مىكرو بىلوگدا خاتىرلىنىشىچە ، گانا شۇ يەر ۋاقتى 4- ئىيون چۈشتىن كېيىن ، شەرقى Beat okur east line دىكى كاندىكى جۇڭگولۇق ئىشچى باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يىگەن ، ئۇ تاياق زەربىسىدىن كېيىن ، ئورمانلىققا مۇكۈۋالغان ، بىراق يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن ، تېرورچى ئۇنسۇر دەپ قارىلىپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق تاياق يىگەن . بۇ بىر توپ يەرلىك ئاھالىلەر قولغا AK47 مىلتىقنى ئېلىۋېلىپ ، جۇڭگولۇقلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان . يېرىم سائەتتىن كېيىن ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق يىنىك يارلىنىپ ، بىر ئايال ئېغىر يارلانغان . يەرلىكلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ يېنىدىكى پۇل مالنى بۇلاپ كەتكەن .
گانا ھۈكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلار تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانسىرى يامانلاشقاندىن كېيىن ، جۇڭگولۇقلارنىڭ گانادىكى بىخەتەرلىكى توسالغۇغا ئۇچرىدى . جۇڭگولۇقلار گانادا بىر تەرەپتىن تاياق يىسە يەنە بىر تەرەپتىن پۇل ماللىرى يەرلىكلەر تەرىپىدىن بۇلاندى .
جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭلېي 5- ئىيون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى :" جۇڭگو تەرەپ گانادىن قانۇنسىز ئالتۇن قازغان جۇڭگولۇق ئىشىچلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى " .
ئالدىنىقى يىلى 10 - ئايدىن بۇيان ، گانا ھۈكۈمىتى چەت ئەللىك پۇقرالارغا قارىتا بولۇپمۇ قانۇنسىز ئالتۇن قازغان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا بىر تۈرلۈك تازلاش ھەركىتى ئېلىپ بارغان ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرمۇ زەربىگە ئۇچرىغان . ئەمەلىيەتتە ، " ئالتۇن قىرغاق " دەپ نام ئالغان گانا جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئالتۇن قىزغىنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بىراق بۇ قىزغىنلىق مەسلىسى گانادىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقى ۋە مۇھىت مەسىلىسى جەھەتتە يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان .
گانا ئەسكەر چىقىرىپ قانۇنسىز ئالتۇن قازغانلارغا زەربە بېرىش
مۇخبىرنىڭ ئىگەنلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا ،گانادىكى تازلاش ھەم زەربە بېرىش ھەركىتى 1- ئىيوندىن باشلانغان .
بۇنىڭدىن بۇرۇن ، جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە گۇاڭشى يەرلىك ھۈكۈمىتى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش مەسىلىسى ئۈستىدە كىلىشىم ئىمزالاپ بولغان ، ھەمدە بىر قانچە ئاي ئىچىدە گانادىكى ئالتۇن قېزىش ئىشلەمچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئەينى چاغدا گانا ھۈكۈمىتى بەرگەن مۆھلەت ئىككى ھەپتە بولغان . ئەھۋالدىن خەۋەردار لۇچىنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىشىچە ، گانا ھۈكۈمىتى بەرگەن مۆھلەت توشماي تۇرۇپ ، كىلىشىم ئىمزالىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە جۇڭگولۇق ئىشچىلارغا ئارمىيە ئاجرىتىپ زەربە بەرگەن .
لۈچى مىكرو بىلوگدا مۇنداق دىدى :" ئەڭ يېڭى خەۋەر ئۇنىڭ گانادىكى دوستى تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئەينى چاغدا گانا ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ قاتتىق ئۇرغان سۈرەتنى ئەۋەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، جۇڭگولۇقلار ئاچقان تاللا بازىرى يەرلىكلەر تەرپىدىن بۇلانغان ، ھەتتا بىر جۇڭگولۇق يەردە يارلىنىپ ياتقان كۆرۈنۈش تارتىلغان سۈرەتنى ئەۋەتكەن .
ئەينى چاغدا ، گانا ئارمىيىسى ، يەرلىك ھۈكۈمەت ئارمىيىسى تۇلۇق قۇراللانغان ھالدا كۇماس ، گۇنتا قاتارلىق جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان كان رايۇنىغا كېلىپ جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى تۇتقان ، قېچىپ كەتكەنلەرنى ئىز قوغلاپ تۇققان . بەزى جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر قېچىش جەريانىدا 3 نەپەر ئىشداشنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن .
يىغىپ ئېيتقاندا ، بۇ قېتىمقى گانا ھۈكۈمەت ئارمىيىسى تازلاش ھەركىتى جەريانىغا ، تازلاش نىشانى جۇڭگولۇق ئىشچىلار بولغان . لۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە ، ئەينى چاغدا قازا قىلغانلارنىڭ سالايھىتى گۇۋاھنامىسى ۋە پاسپورتى ئېلىۋېلىنغان ھەمدە جەسەت كۆيدۈرۈپ تاشلانغان دىگەن .
بۇنىڭدىن بۇرۇن ، گانا جۇڭگو كان ئىشلىرى ئىشخانىسنىڭ كاتىۋى لۇچىغا مۇنداق دىگەن ، تەخمىنەن 30 غا يېقىن تۇپا قېزىش ماشىنىسى كۆيدۈرۈلدى ، بىۋاستە ئىقتسادى زىيان نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن .
لۇچى يەنە مۇنداق دىدى : " مەن دوستۇم بىلەن تۇنۇگۇن ئەتىگەن ئالاقىلاشقان ، لېكىن ھازىر ئالاقىلىشالمىدىم ،ئۇنىڭ تىرىك ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلمىدىم " .
ئالتۇنچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان خەينەنلىك لۇڭ ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دىدى :" جۇڭگولۇق ئىشچىلار گانادا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، ۋەزىيەت ئىنتايىن يامان ، ھۈكۈمەت ئارمىيسى جۇڭگولۇق ئىشىچىلارغا تازلاش ئېلىپ بېرىشتىن سىرت يەنە يەرلىك ئامما بىرلىشپ جۇڭگولۇق ئىشىچىلارنى بۇلىماقتا ، ئادەم ۋە مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىماقتا . "
لۇڭ ئەپەندى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى :" ھازىر گانادىكى ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلار ئاساسلىق گۇڭشىدىن بارغانلار بولۇپ ، 2007- يىلىدىن باشلاپ بېرىپ ئالتۇن قېزىشقا باشلىغان . ۋىزىنى گانا شىركىتى ئەۋەتىپ تەكلىپ قىلغان "
لۇڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دىدى :" قانداق ۋاستە قوللىنىپ بېرىش مۇھىم ئەمەس مۇھىمى ، ئادەم بولسا بولدى ، بولغاچقا نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر گاناغا بېرىپ ئالتۇن قازغان " .
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىسىىترلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭلېي مۇنداق بىلدۈردى :" دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ، گانا تەرەپ بىلەن ئىزچىل قۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى كۈتتى ، ھەمدە گانادىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .
قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش مۇنازىرە قوزغىدى
1957- يىلى مۇستەقىل بولغان گاناغا نىسبەتەن ئالتۇن زاپىسى مول بولغاچقا ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئالتۇن كان ئارقىلىق ئىقتىسادىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتتى . سانلىق مەلۇماتقا مەلۇم بولۇشىچە ، كان مەھسۇلاتلىلرى پۈتۈن گانا ئىكىسپورتىنىڭ % 30 نى ئىگەنلەيدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇننىڭ پۈتۈن كان مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى ئىسكىپورت قىلىنىش مىقتارى % 90 گە يىتىدىكەن .
ھازىر ، گانا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئون چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتىنىڭ بىر بولۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى ئافرىقا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ . شۇڭا بۇ " ئالتۇن قىرغاق " نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئىشلەمچىنى جەلىپ قىلغان ، بۇلۇپمۇ گۇاڭشىدىكى ئالتۇن قېزىش ئىشلەمچىلىرى كەينى - كەينىدىن گاناغا بېرىپ ئالتۇن قېزىشقا قاتناشقان .
