش بالدۇر تۆكۈلگەن، ئەنە شۇنداق ھالسىز خىتاب قىلىدۇ...
رومانتىك كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئېلىپ كېتىۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىز دەرەختىن قۇرۇپ يەرگە چۈشكەن غازاڭغا دەسسىۋالدىم، ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. يۈرىكىم مۇجۇلۇپ ئاشۇ غازاڭغا قاراپ ئاستا پۇتۇمنى تارتىۋالدىم. گەرچە ئۇنىڭ يۇپۇرماق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شەكلى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل ئەزالىرى پارە-پارە بۇلۇپ كەتكەنىدى. بىر مەھەل دەرەخنىڭ شاخلىرىدا مەغرۇرانە ياشىرىپ تۇرغان يۇپۇرماق مانا ئەمدىلىكتە سارغىيىپ سامان بولۇپتۇ.
ئاياغلىرىم ئاستىدا مىجىلىپ ياتقان كۈز غازاڭلىرى خۇددى ھىجران دەشتىدە ئازابلانغان ئاشىقتەك ماڭا ناھايىتى بىچارە كۆرۈندى. مەن سېغىنىشىمنى، ئازابىمنى ئاچچىق تىنىقلىرىم ئارقىلىق چىقارماقچى بولغاندەك ئېغىر ئۇھسىنغىنىمچە كۆككە باقتىم.
سەن بىلەن ئۆتكەن قىسقا ئەمما تولىمۇ شېرىن كۈنلەر، قەلبىمگە قالدۇرغان شېرىن تۇيغۇلار چەكسىىزلىككە سوزۇلدى.
ئەگەر مۇھەببىتىڭگە نائىل بولمىغان بولمىسام يۈرىكىم سۈبھى بىلەن تەڭ نېمىشقا پارە-پارە بولدى؟ نېمىشقا ئازابلىق شېئىرلارنى يازدىم؟ نېمىشقا كۈز شاماللىرى سۆيگۈ كۈيلىرىمنى دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتتى؟...
ئەگەر مۇھەببىتىڭ مېنى ئۆزىدىن مۇستەسنا قىلمىغان بولسا، يېرىم كېچىنىڭ ئۈمىد ئىزتىراپى ئىچىدە يۇلتۇزلارنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلىگىنىڭ نېمىسى؟ مېنىڭ بۇ يۈرىكىم ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى نېمىشقىمۇ كۈز شاماللىرىغا غەرق قىلىۋەتتى؟...
شاماللار كۈز غازاڭلىرى بىلەن تەڭ ئۈمىدكە باققان ئارمانلىرىمنى ھىجران ئاراللىرىغا بەند قىلدى. يىراقتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىدىن تەنلىرىم قورۇلدى. ۋۇجۇدۇمدا ھۆكۈم سۈرگەن سېغىنىش شاماللارغا قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاياق ئاستىمدا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ ياتقان كۈز غازاڭلىرى ماڭا سەن ھەققىدە سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك پۈتۈن دىققىتىمنى مۇجەسسەملىدىم. قەدەملىرىم توختايدىغان ئەمەس، ماڭماقتىمەن، خىياللىرىم ماڭا بۇيسۇنمايدۇ، ئۇ يىراقتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىغا قوشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچتى...
رومانتىكىغا تويۇنغان كۈز ئايلىرىدا مىنىڭ قەلبىم رومانتىك كۈيىنى ئەمەس، خوشلىشىش كۈيىنى چالىدۇ، ھەممە ئېغىر سۈكۈتكە تولىدۇ... مەنمۇ ئاشۇ ۋاقىتتا قەلبىمدە ساقلانغان سۆيگۈم بىلەن ئەبەدىي خوشلىشىمەن...