2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلغۇچىسى شۈمېينىڭ 5-چىسلا دېيىشچە " بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمىتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى 9 مىليۇن 120 مىڭ نەپەر ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ، مەمىلكىتىمىز بۇيىچە 31 ئۆلكە ( رايۇن، شەھەر ) ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئۇرۇنداپ بولغان.
بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن، بۇ ئىمتىھان مەيدانىغا كۆزىتىش ئاپىرات سېستىمىسى جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن، توردا تەكشۈرۈش سېستىمىسى قاتارلىق باشقۇرۇش ئەسلىھەسى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىمتىھان مەيدانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزىلمىسىنى كۈچەيتكەن، ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئىمتىھاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە كۆز بۇيامچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا زەربە بېرىدىكەن.