جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: پادىچى ئىتنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى بولسا ئۇلارنىڭ خىزمىتى يايلاقتا قوي توپىنى قوغلاپ يۈرۈشتىن ئىبارەت. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى جېس دەپ ئاتىلىدىغان Springer پادىچى ئىتى پادىچى ئىتلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى يەنە كىڭەيتتى. قوي تۇپىنى قوغلاشتىن باشقا يەنە كۈيۈمچان جېس سۈت بۇتۇلكىسىنى چىشلەپ پاقلانچاققا سۈت ئىچۈردى.
جېسنىڭ خۇجايىنى لويىس مورخاس دىۋون ئۆلكىسىدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خۇجايىنى. ئۇ 10 ياشلىق جېسنىڭ نەرسىلەرنى چىشلەشكە ئىنتايىن ئامراقلىقىنى، داۋاملىق يەم خەشەك چىلىكىنى چىشلەپ تۇرۇپ قوي توپىغا يەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جېسقا سۈت بۇتۇلكىسىنى چىشلىتىپ پاقلانلارغا سۈت بەرگۈزۈشنى سىناپ باقتى. بىر ئاز مەشىق قىلدۇرۇشتىن كىيىن جېس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان " سۈت بىرىش ئىشچىسى " غا ئايلاندى.
مۇرخاس :" جېس سۈت بۇتۇلكىسىنى چىشلەپ يۈگۈرۈپ يۈرۈيدۇ، سۈتنى ھەممە يەرگە تۈكىۋەتكەندىكى قىياپىتى بەكلا قىزىقارلىق. بەزىدە ئۇ قارىماققا ' مېنىڭ قىلغىم يوق ' دەۋاتقاندەكلا كۈرۈنىدۇ، لىكىن ئۇ بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۈرىدۇ." دېدى.