20-فېۋرالغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 561 مىڭ 553 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي ئاپتوموبىللار 383 مىڭ 644 كە يېتىپ، بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ %70 ىنى ئىگىلىگەن. يېڭى قاتناش بەلگىلىمىسىنىڭ تەسىرىدە، 2-ئايدا شوپۇرلارنىڭ سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەشتەك قىلمىشلىرى %35.8 ئازايغان، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بارلارنىڭ سانى 535 مىڭ 761 غا يەتكەن.
26-فېۋرال، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 20-فېۋرالغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 561 مىڭ 553 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %22.77 كۆپەيگەن، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %1.88 ئاشقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 359 غا يەتكەن بولۇپ، لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ سانى 12 مىڭ 758 كە يېتىپ، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %73.5 بولغان.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...