يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت ئىھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 15-دېكابىردىن باشلاپ 2013-يىل قىشلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ پويىز بېلىتىنى سېتىشنى قارار قىلغان.
تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىچە، 2013-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا ئۈرۈمچى ۋوگزالى داۋاملىق 12306 تورى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىققان ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپ بېلەت مۇلازىمىتى بېجىرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ بېلىتى ئېلىپ پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتى: بېرىش ۋاقتى 2013-يىلى 13-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە؛ كېلىش ۋاقتى 17-فېۋرالدىن 3-مارتقىچە بولىدىكەن. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېلىتى پەقەت قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بېلەت بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...