قورسىقى «ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان» بوۋاي چۆپ يېسىلا مەست بولۇپ قالىدىكەن
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى 61 ياشلىق بوۋاي يېقىندا دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ، سېستىراغا ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقىنىڭ %0.37 كە يەتكەنلىكى بايقالغان بولۇپ، تېكساس شىتاتىنىڭ ھاراق ئىشىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىنىڭ 5 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. ئەمما قىزىقارلىق يېرى شۇكى بۇ بوۋاي ئۆزىنىڭ بىر تېمىمۇ ھاراق ئىچمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
دوختۇرلار بۇ بوۋاينى يالغان ئېيتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى 24 سائەت ئايرىم ئۆيدە كۆزەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈندىن كېيىن ھېچقانداق ھاراق ئىچمىگەن تۇرۇقلۇقمۇ، كاربون- سۇ بىرىكمىسىلىق يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن ئۇ يەنىلا «مەست» ھالەتتە تۇرغان. قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقى %0.12 كە يەتكەن. بۇ ۋاقىتتا تەتقىقاتچى خادىملار بۇ غەلىتە ئەھۋالدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقتى، ئەسلىدە بۇ بوۋاينىڭ قورسىقىدا كۆپ مىقداردا پىۋە ئېچىتقۇسى بار ئىكەن.
يەنى، بۇ بوۋاينىڭ قورسىقىنى كىچىك «پىۋە زاۋۇتى» دېيىشكە بولىدىكەن، ئۇ سۇدا پىچىنىسى، ئۇن تامىقى قاتارلىقلارنى يېگەندە ئۈچىيىدىكى پىۋە ئېچىتقۇسى ئارقىلىق ئالكوگولغا ئۆزگىرەپ، قان ئارقىلىق چوڭ مېڭە قاتارلىق ھەرقايسى ئەزالارغا تارقاپ، «مەست» ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىك ھازىرچە «تەبىئىي پىۋە زاۋۇتى كېسەللىكى» دەپ ئاتالغان.