ئەنگىلىيەلىك Barrett ماشىنىنىڭ تارتىشى بىلەن دولقۇن كىزىپ ئىشقا ماڭماقتا
جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدە يېقىندا ئۇدا كۈچلۈك يامغۇر ياغقانلىقتىن قىسمەن كۇچىلارنى كەلكۈن بېسىپ كىتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. غەربى يوركىشىرلىق بىر ئەر تۇيۇقسىز غەلىتە خىيالغا كىلىپ، بىۋاستە دولقۇن كىزىپ ئىشقا بارغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، Oli Barrett ئىسىملىك بۇ ئەر ئەزەلدىنلا سۇ ئۈستى تەنتەربىيەسىنى ئالاھىدە ياخشى كۈرىدىغان بۇلۇپ، كەلكۈن بېسىپ كەتكەن قىسمەن يوللار ئۇنىڭغا ئىلھام بىرىپ دولقۇن كىزىپ ئىشقا بېرىش خىيالىنى ئاتاقىلغان. ئۇ بىر ئارقاننى دوستىنىڭ ماشىنىسىغا چىگىپ، ئۈزى ئارقاننى تۇتۇپ سۆرەلگەن، پۇتىدا دولقۇن كىزىش تاختىسى بار بۇلۇپ دولقۇن بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن.
ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە ئىشقا بېرىش ئۇسۇلى ناھايىتى تىزلا ئامما ۋە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، لىكىن يەرلىك ساقچى تەرەپ ئاممىغا يىنىكلىك بىلەن دولقۇن كىزىپ ئىشقا بىرىشنى تەقىلىد قىلماسلىقنى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر ئەنگىلىيەدە 1981-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ئىكەن. ھازىرغا قەدەر كۈچلۈك يامغۇر ئىنگىلاندنىڭ شىمالى قىسمىدىكى موپىس، دالىم قاتارلىق جايلاردىكى 400 تۇرالغۇ ۋە كارخانىنى بېسىپ كەتكەن بۇلۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئامالسىز ۋاقىتلىق تۇرالغۇلارغا كۈچۈپ بېرىپ تۈنىگەن.