بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇلتۇر يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلار 15 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ ، بۇ يىل ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن . تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئەمەلىيەتتە ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭدا بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېز بولغان .
بۇلتۇر، پۈتۈن شىنجاڭدا يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ ، ئۆزلىكىدىن باج تاپشۇرۇشقا تىزىملاتقانلار 27 مىڭ 235 بولۇپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 21 مىڭ 560 ئادەم كۆپ بولغان ، دېمەك 6000 غا يېقىن كىشى كۆپەيگەن . ۋاھالەنكى ، 2007-يىلى تۇنجى قېتىملىق ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە ، پۈتۈن شىنجاڭدا پەقەت 7009 كىشى باج تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان . ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن ئىلتىماس قىلغۇچىلار 3517 ئادەمگە يەتكەن .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...