تالىبانلار ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ئىنتىقام ئالماقچى ئىكەن

0 2013-11-05 13:06:02   نۇر تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

 

       «خىرىستىئان ئىلىم-پەن پەندى نەسىھەت گېزىتى» نىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ كاتتىبېشى ھاجىمۇسا مەھمۇد ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بولۇپ بۇ پاكىستان تەرەپنى تېرىكتۈرۈپ قويدى. پاكىستان تالىبانلىرى ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشمەي، ئىنتىقام ئالىدىغانلىق توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بىراق پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرغان.
   11-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ كاتتىبېشى ھاجىمۇسا مەھمۇد ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھاجىمۇسا مەھمۇدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئادەم ئۆلگەن. پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەت ۋە پارتىيىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمى  ھۆكۈمەت بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تىنىچلىق سۆھبىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى دەپ ئاغرىندى. 4-نويابىر پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ مەھسۇدنىڭ ۋاپاتى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە سىياسىي ئورتاقلىق بار، بىز تىنىچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
بىراق پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەيدۇ: تالىبان ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ گەرچە رەھبىرىمىز ئۈچۈن پۇرسەت تېپىپ چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر