ئۈندىدار سالونى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ، كۈندە سەككىز مىڭدىن كۆپەيگەن

0 2013-11-19 11:24:37   tech.qq.com   admin
T|T:خەت رەزمىرى

  
     11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا  تېڭ شۈن ئۈندىدار مەھسۇلاتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى جاڭ يىڭ ئۈندىدار ئېچىش يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە  ئۈندىدار سالونى ئېچىلغان 15 ئايدىن بۇيان ئۈندىدار سالونى 2 مىليوندىن ئاشقان ، كۈندە 8 مىڭدىن كۆپەيگەن ، ھەر كۈنى 100مىليوندىن ئارتۇق ئۇچۇر يوللانغان  .
   جاڭ يىڭ يەنە ئۈندىداردا داۋاملىق ئاۋاز ئارقىلىق ئۇلاش ، تور بەت ھوقۇقى ، ئابونت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش قاتارلىق سودا قىممىتىگە ئىگە ئىقتىدارلار قوشۇلىدىغانلىقىنى ،  بۇ يېڭى ئىقتىدارلارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ، ئابونتلارنىڭ شەخسىي سىرى قاتارلىقلارنى ياخشى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان .
   ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش مەسىلىسىدە جاڭ يىڭ تېخىمۇ كۆپ  ئۈندىدار سالونى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئابونتلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش تېخى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ ، ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ،تېخىمۇ   قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى چىقىرىلىدۇ .
   ئەلۋەتتە ئۈندىدارنىڭ ئاساسى دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا . ساقلاش ۋە ھەمبەھىرلەش ئابونتلارنىڭ ئەڭ تىپىك تەلىپى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى  ئايلىق ئۈندىدار ئابونتى 270مىليون بولۇپ ، 200دىن كۆپ دۆلەتكە ئومۇملاشقان . ئاۋاز يوللاشتىن دوستلار چەمبىرىكىگىچە ، يەنە ئۈندىدار سالونىغىچە ئۈندىدارنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ . 2011-يىلى 5- ئايدا ئۈندىداردا ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ ، ئۈندىدارتېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى ، 2012-يلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى ئېلان قىلدى .  بۇ ۋاقىتتا ئۈندىدار پارڭلىشىش قورالىدىن ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا  ئايلاندى ؛ 2013-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئويۇن ، سىكاننېرلاش ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش سۇپىسى  شەكىللەندى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر