جىنخۇا تورىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى رۇڭخۇا ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ئايال مۇئاۋىن ھاكىمى 28ياشلىق جاۋچۈن زى 7يىل ئىچىدە ئۇدا 3دەرىجە ئۆسكەن بۇلۇپ ،ھۆكىمەت تەرەپ بۇ ئىشنى تەكشۈرمەكتە .ئىگىلىنىشىچە ،جاۋ چۈن زى 1984-يىلى 10ئايدا تۇغۇلغان بۇلۇپ 2005-يىلى< خۇنەن يىنىك -سانائەت ئىنىستىتۇتى>نى پۈتتۈرگەن ،خۇارۇڭ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇتقۇچى بولغان ،2006-يىلى مۇئاۋىن بازار باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، 2008-يىلى خۇارۇڭ ناھىيىلىك <پەن-تېخنىكا ئىدارىسى>نىڭ باشلىقى بولغان ئەينى چاغدا تورداشلار <يېڭى ئىدارە باشلىقى 24ياش ئىكەن خىزمەت تەجرىمىسىمۇ يىتەرلىك ئەمەسكەن >دىيىشكەن . ،2012-يىلى خۇارۇڭ ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ،7يىل ئىچىدە 3دەرىجە ئۆسكەن بۇلۇپ ،ئۆسۈش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.تورداشلارنىڭ قارىشىچە جاۋ چۈن زى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئۆسكەن بۇلۇشى مومكىنكەن ،چۈنكى ئۇنڭ تاغىسى نۆۋەتتە يۆياڭ شەھىرىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى ئىكەن تۈنۈگۈن مۇخبىر رۇڭخۇا ناھىيىسى تەشكىلات بۆلىمىنىڭ بۆلۈم باشلىقىنى زىيارەت قىلغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دىيىشىچە جاۋ چۈن زى ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق تاللانغان بۇلۇپ ،دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈلمىگەن.
جاۋ چۈنزى <پەن-تېخنىكا ئىدارىسى>نىڭ باشلىقى بۇلۇپ 4يىلدىن كېيىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى رۇڭخۇا ناھىيىسىدە 16-قېتىملىق خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 3-ئۇمۇمىي يىغىنى ئېچىلغان بۇلۇپ جاۋ چۈنزى رۇڭخۇا ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن .ئەينى چاغدا تورداشلار <جاۋ چۈنزى راكىتادەك تېز ئۆستى>دىگەن .نۆۋەتتە جاۋ چۈنزىنىڭ 7يىل ئىچىدە 3دەرىجە ئۆسىشى تەكشۈرۈلمەكتە.
28ياشلىق مۇئاۋىن ھاكىم جاۋ چۈن زى