ئەنگلىيە «مۇداپىئە» گېزىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،
ئامېرىكا بىرلەشمە پۇل ئامانىتىنىڭ رەئىسى جېنىتنىڭ دېيىشىچە، گەرچە
ئامېرىكا ئىقتىسادى 1930-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى چېكىنىشكە ئۇچراپ، ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى ئەھۋال يەنىلا يامان ھالەتتە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا %7.3 دىن ئىبارەت يۇقىرى بولغان ئاساسى سەۋىيىنى ساقلاپ قالغان.
جېنىتنىڭ 14-چېسلادىكى ئىسپات بېرىش يىغىندا دېيىشىچە، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئەمگەك بازىرى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرمىغان. ئەمما ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى ئەكسىچە
ئامېرىكا پۇل ئامانىتىنىڭ پەرىزىدىن %2 تۆۋەن ئىكەن.
«مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولغانلىقى ئۈچۈن،
ئامېرىكا بىرلەشمە پۇل ئامانىتى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قوللىنىپ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاندى» ئۇ ئىسپات بېرىش سۆزىدە «مەن بۈگۈنكى ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بولسا كەلگۈسىدىكى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل» دېگەن.
جېنىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىسادى ئەمگەك بازىرى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىۋاتقاندا،
ئامېرىكا بىرلەشمە پۇل ئامانىتى پۇل مۇئامىلىنى تارايتىش سىياسىتىنى قوللانمايدىكەن، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى ئاستىدا، بىرلەشمە پۇل ئامانىتى ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك كۆلەمدىكى پۇلنىڭ تەسىرىنى كېمەيتكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