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، گۇڭشى ئۆلكىسى شاڭلىن ناھىيىسىدە 10 مىڭغا يېقىن جۇڭگولۇق گاناغا ئالتۇن قېزىشقا كەتكەن . بۇ جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر گاناغا بارغاندىن كېيىن ، يەرلىك قارا تەنلىك گانا ئاياللىرى بىلەن ئوي ئوچاقلىق بولغان ، بەزىلىرى يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ مىليونىرغا ئايلانغان .
لۇڭ ئەپەندى مۇنداق بىلدۈردى :" جۇڭگو كارخانىلىرى گانانىڭ ئالتۇنچىلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش يەرلىك قەبىلە باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۈچۈن ، 25 ئىنگلىز مو كىلىدىغان بىر يەرنى ، 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە سېتىۋالغان . قەبىلە باشلىقى % 15 پايغا ئېرىشكەن . كان رايۇنى مۇقىم بولغاندىن كېيىن مال ئىگىسى مال ئېلىش تالونىنى ئېلىپ پورتقا بېرىپ مال ساقلاش ئورنىغا بېرىپ مالنى ئالغان ، بۇ رەسمىيەت ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن ھەق ھەم 7- كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە ۋاقىت كىتەتتى "
ئىگىلىنىشىچە ، گانانىڭ يېرى شەخسى ئىگىدارلىقىغا بولۇپ ، سودىگەرلەر پۇل ئارقىلىق يەرنى سېتىۋېلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن . ھەمدە ئىشچى تەكلىپ قىلىپ ، ئىشقا سالىدىكەن . ئەگەر 10 ئىشلەمچىدىن 6 سى جۇڭگو ، 4 سى يەرلىكلەر ئادەملەردىن ياللانغان . جۇڭگولۇقلار جۇڭگو شىركىتى بىلەن 1 - 2 يىلغىچە توختاملىشىپ ئىشلەپ ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەن بولغان .
لۇڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دىدى :" گانادا ھازىر ئالتۇن قېزىدىغان جۇڭگولۇق 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە بولۇپ ، گانا ھەر يىلى 89 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن . جۇڭگولۇق ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىشى ھەمدە يېرىم ماشىنلاشقان كۆلەملىك ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ، يەرلىكنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان .
گانادا ، چەت ئەللىكلەر 25 ئىنگىلىز مودىن كىچىك بولغان ئالتۇن كان ئېچىشقا يول قۇيۇلمايدۇ ، بىراق قانۇننىدىكى يەنە بىر كەمچىللىك چەت ئەللىك ئىشلەمچىلەر ھەم چەت ئەل ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كىلىپ ئىشلىتىشكە يول قۇيۇش بولغاچقا ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئىشلەمچى مۇشۇ پۇرسەتتە گاناغا بېرىپ ئىشلەپ قالغان . بۇ تەرەپ گانادا ئالتۇن قازىدىغان شىيالىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .ئۇ مۇنداق دىدى :" بىز قازىدىغان ئالتۇن ھەممىسى يەرلىكلەر بىلەن توختاملاشقاندىن كېيىن بولىدۇ ، ئىچىش ھوقوقى يەرلىك ھۈكۈمەتتە ، پەقەت جۇڭگو تەرەپ مەبلەغ سېلىپ ، ئەسلىھەلەرنى چىقىرىپ ، ئىككى تەرەپ پايدىدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ " .
جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنىڭ ئىگىلىشىچە ، بىر قىسىم جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخىس گانادا ئالتۇن قېزىش پائاليىتى بىلەن شوغۇللانغان ، بىر قىسىم قانۇنسىز ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ، كان ئەتراپى مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان . جۇڭگونى گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كۆپ قېتىم جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرگە گانا قانۇنىغا رىئايە قىلىشىنى ، گانا قانۇنىغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا ، تۇرىۋاتقان جاينىڭ مۇھىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان .