تۇرپان- ئۈرۈمچى-تاقىرتاغ(داخۇاڭشەن) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ پارچە سايغان-ئۈرۈمچى يۆنىلىشىنىڭ 3510 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە 24-فېۋرال سائەت 6:30 لەردە ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلۋاتقان بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى بىلەن ھاك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇشۇپ كېتىپ،ئاپتۇبۇستىكى 11 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ،ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىراق ئىكەن.
مۇخبىر سائەت9:00 لاردا ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغاندا،قاتناش ساقچىلىرى بىلەن يول مەمۇرىيىتى خادىملىرى ھادىسە يۈز بەرگەن جاينى تازىلاپ ئادالاۋاتقان بولۇپ، قاتناش سائەت 10:00 لاردا نورمالاشقان.
يەنە بىر ئاپتوموبىل يولى ئاساسەن ئوچۇق بولغانلىقتىن،بۇ ھادىسە قاتناشقا ئانچە تەسىر يەتكۈزمىگەن.يارىدارلار ئاپتونوم رايونلۇق "خەلق"دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىنگەن.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە،ھادىسىدە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ،يارىسى ئېغىراق ئىككىيلەننىڭ ئەھۋالى داۋاملىق كۆزىتىلىۋاتىدۇ. ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۋاتىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...