3-نويابىر ، بىر يايمىچى ئايالنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئالدىدا تىزلانغانلىقىدەك ۋەقەلىك توردا قىزىپ كەتتى . بىر تاتلىقياڭيۇ ساتىدىغان ئايال قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئالدىدا تىزلانغان ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئۇ ئايالنى زاڭلىق قىلغاچ سۈرەتكە تارتقان . بۇنىڭغا قارىتا ، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېيىلدى : قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۇسۇلىدا يېتەرسىزلىك ساقلانغان ، بىز بۇ ئۈچ نەپەر خادىمغا تەنقىدىي تەربىيە ئىشلىدۇق . قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ھېلىقى ئايال يايمىچىنى ئىزدەپ پاراڭلىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالدى .