1.دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئەڭ چوڭ قوڭغۇراق مۇنار: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككە خان جەمەتى مېھمانخانىسى قوڭغۇراق مۇنارى
مەككە خان جەمەتى مېھمانخانىسى قوڭغۇراق مۇنارى بولسا، ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان مەككىگە جايلاشقان مۇرەككەپ تۈزۈلمىلىك ئىمارەت، 2011-يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن تارتىپ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قوڭغۇراق مۇنارى،ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا، ئەڭ چوڭ سائەت شكالا تاختىسى قاتارلىق دۇنيا رېكوردلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى،شۇنداقلا ئۇ يەنە دۇبەيدىكى خەلىپە مۇنارىدىن قالسىلا ئىككنچى ئېگىز ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنڭ يېنىدىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەككە مەسچىتى بار. ساياھەتچىلەر ھەتتا مۇناردىن 16 ئىنگلىز مىلى يىراقتا تۇرۇپمۇ مۇنار ئۇچىدىكى ئالتۇن رەڭلىك ئاينى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ.
2.دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسار ئەتىقە مۇزېيى : مىسىر چوڭ مۇزېيى
550مىليون مەبلەخ سېلىنغان، ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە مىسىر چوڭ مۇزېيى 2013-يىلى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. كۆلىمى 210 ئىنگلىز مو كېلىدىغان، ئەلئېھرام بىلەن پەقەت بىر ئىنگلىز مىلى يىراقتىكى بۇ مۇزېيدا 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە رامېسسىد ھەيكىلى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمكى مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
3.دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋ : پىل چىشى قىرغىكىدىكى يامۇسسۇكروغا جايلاشقان بۈۋى مەريەم تىنچلىق چېركاۋسى
300مىليون مەبلەخ سېلىنغان بۇ بۈۋى مەريەم تىنچلىق چېركاۋسى 1989-يىلى سېلىنغان، 11000ئادەم سىغدۇرالايدۇ، ھەجمى ۋاتىكاندىكى سانت پېتر چېركاۋسىنى نەچچە قاتلايدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلىشىغا فىرانسىيەدىن كىرگۈزۈلگەن مەر مەر تاش ۋە خىلمۇ-خىل رەڭلىك ئەينەك بۇيۇملار ئىشلىتىلگەن.
4.ئەڭ چوڭ ئىمارەت: دۇبەيدىكى خەلىپە مۇنارى
خەلىپە مۇنارى يەنە دۇبەي سودا-سارىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى دۇبەيدىكى ئېگىز بىنا، جەمئىي 162 قەۋەت، بىنانىڭ ئېگىزلىكى 828 مېتىربولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت.
5.ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى قار تېيىلىش مەيدانى: ستوكگولمدىكىSkipark360
قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان شۋېتسىيەلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈز يەرمۇ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. داڭلىق ئارخىتېكتور C. F. M?ller لايىھىلەۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى قار تېيىلىش مەيدانىSkipark360° يەنە 3 يىلدىن كېيىن سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ.ئۇ يەنە3.5مىڭ مېتىرلىق قار تېيڭلىش تونىلى، خوككېي توپى مەيدانى، چاڭغا باغچىسى، ئارىشاڭ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6.ئەڭ چوڭ چېدىر: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدىكى چوڭ خان چېدىرى
2006 -يىلى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن خاقان كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى(يەنى خان ئائىلىسى چېدىرى)، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىزلىكى 500 ئىنگلىزچىسى كېلىدىغان، سۈزۈك ئەينەك چوققۇلۇق بۇ يوغان چېدىر، نۆۋەتتىكى كېرىلىش كۈچ تۈزۈلمىلىك ئىمارەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىزى. بۇ كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى يەنە دەريا ئېقىنى، كىچىك گولف ھاراق زاۋۇتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەنزىرە باغچىسى ۋە دۇكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7.دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت: ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى The Boeing Everett زاۋۇتى
The Boeing Everett زاۋۇتى سېئاتلنىڭ 25 ئىنگلىز مىلى شىمالىغا جايلاشقان. 472,000,000 كۇب مېتىر كېلىدىغان بۇ زاۋۇتتا ئىشچىلار موردېنت ئايرۇپىلانى قوراشتۇرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن زاۋۇت ھەر كۈنى 90 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىدۇ.
ئەنگىلىيىدە بېشى ‹ئاستى-ئۈستى ئالمىشىپ قالغان قوي›پەيدا بو...
ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان:دەرىس ۋا...
‹قاتىللىق قۇرالى›AK47 مىلتىقى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ دۇنيا...
ئەنگلىيەدىكى ئوغرى مۈشۈك خوشنىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئوغرىلايد...
مۈشۈكياپىلاق بالىلىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى ئۈچۈن قۇچاقلىش...
جۇڭگو دۆلەت كارخانىسى خەلقىئارا مىلان كۇلۇبىغا پايچەك بولم...
ئەنگىلىيەدە يول يۈزىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئەر دولقۇن...