ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نام قازانغان ئۇيغۇر چولپانلار

12 2013-11-11 11:36:18   خەلق تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

گىتار شاھى ئەركىن ئابدۇللا قەشقەر قاغىلىقتا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا گىتارنى ئۆزى ئۆگەنگەن. 1999-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مۇزىكىنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكتىن كەسپىي مۇزىكانت يولىغا قەدەم قويغان ۋە ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۇسلۇبىدا فىلامىنگونى ئاساسىي لىنىيە قىلغان، لاتىن، يېزا  قىشلاق، جاز مۇزىكىلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكا ئۇسلۇبىنى يارىتىپ كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن، مۇزىكىلىرى ئىنتايىن زامانىۋى ۋە خەلقئارالاشقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇقۇمدىكى شىنجاڭ مۇزىكلىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، روشەن دۇنياۋى مۇزىكا ئالاھىدىلىكىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى سەن نەدە، بالاڭزا، سەن مېنىڭ ھاياتىمدا ئىنتايىن مۇھىم، مېنىڭ يايرىم قەيەردە قاتارلىقلار.


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسى نېغمەت راھمان: نېغمەت راھمان جۇڭگودىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى. 1983-يىلى 17-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاڭلىتىش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2006-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش لۇغىتى «جەلپكار شېرك» قا قاتنىشىپ، تاللىنىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان ۋە رىياسەتچىلىك ھاياتىنى باشلىغان.


ئادىلجان1967 - يىلى 21-ئاۋغۇست خوتەندە تۇغۇلغان، ھەربىي ئۇنىۋانى داشياۋ. ئىلگىرى جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ توپنى كونترول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئەچىسى بولۇپ، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كونتروللىغۇچىسى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ تەشكىللەپ ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، بولۇپمۇ توپنى ئېلىپ مېڭىش، يەتكۈزۈپ بېرىش تاكتىكىلىرى ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن، «ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر» ئاتالغان. 1983-يىلى ئادىلجان شىنجاڭدىن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ ئوقۇغان، 1984-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى جوۋ چۇنلىن ئۇنىڭ تالانتىنى بايقىغان ۋە شۇ يىلى كوماندىغا ئالغان. 1986-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، 1989-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى تۇنجى شىنجاڭلىق دۆلەت ماھىرى بولۇپ قالغان. 2000-يىلى باھاردا كوماندىدىن رەسمىي چېكىنگەن ۋە 1-ئاۋغۇست راكېتا كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئاساسلىق تېرىنېر ۋاڭ فېي كېسەل سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئادىلجان ھازىرغىچە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ئاساسىي تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.


ئوپېراتور ئادىلجان: ئوپېراتور ئادىلجاننى يېرىم ئۇيغۇر دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى «قېيىنئانام كەلدى»، «شاۋلىن ئىبادەتخانىسىدىكى رىۋايەتلەر2»، «ئەمىنىيە دەۋرىدىكى يەنچېڭ خارابىلىكى». «قانداشلىق قەرزى2» ؛ كىنودىن «سىزگە 10 مىليۇن بېرەي» ، «شاڭخەي كۈندىلىك خاتىرىلىرى» قاتارلىقلار.

 

 ھامۇت ئەھەدى، ئۇيغۇر، 1946-يىلى قۇمۇلدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى ئالتە يېشىدا دادىسى مەھمۇد ئەھەدى، ئاپىسى زەينەپخان ھوشۇر بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
 
  ھامۇت ئەھەدى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شاڭخەيدە ئوقۇغان. 1965-يىلى شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1970-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ فرونت ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ۋە بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىدە ناخشىچى، دىراما ئارتىسى بولغان.
 
  1984-يىلى 12-ئايدا شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇسسۇل-مۇزىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. بۇ مەزگىلدە شاڭخەي شەھىرىگە ۋاكالىتەن كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. «شاڭخەيدا باھار» ناملىق كونسېرت كېچىلىكىنى ئۇدا بىر قانچە يىل تەشكىللىگەن، ھەمدە «1987-يىلى شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى»نى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان.
 
  ھامۇت ئەھەدى 1988-يىلى شاڭخەي بالىت ئۆمىكىگە باشلىق بولغاندىن كېيىن، مىللىي بالېت تىياتىرى «ئاق چاچلىق قىز، كىلاسسىك بالېت تىياتىرى «ئاق قۇ كۆلى»، «دونكىخوت»، «گىسل» قاتارلىقلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىققان ھەمدە بالېت ئۆمىكىنى باشلاپ، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان.
 
  1993-يىلى 10-ئايدا ھامۇت ئەھەدى شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، ئۇسسۇل-مۇزىكا باشقارمىسىغا باشلىق بولغان. بۇ جەرياندا «شاڭخەي سەنئەت بايرىمى»، «شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى»، «شاڭخەي ئۇسسۇل-مۇزىكا ئېيى»، «ھەپتە ئاخىرىدىكى خالىسانە مۇزىكا كېچىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان. «ئايدا»، «چۇغلۇق قىز»، « فائۇست» «سەرگەردان گوللاندىيەلىكلەر»، «رومىيو ۋە جۇلىتتا»، «كارمېن» قاتارلىق تىياتىرلارنىڭ شاڭخەي تىياتىر ئۆمىكى، شاڭىەي سىمفونىيە ئۆمىكى، ئىتالىيە فىلورېنسا تىياتىر ئۆمىكى، فىرانسىيەنىڭ مارسېل تىياتىر ئۆمىكى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ خان جەمەتى تىياتىر ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا شاڭخەيدە ئوينىلىشىنى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان.
 
  ھامۇت ئەھەدى 2000-يىلى 7-ئايدا شاڭخەي بالېت ئۆمىكىگە قايتا يۆتكىلىپ، كەلگەندىن تا ھازىرغىچە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ ئىشلمەكتە. («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىكى تەرجىمە ئۇچۇرىغا ئاساسەن رەتلەندى.)

 

روزى ھامۇت ئايالى ماھىرە بىلەن ناخشا ئېيتماقتا.

  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا  ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، بۇ ناخشا  ئۇسۇلچىلار ئىچىدە شىنجاڭدىن چىقىپ مەملىكەت ئىچىدە داڭق قازانغان، شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىلەردە ئويۇن قۇيۇپ، شەرەپ قۇچۇۋاتقان سەنئەتكارلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. زوزى ھامۇت ئەنە شۇنداق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
 
  خىزمىتىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلگىنىگە 20 يىل بۇلاي دەپ قالغان روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا  ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى بولۇپ، 1995-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
 
  ئۇ ئېيتقان ئاساسلىق ناخشىلاردىن: «ئانارخان»، «ئاشۇ يىراق جايدا»، «سۆيۈملۈك بىر ئەتىرگۈل»، «سەپداشنى ئەسلەش» «خەير  خوش دابېيشەن»، «يوقلاش»، «ئۈچ ھارۋا»، «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرىستان كېچىسى ناملىق ناخشىسى»، «يۇلتۇز»، «قارماق تاشلاش ناخشىسى» (ياپون خەلق ناخشىسى) قاتارلىقلار بار.
 
  2004-يىلى 10-ئايدا، روزى ھامۇت ئۆزىنىڭ «ئاشۇ يىراق جايدا» ناملىق خەلق ناخشىلىرى پالاستىنكىسىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار ئىنتايىن يېقىملىق، قۇيۇق غەربىي يۇرت پۇرىقى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.
 
  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، روزى ھامۇت سەنئەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان چەت رايونلارغا بارغان. ھازىر ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار بولۇپ، ۋاڭ لوبىڭ ئەپەندىدەك شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنى قېزىپ ۋە رەتلەپ خەلق ناخشىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقاندا، ئۇ خەلق ناخشىلىرىنى يىغىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىر ئۇ نەچچە ئون ناخشا يىغىپ بۇ ناخشىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باققان، ئامما بۇ ئىش خېلىلا مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىرادە ۋە ئېغىر  بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، دەسلەپكى ئۆزگەرتكەنلىرىدىن ئۆزى رازى بولماي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

  «پەلەك شاھى» دەپ چىرايلىق نامى بار، ئېلىمىزگىلا ئەمەس دۇنيا خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان ئادىل ھوشۇر 1997-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي سەككىز قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىشنىڭ پېشۋاسى بولۇپ قالغان. ئادىل ھوشۇرنىڭ ھېچقانداق قوغدىنىش قورالى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ قېتىم پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىپ جىننېس دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىشتەك يۈرەكلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقى دۇنيا ئەھلىنى زىلزىلىگە سالغان.


  ئەسقەر سۇر بۆرە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى تۇنجى روك ناخشىلىرى ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى. ئەسقەر ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھازىرقى دەۋردىكى نۇرغۇن مۇزىكا ئۇقۇملىرىنى سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى يېقىشلىق بولۇپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان، ئۇ ئىلگىرى  كېيىن بولۇپ ئۆزىنىڭ مەخسۇس پلاستىنكىلىرىنى چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ۋەكىلى بولۇپ قالغان.

 


ئابدۇكېرەم داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، كىنو ئارتىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، باش سىياسىي شىتاب ناخشا  ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، رەسمىي ھەربىي دەرىجىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىم، باش سىياسىي شىتاب ناخشا  ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار، ئۇزۇن مۇددەتلىك سەنئەت ھاياتىدا ئۇ نۇرغۇن مىللىيچە ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە ئېيتقان. ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئېيتقان ناخشىلاردىن «قۇربان تاغا ، نەگە ماڭدىڭىز؟ »، «نەسىرىدىن ئەپەندى ناخشىسى»، «تارىم دەرياسى، يۇرتۇمدىكى دەريا»، «سۆيۈملۈك پارتىيەگە مەدھىيە» قاتارلىق ناخشىلىرى پۈتۈن ئارمىيە، مەملىكەت بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1998، 2008-يىلىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.

 


  ئارافات ئارسلان 1998-يىلى 2-دېكابىر ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان «ئالاھىدە 6+1» پروگراممىسىدا «ئالاھىدە چولپان» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان پروگرامملىرى شىنجاڭلىق كېلىشكەن يىگىت ئارافاتنى پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلغان. «كۆڭۈل ئېچىش لۇغىتى»، «نۇرلۇق يول»، «بىر ئائىلە بويىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىش»، «بۈگۈن ئاخشام» قاتارلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىغا ئارافاتنىڭ ئوبرازى سىڭگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارافات مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىدىكى ئويۇن كۆرسىتىش ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشا ئاۋازى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاكلىرىغا، گۈل تەقدىم قىلىشىغا ۋە ماختاشلىرىغا سازاۋەر بولغان.

 


   بەرنا ئەنۋەر 2006-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان. 2012-يىلى 6-ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئالاھىدە 6 +1» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئالاھىدە كىچىك چولپان بولۇپ باھالانغان. 2012-يىلى 9-ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەن چاغان كېچىلىكىگە قاتنىشىمەن» پروگراممىسىدا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. 2013-يىلى «ئالتۇن قارچىغا كارتونى «جۇڭگو يېڭى ئاۋاز ۋەكىلى» گە قاتناشقان.

   پاشا ئۆمەر ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەر ۋە شياڭگاڭلىقلار ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ئۇسسۇلچىلارنىڭ بىرى، پاشا شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولۇپ 1981-يىلى ئۇسسۇل سەھنىسىگە قەدەم بېسىپ، شىنجاڭ ناخشا  ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئارتىسى بولۇپ قالغان.  1989-يىلى نامى دۆلەت ئىچى  سىرتىغا تارالغان شەرق ناخشا  ئۇسسۇل ئۆمىكى پاشانى ئۆمەككە قوبۇل قىلغان ۋە ئۆمەكنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلچىسى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس سەنئەت تالانتى بىلەن 1992-يىلى جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىسترلىقى تارقاتقان ئەڭ ئالىي دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.


 
  پاشا شياڭگاڭدا شياڭگالىق داڭلىق رېژسسور شۈ شياۋمىڭ رېژسسورلۇق قىلغان جۇڭگو  شياڭگاڭ بىرلىكتە مەبلەغ چىقارغان تۇنجى ھەرىكەتلىك فىلىم «دېڭىز شەھىرىدىكى ئېزىتقۇ»دا ئايال باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، داڭق چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا پاشا يەنە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولاردا رول ئالغان، تېلېۋىزور ئېلانلىرىغا چىققان ۋە داڭلىق مودا كېيىم ژۇرنىلى «EVE»نىڭ ژرۇنال مۇقاۋىسىغا مودېل بولغان.

 

  «جۇڭگو ياشلار فىلامىنگو گىتار چېلىش باشلامچىسى» دەپ ئاتالغان قەھرىمان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مىللىي چالغۇلار كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1993-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى تولغانما مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، 1998-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلامىنگو ئەترىتى «ئەپەندى»نى قۇردى. ئارقىدىنلا مەخسۇس پلاستىنكىسى «چىننۇرى» ۋە «كىروران قىزى»نى چىقاردى. بۇ مەخسۇس پلاستىنكىلار دۆلەت ئىچى  سىرتىدىكى كەسپىي زاتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىكى ئاساسلىق چالغۇچى قەھرىمان بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر گىتارچىلار قاتارىغا كىردى.


 11 يىلدىن بۇيان كاۋاپ سېتىش ئارقىلىق پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەتچى كاۋاپچى ئالىمنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىدىغۇ دەيمەن.


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر