ئونۋىرسال چەت ئەل خەۋەرلىرىنىڭ 26- سىنتەبىر خەۋەر بىرىشىچە ، پاكىستاننىڭ توي قىلىپ بولغان نازاكەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىنا . رابانى . خارنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ كىچىك ئوغلى بىلاۋور . بۇتا . زەردارى بىلەن " ئاچا ئۇكا ئاشىق - مەشۇق " لۇق مۇناسىۋىتى ئاشكارلاندى . ئىككىسى پات ئارىدا سىياسى سەھنىدىن ئايرىلىپ ، شېۋىتسارىيەگە بېرىپ ئۆزىنىڭ رومانتىك داچىسىنى قۇرماقچى بولدى .
سىنا . خار 35 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، پاكىستاننىڭ ئەڭ ياش تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ، ئۇنىڭ ئېرى پاكىستاننىڭ سودا پىشۋاسى گوزار بولۇپ ، ئىككى قىزى بار . پاكىستاننىڭ بۇ چىرايلىق ھەم نازاكەتلىك ئايال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىياسى ساھەدە نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ چوقۇنىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان . بىراق بېنگال ۋە ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى ساھىبجامالنىڭ " چۈمبەردىسىنى " ئاچتى ، ھەمدە ئۇنىڭ نىكاھتىن سىرت يەنە باشقا بىر ئەر بىلەن بولۇپمۇ ئۆزىدىن 11 ياش كىچىك بولغان زۇڭتۇڭنىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىدى . بۇ ئىككىسىنىڭ بىللە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، سىياسىدىكى ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىپ ، ئۈمۈرۋايەت بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقچى بولغان .
زۇڭتۇڭنىڭ كىچىك ئوغلى بىلاۋور" بۇ يىل يىل ئاخىرىدا سىياسى سەھنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، پاكىستاندىن باشقا دۆلەتكە كىتىمەن " دىگەن . سىنا . خارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ مۆلچەرلىنىشىچە مۇشۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئاياقلىشىدىكەن ، ئۇ چاغققىچە ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ ، بىلاۋور بىلەن شىۋېتسارىيەگە بېرىپ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن .
زۇڭتۇڭ زەردارى ئوغلى بىلاۋور بىلەن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى سىنا . خارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنلا بىلگەنلىكىنى ، ھەمدە بۇ خىل مۇناسىۋەتكە قارشى تۇرغانلىقىنى ئاشكارلىغان ، ئۇ بىلاۋۇرنىڭ سىياسى ھاياتىدىن ئەندىشە قىلغان . بۇ سەتچىلىك بىلاۋۇر باشچىلىقىدىكى خەلق پارتىيىسىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن .
" Blitz" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، زۇڭتۇڭ زەردارى ئىككىسىنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن سىنا . خارغا تەھتىد سېلىپ ئېرىنىڭ شىركىتىنى ۋەيران قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان .
پاكسىتان ھۈكۈمىتى سىنا . خار بىلەن بىلاۋۇرنىڭ بۇ " ئاچا - ئۇكا ئاشىق - مەشۇق " لۇق مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلغان . بىراق " پاكىستان ۋاقىت گېزىتى " نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پاكىستاننىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى شەخسەن ئاشكارلاپ ، سىنا . خارنىڭ باي ئېرىنىڭ 25- سىنتەبىر ئىچكى كابېنىتقا ئايالىنىڭ تېلىفۇن خاتىرسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .
بىلاۋور زەردارى پاكىستاننىڭ قەستكە ئۇچرىغان زۇڭلىسى بىنەزەر بوتتۇنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئاپىسى بىلەن چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن . ئاپىسى بىنەزەر . بوتتۇ قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ،كىچىك بىلاۋۇر ئاپىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن سىياسى سەھنىگە قەدەم قۇيۇپ 19 يېشىدىلا خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان .
زۇڭتۇڭنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى بىلاۋور بىلەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى سىنا . خار
پاكسىتان زۇڭتۇڭى زەردارى
پاكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى سىنا . خار
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...