جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىماننىڭ " ئايال " غا ئايلىنىش چۈشى
كېرىستوف 24 يېشىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيسى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن . تاكى 2011- يىلغىچە دېڭىز ئارمىيىسى 2- دەرىجىلىك ھەربىي قۇماندانلىقتىن ئەسكەرلىكتىن چىكىنىپ چىققان ، ئۇ ئەترەتتنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ ، ھەربىي مەجبورىيەت ئۆتىگەن چاغدا بىر قانچە قېتىم ئوردىن ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۇ ئەسكەر بولغاندا دۇنيانىڭ ئىراق ، ئافغانىستان قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن . ئۇ يەنە بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن دېڭىز قاپلىنى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- تارماق ئەتىرىتىدە تۇرغان .
ئۇ يالغاندىن ئافغانىستاندىكىPashtun مىللىتىدىن بولۇۋېلىپ تالباننى ئىچكى قىسمىغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن ، كىرىستوف تالىباننىڭ ئاياللارنى ئىزىدىغان رىئالىققا قاراپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالغان ، ھەمدە ئۆزىدىكى ئايالغا ئايلىنىش ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان . ئۇ مېنىڭ نىمىشقا ساقىلىم بار ، مەن نىمىشقا ئايال بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان ، مەن دىگەن بىر ئايال دەپ ئۆزى - ئۆزىگە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان . بۇ خىل بىمەنە خىيال كىرىستوف Georgetow ئونۋىرسىنتىتىنىڭ پىسخىلوگىيە دوختۇرى سىخاد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنگە قەدەر توختاپ قالمىغان . سىخاد كىرىستوفنىڭ ئۆزىنى ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەم رىئالىققا ئايلاندۇرۇش ھوقوقىنى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كىرىستوفنى جىنىس ئۆزگەرتىشكە مەدەت بەرگەن .
جىنىس ئۆزگەرتكەنلىك رىئاللىقىنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇش
2011- يىلى قىسىمدىن چىكىنگەندىن كېيىن ئىككى قېتىم توي قىلىپ ، ئاجرىشىپ ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان كىرىستوف جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ، ھەمدە ئىسمىنى كىرسىتىنا . بېكقا ئۆزگەرتىپ ھەربىي ئىشلار سودىگىرىگە ئايلانغان . بېك جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى سالايھىتىنى باشقىلاردىن يۇشۇرغان . چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەزەلدىن بىر ئوغلىمىز بار يۈرگەندە تۇيۇقسىز ئوغۇل قىزغا ئايلىنىپ قالسا قۇبۇل قىلىشى تەسكە چۈشەتتى .
جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بېك بىر مەزگىل قۇبۇل قىلالمىغان . بىراق ئامېرىكا دېڭىز قاپلىنى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىدىكى باشقا سەپداشلىرى ئۇنىڭ قوللىغان ، ھەمدە مەدەت بەرگەن . بىر سەپدىشى خەت يېزىپ مۇنداق دىگەن :" سەن مەڭگۈ بىزنىڭ ياخشى سەپدىشىمىز ، سەن يوپكا كىيىپ كەلسەڭمۇ ، مەن سەن بىلەن ھاراق ئىچىشنى بۇرۇنقىدەك خالايمەن . چۈنكى مەن دېڭىز قاپلىنى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ، سېنىڭ قارارىڭ بۇنىڭدىنمۇ تەس ، بىراق مەن سېنىڭ باتۇرلۇقىڭغا قايىل " دىگەن .