شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى ئۈرۈمچى كوئىنلون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى

0 2013-11-29 10:20:37   شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى 27- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى كوئىنلون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ياش يازغۇچىلار ۋەكىلى قاتناشتى.
يىغىندا جوۋ تاۋ، ئەخەت تۇردى قاتارلىق ئۈچ نەپەر پىشقەدەم يازغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرى، ئىجادىيەت قاراشلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىنى خۇلاسىلاپ ئۆتتى ۋە ياش يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىزدىنىپ، ئىجادىيەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەققىدە توختالدى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياش يازغۇچىلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا مەخسۇس تېمىدىكى ئەدەبىيات لېكسىيەلىرى، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ۋە-2013 يىللىق ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قازاق- قىرغىز «دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» موڭغۇل «ئالتۈن ئۈزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يېغىنغا باس باس تورى مۇنبىرىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئەزىز ئىمىر يانغىنمۇ چىڭدۇدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر