ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچە ئامېرىكىدا قولغا ئېلىندى

0 2013-11-15 11:13:00   news.qq.com   admin
T|T:خەت رەزمىرى

 
جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-نويابىر تېلگىراممىسى. ئامېرىكا مۇھاجىرلار گېزىتى تورىنىڭ تەرجىمە خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى، 8-نويابىر، چېگرا چارلاش ساقچىلىرىنىڭ ئارىزونا شىتاتىنىڭ تۇسسون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ياپونىيەدە ئىشلەنگەن نىسسان ئالتىما ماركىلىق ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىدا، ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا چېگرا چارلاش ساقچىلىرى چارلاش ئاپشاركىسى بىلەن رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى ئىشلىتىپ، 19-نومۇرلۇق شىتاتلىق تاشيول تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەن بىر ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىدا ئۈچ نەپەر چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچى يۇشۇرۇنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى توشىغان ماشىنىنى ھەيدىكەن شوپۇر ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەن، ئەمما 13-نويابىر، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ شوپۇرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان. نۆۋەتتە، شوپۇر ۋە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەر قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۈچ نەپەر چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىۋېتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر