ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 داڭلىق كۈرەشچى ئايروپىلان

0 2013-11-15 10:51:34   شىنخۇا تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

دۇنيادىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 داڭلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا نەزەر


 تور ئەھلى دائىم قايسى تىپتىكى ئايروپىلان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۈرەشچى ئايروپىلان؟ قايسى تىپتىكى ئايروپىلان ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈرەشچى ئايروپىلان؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىدۇ، بىز بۇنىڭغا قارىتا ئايروپىلاننىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى، سەپلىمىلىرى، سۈرئىتى، ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى، مەشخۇلاتچانلىقى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆلچەم قىلىپ باھايمىز، تۆۋەندىكىلەر مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە باھالاپ چىقىلغان دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 10 كۈرەشچى ئايروپىلان.
  ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم يوقىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئايروپىلانلار، ئەمما بۇ ئايروپىلانلارنىڭ تېخى ئەمەلىي ئۇرۇشتا تۇتۇشۇپ باققىنى يوق. شۇڭا بىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۆلچىمى، ھازىرقى بار بولغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە تېخنىكىلىق سېلىشتۇرۇشلار ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى رەتكە تىزىپ چىقتۇق.  ئەلۋەتتە، ئۇچقۇچىلارنى مەشىقلەندۈرۈشمۇ  ئوخشاشلا ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، چۈنكى ئايروپىلاننىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ئۇچقۇچىنىڭ ئىپادىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى تىزىلغان قاتارغا پەقەت ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۈرەشچى ئايروپىلانلار تىزىلغان بولۇپ، ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان، سىناق نۇسخىدىكى ئايروپىلانلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدۇ. 

.1 لوككىد مارتېن شىركىتى/ بوئىن شىركىتى  ياساپ چىققان: «يىرتقۇچ» F-22 (ئامېرىكا)
«يىرتقۇچ»F-22 : تىپلىق كۈچلۈك بولغان بوشلۇق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئۇ  رادارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا « كۆرۈنمەس مەۋجۇدىيەت» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  بۇ ئايروپىلاننىڭ يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى ۋە ئاۋازدىن تىز ئۇچۇش سۈرئىتى دۇنيادىكى باشقا ھەرخىل ئىلغار تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ، مېخانىكىلىق ئىقتىدارى ۋە قورال سەپلىمىسى جەھەتتىمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ ئىلغار، شۇنداقلا ئەڭ قىممەت كۈرەشچى ئايروپىلان.


2.بوئىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان: F/A-18E/F –تىپلىق « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» (ئامېرىكا)
 «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھازىرقى ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى، ئەڭ كۈچلۈك كۈرەشچى ئايروپىلانى، شۇنداقلا، ئاۋسترالىيىنىڭ ئاساسى ھۇجۇمچى ئايروپىلانى. ئۇ ئاۋىئاماتكىغا سەپلىنىدىغان ئايروپىلانغا تەۋە بولۇپ، ھەم بوشلۇقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدۇ ھەم سۇ ئۈستىدىكى نىشانلارغىمۇ زەربە بېرەلەيدۇ.
– F/A-18E/F تىپلىق « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە »– F/A-18C/D تىپلىق « چوڭ سېرىق ھەرە» ئاساسىدا ياسالغان، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى تىپتىكى ماتور سەپلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،   « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە»گە تېخىمۇ كۆپ سىرتقى ئېسىش راملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋىئاتسىيە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرى تېخىمۇ ئىلغار قىلىپ سەپلەنگەن.

3.  ياۋروپانىڭ « تەيفېڭ » كۈرەشچى ئايروپىلانى ( ياۋروپا ئىتتىپاقى)
«تەيفېڭ» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈرەشچى ئايروپىلان بىرلەشمە گەۋدىسى(Eurofighter consortium)تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى. « تەيفېڭ»غا ئىلغار تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئەڭ ئىلغار زامانىۋىلاشقان ئاۋىئاتسىيە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، « تەيفېڭ»ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ «يىرتقۇچ»F-22 –تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ يېرىم جەڭگىۋارلىق كۈچىگە ئىگە .  ھەتتا،  F-15F، فرانسىيىنىڭ « ئۆتكۈنچى شامال»،  رۇسىيىنىڭSu-27 ۋە باشقا كۈرەشچى ئايروپىلانلاردىن ئىلغار بولۇپ، « تەيفېڭ» ئاللىقاچان ياۋروپا قىتئەسى ھاۋا ئارمىيە كۈچىنىڭ « ئۇل تېشى»غا ئايلانغان.

.4   «ئۆتكۈنچى شامال» ( فرانسىيە)
«ئۆتكۈنچى شامال» فرانسىيە ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانغا بەزىبىر ئەڭ ئىلغار بولغان ئاۋىئاتسىيە ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، مېخانىكىلىق ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىرلا ۋاقىتتا 40 نىشاننى ئىز قوغلىيالايدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى « ئەڭ خەتەرلىك» دەپ قارالغان تۆت نىشانغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلالايدۇ. « ئۆتكۈنچى شامال» فرانسىيە ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ تايانچ كۈچى.

-Su-27. 5تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ( رۇسىيە)
-Su-27تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئاساسلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا مۇداپىئە قىسمى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ، دائىرىلەر يېڭى بىرخىلF-15 بىلەن « ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرالايدىغان»، ئېغىر تىپتىكى جابدۇقلار سەپلىنىدىغان ۋە زامانىۋىلاشقان سەزگۈر دېتاللار سەپلەنگەن يۇقىرى مېخانىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە كۈرەشچى ئايروپىلان ياساشنى تەلەپ قىلغان. بۇSu جەمەتىدىكى يۈرۈشلۈك ئايروپىلانلار شەكسىز ھالدا ئىنتايىن ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تېخنىكىسىنىڭ  ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
 - Su-27تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانغا كۆپ بولغاندا 10 دانە ئېغىر تىپتىكى ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بىرىلدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلىگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننى قالتىس بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان.  بىراق بەزىبىر زامانىۋىلاشقان ۋە ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكىSu-27 ئوخشاشلا ئۇنىڭ جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، بۇلار30Su-، Su-35قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئېيتىشلارغا قارىغاندا،Su-27  لار 35Su-  غا ئالماشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىگە ئىنتايىن چوڭ خىرىس ئېلىپ كەلگەن.
  نۆۋەتتە، رۇسىيە بىر خىل يېڭى تىپتىكى سۇخويPAK FA كۆرۈنمەس  كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كونىراپ كەتكەن مىگ-29 « تايىنىش نۇقتىسى» ۋەSu-27 «يان مۇھاپىزەتچىسى»نىڭ ئورنىنى ئالدىكەن.

6- F-15.تىپلىق «بۈركۈت»
 F-15  بولسا دۈشمەن مۇداپىئەسىدىن  سىڭىپ كىرىشنى مەقسەت قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئايروپىلان. گەرچە ، ھازىرغا قەدەر مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ۋاقتى 30 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ھېلىھەم دۇنيادىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار قاتارىدا باشلامچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتەF-15 .غا ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلىنىدىغان بولۇپ،   مەشغۇلات قىلىش ئاسان، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تىز سۈرەتلىك مېخانىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان  كۈرەشچى ئايروپىلان» دەپ قارالغان.
   F-15 نۆۋەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. بۇ خىلدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە، ياپونىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەرگە ئىمپورت قىلىنغان.

. 7   مىگ-31  ( رۇسىيە)
 مىگ-31 يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا تىز سۈرئەتتە يۇقرغا ئۆرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، بىراق، مەشخۇلاتچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش بۇنىڭ بەدىلى قىلىنغان.  مىگ -31 دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تىز كۈرەشچى ئايروپىلان، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق يىراق ئارىلىقتىن دۈشمەن ئايروپىلانىغا زەربە بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى بولغان مىگ-BM31 ھەقىقەتەن كۆپ خىل ماھارەتلىك « تۈلكە تايغىنى»، داڭلاشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىدارلىرى: يىراق ئارىلىقتىن توسۇش، نىشانغا دەل زەربە بېرىش ۋە ھاۋا مۇداپىئە  كونترول قىلىش باستۇرۇش ئىقتىدارى.  رۇسىيە 2010-يىلىدىن باشلاپ مىگ-BM31 نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، مىگ-BM31 كەلگۈسىدە داۋاملىق تۈردە رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ « ئومۇرتقىسى» بولۇپ قالىدۇ.

. 8  لوككىد مارتېن شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان16F-«لاچىن»  ( ئامېرىكا)
 16-F بولسا 15F-دىن تېخىمۇ ئەپچىل، تېخىمۇ ئەرزان بولغان ئورۇنباسار مەھسۇلات. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، 15F-پەقەتلا ھاۋا ئۇرۇش ئايروپىلانى، 16F-بولسا بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ئايروپىلان بولۇپ، ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ئوخشاشلا زەربە بېرەلەيدۇ. بۇ تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان گەرچە كىچىك بولسىمۇ، بىراق مېخانىكىلىق ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، كۆپۈك شەكىللىك بۆلۈمچە قاپقىقى ئۇچقۇچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى ئاشۇرغان بولۇپ، يېقىن ئارىلىقتا جەڭ قىلىشقا تېخىمۇ باب كېلىدۇ.
16-F نۆۋەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتەۋاتقان بولۇپ، 2025-يىلغىچە مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى پىلانلانغان. كېيىن يېڭى تىپتىكىF-35 «چاقماق» 16F- نىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.

9. سابوJAS-39(شۋېتسىيە)
  سابوJAS-39  تۆتىنچى ئەۋلاد يېنىك تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان. بۇ تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئەڭ يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان، ھەرخىل ھاۋا مۇداپىئەسى، توسۇش، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدۇ، يېڭىق ئارىلىقتا جەڭ قىلىشقا ماھىر.
  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، JAS-39نۆۋەتتىكى خىراجەت ئەڭ ئاز كېتىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رېمونت قىلىش قۇلاي بولۇپ، شۋېتسىيە ھاۋا ئارمىيە كۈچىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.

. 10  قىرغۇچى-10  ( جۇڭگو)
 قىرغۇچى-10 بولسا بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، ھەم جۇڭگو تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلىپ چىققان، ئىقتىدار ۋە ئۈنۈم جەھەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن يېقىن تۇرىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان.  ئەڭ دەسلىپىدە، قىرغۇچى-10 نى ھاۋا مۇداپىئە كۈرەشچى ئايروپىلانى قىلىش پىلانلانغان، بىراق، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات تۈرتكىسىدە  ئاستا—ئاستا كۈپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئايلانغان.
  قىرغۇچى-10نىڭ ھازىرقى زامان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى بار.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر