مىسىردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

0 2013-11-19 11:13:07   ئىنتېرنېت   admin
T|T:خەت رەزمىرى

مىسىردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا. مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئەش شەرقىييە ۋىلايىتىدىكى زەقازىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوللىغۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 30 كىشى يارىلاندى. قاھىرەدىكى ئەزھەر، ھىلۋان ۋە ئاسيۇت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنغان ساۋاقداشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاسيۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى. شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىشتا 7 ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلگەن.

 
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر