كۆزىدىن قەغەز «ياش» چىقىدىغان قىز
مالايىسىيىدە ساراسىۋانى ئىسىملىك 10 ياشلىق بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزى ئىششىغان ھامان كۆزىدىن ئۇششاق قەغاز پارچىلىرى چىقىدىكەن. ئۇ شىجاۋىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە كۆزىتىلگەن بولسىمۇ، دوختۇرلار ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغانلىقتىن، ئائىلىسىگە قايتىپ كەتكەن. دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا ئۇنىڭ كۆزىدىن شەكلى ئۆرۈك مېغىزىغا ئوخشايدىغان 30 پارچە قەغەز «ياش» چىقان.
«بارماق سىزىقلىرى يوق ئادەم»
ھەممە ئادەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ سىزىقلىرى بولسىمۇ، لېكىن بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا رازۋېد ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر ماتېرىيالىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە 20 نەچچە ئادەمنىڭ بارماقلىرى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلار «بارماق سىزىقلىرى يوق ئادەم» لەر ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 ئادەم ياپونىيىدە، 5 ئادەم ئامېرىكىدا ئىكەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بارماق سىزىقى يوق بۇ بەش ئادەم دەل بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلار نيۇيورك شىتاتىنىڭ كاسسېلىنېۋىر شەھىرىدە ئولتۇرىدىكەن. بىر ئائىلىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ تېرىسى سىپسىلىق بولۇپ، ھېچقانداق سىزىق يوق ئىكەن.
تېرىسى يوق بالا
ئانسۇننى ئىككى ياشقا كىرگەن ئەنگلىيىلىك بالا، ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش زېرەك ھەم ئۇماق بولسىمۇ، لېكىن بەدىنىنىڭ تېرىسى يوق، يەنى بەدىنىنى پەقەت بىر قەۋەت يېپىشقاق يوپۇق ئوراپ تۇرغاچقا، باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئەركىن ئوينىيالمايدىكەن، ماڭالمايدىكەن، بەدىنى يىل بويى بىر قەۋات ئاق داكا بىلەن ئوراقلىق تۇرىدىكەن.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشچە، ئانسۇننىنىڭ گىرىپتار بولغىنى «ئوزۇقلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك ئۈزە تېرە سۇلۇق قاپارتمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىرسىيەت كېسەللىكى بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ بىردەك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققدنىكەن. ئانسۇننى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن ھالدا چوڭ بولغان. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى داكىنى ئالماشتۇرۇشقا تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. ھەر قېتىم داكا ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا ئۇ بالا ئاغرىققا چىدىماي توختىماي يىغلايدىكەن.
ئانسۇننى قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېيەلمەي، پەقەت سۇيۇق يېمەكلىكلەر بىلەنلا ھايات كەچۈرىدىكەن. ئۇنىڭ كېسىلى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىدىغانلىقىنى مۇييەنلەشتۈرەلمىگەن.
يېشى چوڭايغانسېرى پاكارلاپ كەتكەن ئايال
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكىلىق بىر دوختۇر يېشى چوڭايغانسېرى پاكارلاپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنى بايقىغان. بۇ ئايال 18 ياش ۋاقتىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكى 151 سانتىمېتىر بولۇپ، 30 ياشقا كىرگەندە 132 سانتىمېتىرغا؛ 50 ياشقا كىرگەندە 116.8 سانتىمېتىرغا، ئېغىرلىقى ئاران 34 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغان. 32 يىل جەريانىدا ئۇ 34.2 سانتىمېتىر پاكارلاپ كەتكەن. ئۇ بويى پاكارلاپ كېتىۋاتقان مەزگىللەردە نۇرغۇن ئازاپ چەككەن: دەسلەپتە ئۇستىخانلىرى ئاغرىغان، ئاندىن ئۇستىخانلىرى كۆپ قېتىم سۇنۇپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەدرىجىي ھالدا غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قالغان.
دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئۇ ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك ئۇستىخان كېسەللىكى، يەنى «بالاغەتكە يەتكەندە فوسفورىلازىنىڭ ھەددىدىن، زىيادە ئاز بولۇش كېسەللىكى» گە گىرىپتار بولغانىكەن. تۇغما ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك فېرمېنت كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، ئۇستىخاننىڭ چۈرۈكلۈك دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا ئۇستىخان سۇنۇپ كېتىش ۋە غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ بىر خىل يوشۇرۇن خاراكتېرلىك ئىرسىيەت كېسەللىكى بولۇپ، دۇنيا بويىچە پەقەت 10 نەچچە كىشىلا بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان. ھازىرغىچە بۇنداق كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلمىغان.
چەتئەللەردىكى يانتۇ مۇنارلار
يانتۇ مۇنار مەركىزىي نۇقتىسى ئېغىپ كېتىپ، مۇنار گەۋدىسىنىڭ يانتۇ بولۇپ قېلىشى بىلەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇھىم مەنزىرە بولۇپ قېلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە يانتۇ مۇنار بىناكارلىق قۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا «مېيىپ» قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
يانتۇ مۇنار تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئىتالىيىنىڭ 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسالغان پىسا مۇنارى كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 54.6 مېتىر بولۇپ، ئۇلى ئۇلتۇرۇشۇپ كېتىش سەۋەبىدىن جەنۇبىي قىرغىقى 70 سانتىمېتىر تۆۋەنلەپ كېتىپ، شىمالىي قىرغىقىنىڭ ئېگىزلىكى 55.22 مېتىر بولۇپ قالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ مۇنار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىللىمېتىردىن قىيسىيىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرمەي، مۇستەھكەملىنىپ تۇرۇلسا، ئۇ يەنە 2000 يىل ئەتراپىدا تىك تۇرالايدىكەن.
شۋېتسارىيىنىڭ تاغلىق ساياھەت رايونى مولىتسىدا ئېگىزلىكى 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان بىر چېركاۋ مۇنارى بولۇپ، ئۇ 1797 - يىلىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە قىيسىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆرۈلۈپ كەتمەي، بۇ رايوننىڭ مەنزىرىسىگە مەنزىرە قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يانتۇلۇقى پىسا مۇنارىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن.
فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ كىنكايرىد ئۆلكىسىدىكى سائەت مۇنارى كونا قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلىغا سېلىنغانلىقتىن، قىيسىيىپ كېتىپ، يانتۇلۇق دەرىجىسى پىسا مۇنارىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەنگلىيىلىكلەر ئۈچۈن 120 نەچچە يىل ۋاقىت مەلۇم بېرىۋاتقان «كالانپاي سائەت» ئورنىتىلغان پارلامېنت بىناسىنىڭ چاسا مۇنارى يىلدىن - يىلغا قىيسىيىپ، ھازىر تىك سىزىقنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى 23 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بەزى گېزىت - ژورناللاردا بۇ مۇنار «لوندون يانتۇ مۇنارى» دەپ ئاتالغان.