سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ ئالدىدا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەردى
بېيجىڭ ياشلار گېزىتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ ئالدىدا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەن، ئىگىلىنىشچە 7 قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان، يىڭزې (迎泽) كوچىسى قامال قىلىنغان، نۆۋەتتە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋېتىپتۇ. خەلق گېزىتى ئورگان مىكرو بلوگىدا خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:40 ئەتراپىدا (ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:40 ئەتراپىدا)، سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى يىڭزې كوچىسىغا جايلاشقان ئۆلكىلىك كومىتېت ئالدىدا ئۇدا نەچچە قېتىم كىچىك تىپتىكى پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم يارىدار بولغان، 20 ماشىنا زىيانغا ئۇچرىغان. ئۆلكە، شەھەر رەھبەرلىرى شۇ پەيتتە نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلغان، ج خ ئورگانلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن دېلونى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. تەييۈەن شەھىرىدىكى تورداشلار مىكرو بلوگدا «ئۆلكىلىك كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:40 ئەتراپىدا تېررولۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى كەلدى» دەپ يازما يوللىغان. سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ ئالدىدا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەردى (نەق مەيدان سۈرەتلەر توپلىمى)