ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا رېستورانلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېستورانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش چارىسى، شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلار ۋە يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكىلەرگە چىقارغان تەشەببۇسنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈلنىسا ساۋۇر مۇنداق دېدى: بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رېستورانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، رېستورانلارنىڭ مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئادىل بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ساغلام ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ، تېجەشلىك ئىستېمالنى تەشەببۇس قىلىپ، تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
گۈلنىسا ساۋۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رېستورانلاردا ھەرقانداق شەكىل، نام بىلەن ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقى، رېستورانلار ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى (ئايرىمخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى، بوتۇلكا ئېچىش ھەققى، يېمەكلىك، ئىچىملىكلەرنى ئىستېمالچىلارغا مەجبۇرىي تېڭىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بايقالسا، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى)نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 11 – ۋە 50 – ماددىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى خەلق رايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، بۇنىڭغا 1 – قول رەھبەر مەسئۇل بولۇش، ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...