جۇڭگو تورى 14-نويابىر خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ «دۆلەت گېزىتى» تورىنىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم ئەكس تەسىرى ئاز بولغان ئۇسۇلىنى بايقاپتۇ. ئېلچ (ئالىكانت)دىكى مىگۇل ھېرناندىس ئۇنىۋېرسىتېتى (MiguelHernandezUniversity) قاتناشقان بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئەكىس تەسىرى ئاز بولغان يېڭىچە بىر خىل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى بايقىلىپتۇ.
بۇ سىناقنى مىگۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى ۋە ئېلچنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى فىلىكس گۇتىرىز قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، فىلىكىسنىڭ يېتەكچىلىكدە تاماملانغان ئىكەن. فىلىكىس قاتارلىق 13 ئالىمنىڭ نامىدىكى بۇ ماقالە «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سانتىياگو دوختۇرخانىسىمۇ بۇ قېىتىملىق سىناققا قاتناشقان ئىكەن.
ياۋرۇپا، كانادا ۋە ئامېرىكىدىكى 800دىن ئارتۇق بىمار بۇ خىل يېڭىچە داۋالاش سىنىقىغا قاتناشقان بولۇپ، كىلىنىكا سىنقىغا قاتناشقان بۇ بىمارلارنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەن ھەمدە ئەزەلدىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالىنىپ باقمىغان ئىكەن. بىمارلار ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، بىر گۇرۇپپىغا يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى، يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۇرۇنقى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
نۆۋەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلىدا 3 خىل دورا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى تىزگىنلىنەتتى. بۇ خىل داۋالاش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا دورا ئەكىس تەسىرى سەۋەبلىك بىمارلار داۋالىنىشنى توختىتاتتى ياكى دورا تاقابىل تۇرالايدىغان ۋىرۇسلارنى ئاشۇرۋېتەتتى.
يېڭىچە تورمۇزلاش دورىسى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ خىل تورمۇزلاش دورىسىنى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا ئىككى خىل دورا بىلەن تەك ئىشلىتىپ ۋىرۇسنى تىزگىنلەشكە رۇخسەت قىلدى. دوكتور فىلىكىس گۇتىرىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناپ بىر يىلدىن كېيىن، ئالىملار كونا ئۇسۇلدا داۋالانغان بىمارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى يېڭىچە داۋالانغان بىمارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدىغانلىقىنى، يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ۋىرۇسنى تېز سۈرئەتتە تورمۇزلايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىكەن.
بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى %2 بىمار يامان تەسىر سەۋەبلىك داۋالىنىشنى توختاتقان، لېكىن ئۆلچەملىك داۋالاش ئۇسۇلىدا بولسا %10 بىمار داۋالىنىشنى توختاتقان. يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارغا قاپارتما چىقىشنى، ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشنى، ئەنسىرەش، باش قېيىش ۋە تولا ئۇخلاش ئەھۋاللىرىنى ئازلىتالايدىكەن، ھەمدە يېڭى ئۇسۇلنى قوللانغان بىمارلاردا دورا كۆرۈشمەسلىك چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. لېكىن يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى بىمارلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىكەن.