iPhone 5sيانفونى سەۋەپسىز پارتىلاپ كەتتى

0 2013-11-05 13:09:12    يەرشارى تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

 

        ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشىدا قانغىچە ئۇخلىۋالماقچى بولغان جاڭ ئەپەندى تۇيۇقسىز گۈمبۈرلىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن. چۆچۈپ ئويغۇنۇپ قارىسا كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويغان iPhone 5sيانفونى پارتلاپ كەتكەنىكەن.
       جاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە،  iPhone 5sيېڭى بازارغا سېلىنىشى بىلەن  ئۇمۇ تەقەززالىق بىلەنiPhone 5s  تىن بىرنى سېتىۋالغان،  يەنە تېخى دوستلىرى تەرىپىدىن <<يەرلىك زومىگەر>>دەپ ئاتالغان ئىدى. <<تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە گۈمبۈرلىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، تېخى بىرەر نەرسە ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويغان iPhone 5sيانفونىمدىن ئىس چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا قورققىنىمدىن نەچچە مېتر يىراققا سەكرەپ قاچتىم. تەلىيىمگە يانفوندا باشقا ئىنكاس كۆرۈلمىدى. يانفوننىڭ ئېكرانى يېرىلىپ، كېسەككە ئايلاندى»دېدى جاڭ ئەپەندى.


مۇخبىر ئاق رەڭلىك iPhone 5sنىڭ ئېكرانىنىڭ يېرىلىپ، يانفوننى قوزغتقىلى بولماي قالغانلىقىنى كۆردى. جاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا يانفون توكقا ئۇلانمىغانىكەن، شۇنداقلا ئاسان ئوت ئالىدىغان، توك مەنبەسى قاتارلىق نەرسىلەرگىمۇ يېقىن قويۇلمىغانىكەن.
       يانفوننىڭ تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئېنىقبولمىغاچقا،نۆۋەتتە جاڭ ئەپەندى  يانفوننى سۈپەت نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىغا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن  ئاپىرىپ بەرگەن.
       بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يانفوننى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ساتقۇچى تەرەپ بىلوگ ئارقىلىق جاڭ ئەپەندى چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەتتە كۈن ئىچىدە، يانفوننىڭ بۇزۇلۇشىنى ئادەم ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالما شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى، رىمونتىغا كاپالەتلىك قىلىش كارتىسى ۋە تالوننى ئېلىپ ئەسلىدىكى يانفون سېتىۋالغان ئورۇنغا بېرىپ يانفوننى قايتۇرۇشقا بولىدۇ، يانفوننى سېتىۋىلىپ 15 كۈن ئىچىدە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، 15 كۈندىن كېيىنكى رىمونت مۇلازىمىتىگە ئالما شىركىتى بەلگىلىگەن رىمونت قىلىش ئورۇنلىرى مەسئۇل.


    كەسپى خادىملارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يانفوننىڭ پارتلاپ سەۋەبىنى باتارىيەسىنىڭ لاياقەتلىك بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر