ئۈرۈمچىدىكى ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دېلوسى پاش قىلىندى

502 2013-01-08 09:47:55   ياشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   1  – ئاينىڭ 6 – كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ رايونلۇق ج خ تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى يېقىندا ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلغان.
   1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى سائەت 15 لەردە، مىدوڭ تارماق ئىدارىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى فەنموۋنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، يەنى توڭخۇي بازىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «يېشىل ماكان» مېھمانسارىيى دەرۋازىسى ئالدىدا، ساقچى كىيىمى كىيىۋالغان، ئۆزىنى ساقچى دەپ ئاتىۋالغان ئىككى ئەر ئۇنى سوراق قىلىپ، ماشىنىغا چىقىرىپ، قولىغا كويزا سېلىپ، مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭ 4600 يۈەن نەق پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن.
   بۇ دېلو خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئوبرازىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، مىدوڭ رايونلۇق تارماق ئىدارىسى بۇ دېلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى تېزدىن رازۋېتكا خادىملىرىنى تەشكىللەپ، بۇ دېلونى قول تۇتۇپ ئىشلىدى، ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنىڭ يالغاندىن ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى سائەت 17 لەردە، رازۋېتچىكلار جىنايەت گۇماندارى شيېموۋنى قولغا چۈشۈردى. شيېموۋ ياڭموۋ، جاۋموۋلار بىلەن بىرلىشىپ، مىدوڭ رايونى، يېڭى شەھەر رايونىدا ساقچى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.
   1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، رازۋېتچىكلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدىن، قېچىپ يۈرگەن جاۋموۋنى تۇتتى، ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ياڭموۋنى ئىزدەۋاتىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلمىغان، شۇڭا ساقچى تەرەپ يۇقىرىقىدەك ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن قاقتى سوقتى قىلىنغانلار ياكى بۇلانغانلارنىڭ تېزدىن ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ما فامىلىلىك ساقچى: 13999859597 ئەي ساقچى:

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博