تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 17- نويابىر مۇنداق سۆز قىلدى ، ئۇ يەنە بىر قېتىم ھۈكۈمەتكە قارشى تۈركىيە كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرىنى قۇرال تاشلاشقا دەۋەت قىلدى .
ئەردوغان شۇ كۈنى كوردلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنوبىدىكى دىياباكىر ئۆلكىسىدە مۇنداق دىدى :<< كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرى چوقۇم تاغلىق رايۇندىن ئايرىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك . ئۇ كوردلارنىڭ تۈركىيە ھۈكۈمىتى بىلەن كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق خادىملىرى ئوتتۇرسىدا تېنچ تەرەققىياتنىڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك . ھەمدە تېنچلىقنىڭ بۇزماقچى بولغان قۇراللىق ئونسۇرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى .
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىراق كورد ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۈكۈمەت رەئىسى ، ئىراق كورد دىموكراتىك پارتىيىسى رەئىسى مەسود . بازانى شۇ يەر ۋاقتى 16- نويابىر ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈركىيە ھۈكۈمىتى ۋە كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق خادىملىرى ئوتتۇرسىدىكى تېنچلىقنى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن باشقا بىر خەۋەردە ، 9 نەپەر كورد ئىشچىلار پارتيىسى قۇراللىق خادىمى 17-نويابىر ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورد ئىشچىلار پارتيىسى قۇراللىق لاگىرىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنوبى ئارقىلىق تۈركىيە چېگراسىغا كىرگەن ھەمدە تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسمىغا قۇرال تاپشۇرۇپ تەسىلىم بولغان .
ئالدىنقى يىلى 10- ئايدىن بۇيان ، تۈركىيە ھۈكۈمىتى بىلەن كورد ئىشىچلار پارتىيىسى رەھبىرى ئوسالان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ، ھەمدە كورد ئىشىچىلار پارتىيىسى قۇراللىق خادىملىرىنىڭ قۇرال تاشلاپ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان . بۇ يىل 3- ئايدا ، ئوسالاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن كورد ئىشىچلار پارتيىسى قۇراللىق خادىملىرى تۈركىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختاتقان.