مايكول . جېكسوننىڭ قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى

0 2013-06-07 10:45:57   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 6- ئىيون تېلگراممىسى . چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ناخشىچىسى مايكول . جېكسوننىڭ قىزى پارىس . جېكسون بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن " قەستەن ئۆلۈۋالماقچى بولغان " ، بىراق دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ، جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاچقا ھاياتىنى ساقلاپ قالغان . خەۋەردە دىيىلىشىچە ، پارس . جېكسون شۇ يەر ۋاقتى 5- ئىيون سەھەر سائەت 2 دە ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان . جېكسوننىڭ ئائىلە ئادۋۇكاتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى :" دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پارسقا نىسبەتەن دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئىنتايىن زور زەربە بولدى ، بىراق ھازىرغىچە پارسنى نىمە ئۈچۈن ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس " . پارسنىڭ ئانسىنىڭ بايانى قىلىشىچە، پارسى يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ئۆزگىرىش ۋە بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ، قىيىنچىلىقتا قالغاندەك ھېس قىلغان "

   پارس مايكول . جېكسون ئائىلىسىنىڭ AEG كۆڭۈل ئېچىش شىركىتىنىڭ ئەرز قىلغان نىشانى بولۇپ ، 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ تاقىلىدىغان داۋا دەستۇرنىڭ ئىسپاتچىسى بولۇپ قالغان . جېكسون ئائىلىسى مايكول . جېكسوننىڭ AEG كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى ئۇيۇن قۇيۇش مۇساپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ، بىراق كېيىن ئۇيۇن قۇيۇش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ مايكول . جېكسون دورىنى كۆپ يەۋالغاچقا قازا قىلغان . شۇنىڭدىن باشلاپ AEG كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى تىغ ئۇچىنى پارس . جېكسون بىلەن ئاكىسى فېرس . جېكسونغا قارىتىپ ، جېكسون ئائىلىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ ، نەچچە مىليارد تۆلەم پۇل تەلەپ قىلغان . بۇ سوت 4- ئايدا ئېچىلغان ، تەخمىنەن 3- 4 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلنىدىغان بۇ سوت جېكسون ئائىلىسىنى ئايىقى چىقماس داۋا پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويغان .

  مايكول . جېكسون 2009- يىلى ناركوز قىلىش ئۇكۇلى ۋە تېنچلاندۇرۇش دورىسى بەك كۆپ يەۋالغاچقا قازا قىلغان .

    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博