شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە تامدىكى سىمونت پارچىسى چۈشۈپ ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان

9 2012-10-09 12:06:14   iyaxin.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ياشىن تورى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 15دە ئۈرۈمچى شىياۋشىمېن چېڭگۇڭ سودا سارىيىنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئالى مەكتەپ 2-يىللىقىدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچى لىي جى جيېگە تەگكەن،لىي جى جيې قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.

  شۇ كۈنى سائەت 17دە مۇخبىرلار نەق مەيدانغا بارغاندا ،ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى بىلەن توساپ قويغان سودا ساراي ئالدىدا سىمۇنت پارچىلىرى تۇراتتى ،بىر ماشىنىنىڭ كەينى شامال توسۇش ئەينىكى چېقىلغان ،مۇخبىرلار يەنە تامدىكى تەخمىنەن 2مېتىر سىمونت پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

 <سائەت 15 لەر ئەتراپىدا مەن دوكاندا خېرىدارلارنى كۈتۈۋاتقان ،يارلانغا يىگىت دوكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا تويۇقسىز ئۈستىن بىر پارچە سىمونت پارچىسى چۈشۈپ يىگىتكە تىگىپ يەرگە يىقىتقان ،كەينىدىن بىر كىشى 120 گە تېلىفۇن قىلغان،شۇ ۋاقىتتا يىگىت يەردە مىدىرلىماي ياتاتتى ،يۈزى كۆكىرىپ ئاغزى ،بۇرنى ۋە بېشىدىن قان چىقاتتى>پۈتۈن جەرياننى كۆرگەن سودىگەرچېن خانىم شۇنداق دېدى،كېيىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ كېلىپ يىگىتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.

  كەينىدىن مۇخبىرلار ئاپتۇنۇم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە لىي جى جيېنىڭ ياتاقدىشى سەيياڭنى ئۇچراتتى،سەيياڭنىڭ دېيىشىچە ،ئۇلار شىنجاڭ ئىنىرگىيە كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ 2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ لىي جى جيې بۇ يىل 19ياش،ئۆيى تىكەس ناھىيىسىدە ئىكەن.<بۈگۈن 10.1چوڭ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى،ئۇ قىز دوستىنى ئۇزىتىپ پويىز ئىستانىسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن بىز بىللە غۇلجىغا بىرىپ ئوينىماقچى بولغان،لېكىن ئويلىمىغان يەردىن...>سەيياڭ تىتىرگەن ئاۋازدا شۇنداق دېگەن.

  جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە بىر قىز لىي جى جيېنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى،سەيياڭ مۇخبىرلارغا ئۇ قىزنىڭ لىي جى جيېنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي لىي جىجيېنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقاندا قىز يەردە ئولتۇرۇپ قالغان.<بىز بازار ئايلىنىپ بولۇپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ماڭغان،ئۇ كەينىمدە ماڭغان ئىدى ،تويۇقسىز <بېڭ>قىلغان ئاۋاز بىلەن كەينىمگە بىر نەرسىلەرئۇرۇلدى مەن بېشىمنى تۇتۇپ ئىككى قەدەم مېڭىپ كەينىمگە قارىسام ئۇ يەردە مىندىرماي ياتاتتى >قىز يەنە<مەن بۈگۈن كەچ سائەت 10نىڭ پويىز بېلىتىنى ئالغان،ئۇ مېنى ئۇزىتىمەن دېگەن لېكىن نىمە ئۈچۈن مېنى تاشلاپ كېتىدۇ >دەپ يىغلىغان.

   چېڭگۇڭ مەيدانىنى باشقۇرىدىغان شىنجاڭ رۇيى مۆلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مەسئولى مۇخبىرلارغا بۇنداق ئىش يۈز بەرگىنىدىن بىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز ،بىز چوقۇم تولۇق ھەممە مەسئولىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ئۆلگۈچىنىڭ قالدۇق ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز دېگەن.لىي جى جيېنىڭ ئاتا -ئانىسى ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان يول ئۈستىدە ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博