گرۇزىيەدىكى 132 ياشلىق موماي قازا قىلدى

0 2012-10-09 10:12:13   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  ئەنگلىيە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 7- ئۆكتەبىر خەۋىرىدە ، گرۇزىيەدىكى 132 ياشلىق ئەڭ ئۇزۇن ئۈمۈر چولپىنى Antisa Khvichava قازا قىلدى .

   بۇ موماينىڭ ھايات چېغىدا بايان قىلىشىچە ، ئۇ روسىيەنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى ۋە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن ، ھەمدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گۈللەنگەن ۋە پارچىلانغان دەۋرىگە گۇۋاھ بۇلالايدىكەن . بۇ موماينىڭ بىر ئوغلى بولۇپ ، 12 نەۋرىسى 18 ئەۋرىسى ۋە 4 كۆكۈن نەۋرىسى بار ئىكەن . ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەن ئوغلى مىرخايىلنى 60 ياشقا كىرگەندە تۇغقان .

  بىراق بۇ موماينىڭ تۇغۇلغانلىقى ئىسپاتى يوقاپ كەتكەنلىكىتىن تۇغۇلغان يىل ئاي كۈننى بېكىتىش قېيىن بولغان . يەرلىك ھۈكۈمەت بۇ ئايالنىڭ تۇغۇلغان ئىسپاتىنى ۋە بىر قىسىم ماتىرياللارنى چىقىرىشقا ماقۇل بولغان ، خوشنىسىمۇ ، بۇ ئايالنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرگەن ئايال دىگەن ئىسپاتنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

  ئىگىلىنىشىچە ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۈمۈر چولپىنى فىرانسىيىلىك Jeanne Calment ئىسىمىلىك موماي بولۇپ ، 122 ياشقا كىرىپ قازا قىلغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر