خەلىقئارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا شاڭخەي شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ توك توختىغان بۇلۇپ قاتناش ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان ،بەزى شەھەر ئاھالىلىرى لىفىتتا تۇرۇپ قالغان .
شاڭخەي شەھەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىداراسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،يۇقۇرى بېسىمدىن كاشىلا چىققانلىقتىن 6-ئاينىڭ 5كۈنى سائەت 8دىن 10غىچە شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا توك توختىغان .
ئاز كۆرۈلىدىغان توك توختاش ھادىسى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇلۇپ سائەت 21.48مىنوت ئۆتكەندە شاڭخەي شەھىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشى ئەسلىگە كەلگەن .